رابىيە قادىر: جاڭ چۈنشيەننىڭ ۋاڭ لېچۈەندىن پەرقى پەقەت سۆزدە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، بىرقانچە كۈندىن بېرى ئاخباراتقا قىلغان پەرقلىق سۆزلىرى بىلەن مەشھۇر شەخسكە ئايلىنىۋاتىدۇ.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.03.10
Rabiye-qadir-RFA-305 ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ RFA ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﻣﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo

بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونى توغرىسىدىكى بىر قىسىم قىيىن سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى ئاخباراتچىلارنىڭ ئالقىشلىرىغا ئېرىشىۋاتىدۇ. جەنۇبىي جۇڭگو پوچتىسى گېزىتىگە ئوخشاش بەزى ئاخبارات ئورۇنلىرى ئۇنى «يېڭى يۈكسىلىۋاتقان سىياسىي چولپان» دەپ مەدھىيىلەۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇندىن بۇرۇنقى خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن پەرقى نېمە؟ جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزلىرى ۋە ماختىلىۋاتقان سۈپەتلىرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ بىز بۈگۈن بۇ ھەقتە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

سوئال: ئىككى يىغىن داۋامىدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزلىرى سەۋەبلىك جاڭ چۈنشيەن ئېرىشىۋاتقان ئالقىشلارغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزلىرى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق ئۇيغۇر رايونىدا ھۆكۈم سۈرگەن كونا-يېڭى ئەمەلدارلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئەلۋەتتە مەلۇم دەرىجىدە ئوچۇق ‏- ئاشكارا ۋە راستچىل، بۇ نۇقتىدىن بۇ ئالقىشقا ئېرىشىشكە ھەقلىق. ئەمما، ئۇيغۇر رايونىنىڭ رېئاللىقىغا نىسبەتەن ئېيتساق، بولۇپمۇ رايوننىڭ مەسىلىلىرىگە چارە تاپالىشى نۇقتىسىدىن ئېيتساق، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى ئوچۇقلۇقمۇ، توغرىلىقمۇ يېتەرلىك ئەمەس. ھەتتا بەزى نۇقتىلاردا مەسىلىلەرنى يوشۇرۇۋاتقانلىقى ۋە پەدەزلەۋاتقانلىقى ئېنىق. مەسىلەن، جاڭ چۈنشيەن سۆزىنىڭ ھېچبىر يېرىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاساسى مەسىلىنىڭ مىللىي مەسىلە ئىكەنلىكى تىلغا ئالمىدى. ھەتتا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي تەڭسىزلىكنى شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ پەرقى دەپ پەدەزلەپ ئۆتۈپ كەتتى. ھەممىگە ئېنىق بولغان ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي تەڭسىزلىكنى ئاشكارا تىلغا ئالمىغان بىر رەھبەرنى قانداقمۇ ئوچۇق-سۆزلۈك ۋە راستچىل دېگىلى بولسۇن؟

سوئال: جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزلىرى ئىچىدە سىزگە تەسىر قىلغان پارچىلار بارمۇ؟ بولسا قايسىلار؟

جاۋاب: مېنى تەسىرلەندۈرگەن ياكى ھەيران قالدۇرغان پارچىلىرى يوق؛ پەقەت دىققىتىمنى تارتقان نۇقتىلار بار. مەسىلەن ئۇنىڭ «شىنجاڭدا مۇقىملىق قارىماققا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت، ئەمما، مۇقىملىقنىڭ ئاساسى ئاجىز»، «شىنجاڭنى باشقۇرۇش تارىختىن بۇيان قىيىن بولۇپ كەلدى» ۋە «ھاكىمىيەتنى قوغداشتا ئەڭ ياخشى مۇداپىئە خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلىرى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مىللىي كەمسىتىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئېلىشىمۇ، بىز يىللاردىن بېرى خەلقئارا جامائەتكە بىلدۈرۈشكە تىرىشىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر.

سوئال: مانا مۇشۇ سۆزلىرىگە ئاساسەن جاڭ چۈنشيەننى نىسبەتەن مۆتىدىل ياكى زامانىۋى ۋە ياكى دېموكراتىيىگە مايىل ئەمەلدار دەپ ئاتاشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئەپسۇسكى، ياق. چۈنكى زامانىۋىلىق، ئىسلاھاتچىلىق ھەرگىز قۇرۇق گەپ بىلەن بولمايدۇ. جاڭ چۈنشيەننىڭ ۋاڭ لېچۇەندىن بىز بايقىغان پەرقى پەقەت بىر، ئۇ بولسىمۇ سۆزدە. مەسىلەن ۋاڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى باش كۆتۈرگەن ھامان ئۇرۇش، بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇش» دەيتتى؛ جاڭ بولسا، «قانۇن ۋە تەرتىپ بويىچە جازالاش» دەيدىغان بولدى. بىراق ئىجرائىتتا، جاڭ چۈنشيەن كەلگەندىن بېرى ھېچقايسى ساھەدە ھېچبىر يېڭىلىق كۆرمىدۇق. ئۆلۈم جازالىرى توختاپ قالغىنى يوق؛ مەھبۇسلارنىڭ ھېچبىرىگە كەچۈرۈم بېرىلگىنى يوق، ئەكسىچە تۇتقۇنلار داۋاملىشىۋاتىدۇ. مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بىر تەدبىر ياكى بەلگىلىمە چىقىرىپ باققىنىمۇ يوق. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ياخشىلاش دېگەنلىكى، ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاش دېگەن مەنىنى بەرمەيدۇ، چۈنكى مۇنداق نەتىجىمۇ بولغان ئەمەس.

سوئال: جاڭ چۈنشيەننىڭ خەلققە خىتاب قىلىش ئۇسلۇبىغا ۋە بۇ قېتىم كۆپ ساندا مۇخبىرلارنى قانائەتلەندۈرگەن جاۋابلىرىغا قاراپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىك ئۇسلۇبىنى ئاقىلانە بىر ئۇسلۇب دېيىشكە بولامدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر خەلقىگە پايدىلىق بىرەر ئىشلارنى كۈتۈش مۇمكىنمۇ؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە، خەلقىمىز دۈشمىنى بولسىمۇ، نادان ۋە تەلۋە بولغاندىن، ئاقىلانىراق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، ئاقىلانىلىك ئادالەت ئۈچۈن ئىشلىتىلمەي شەخسىي ياكى شوۋىنىست بىر مەنپەئەت ئۈچۈن ئىشلىتىلسە، بۇنىڭ زىيىنى تەلۋىنىڭ زىيىنىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ. بۇنداق چاغدا مىللەت پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىنىدۇ؛ تەقدىرىنى ئوڭلاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاخىرقى چارىسىنى قوللىنىدۇ. بۇ چاغدا ئۇيغۇر رايونى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرگە سەھنە بولىدۇ. بىز بۇنىڭ كىچىك بىر مىسالىنى 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىدە كۆردۇق.

سوئال: مەتبۇئاتتىكى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، جاڭ چۈنشيەننىڭ مىجەز-خاراكتېرىنىڭ چىقىشقاقلىقى، تۇرمۇشتا ئاددىي-ساددا ئىكەنلىكى، مەسىلىلەرگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتە ھۇجۇمكار ئەمەسلىكى مەلۇم. جاڭ چۈنشيەندىكى بۇ خۇسۇسىيەتلەرنىڭ، رايوننىڭ مۇقىملىق سىياسىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ قورقۇنچ ۋە ئەندىشىدىن بىر مەھەل بولسىمۇ خالىيراق ياشىشىغا پايدىسى بولماسمۇ؟

جاۋاب: سىز تىلغا ئالغان بۇ خۇسۇسىيەتلەر ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بەخت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، بىراق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دەردىگە دەرمان بولالمايدۇ. مەنچە، ئەگەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە راستىنىلا بىر خىتاي رەھبەردىن چارە كۈتۈشكە توغرا كەلسە، بۇ كىشى چوقۇم كۈچلۈك بىر ئىسلاھاتچى روھقا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ كىشى نۆۋىتى كەلسە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگىمۇ قارشى گەپ قىلالايدىغان جاسارەتكە، ئۆزىنىڭ خىتاي خەلقىغىمۇ قارشى گەپ قىلالايدىغان ھەققانىيەتچى خاراكتېرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇنداق بىر خاراكتېردىكى كىشىنى خىتاي مىللىتىدىن كۈتۈشكە بولمايدۇ دېيەلمەيمەن، ئەمما ھازىرقى سىياسىي سىستېمىدا بۇنداق بىر كىشىنىڭ چىقىشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىمنى كېسىپ ئېيتالايمەن.

سوئال: تىبەت پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چىڭلىنىڭ سىز ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: مېنىڭ خەلق ئىچىدىكى تەسىرىم (ئىززەت-ھۆرمىتىم) ھەققىدە بېرىلگەن باھالارغا ئەلۋەتتە دىققەت قىلىمەن، ئەمما، خەلقنىڭ رايىدىن قورقىدىغان، خەلقنىڭ رايىنى سىناشنى تەھدىت دەپ قارايدىغان كىشى ياكى گۇرۇپپىلارنىڭ خەلقنىڭ باھاسى ھەققىدە توغرا يەكۈن چىقىرىشىغا، چىقارغان تەقدىردىمۇ توغرا بايان قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. ئەسلىدە بۇنداق بىر كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ خەلق ئىچىدىكى تەسىرىگە باھا بېرىش سالاھىيىتى بولماسلىقى كېرەك ئىدى.
جاڭ چىڭلى مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئىرادىسىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ۋەكىلى، شۇڭا ئۇنىڭ باھاسىنى تەتۈر نۇقتىدىن چۈشىنىمەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.