يېقىندا شاڭخەيدىن يۈ جوڭخۇەن ئىسىملىك بىر شەھەر ئاھالىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئاتا-بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان خۇسۇسىي مۈلكى --- ئۆي-زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ يازغان ئەرزىنى، «خىتايغا نەزەر» تور گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈستىدىن قىلىنغان بۇ شىكايەتنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 90 يىللىق «غەلىبىسى» نى تەبرىكلەپ بايرام قىلىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كەلدى.
«خىتايغا نەزەر» تور گېزىتى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈستىدىن قىلىنغان بۇ ئەرزنىڭ ئەسلى تېكىستىگە ئاساسەن مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: ئەرزدار شاڭخەينىڭ پۇدوڭ رايونىدا تىرىكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان يۈ فامىلىلىك ئاكا-ئۇكىلاردىن تىرىك قالغانلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ شىكايەت قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مىراس بولۇپ قالغان ئىككى مو يەر ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان بىر نەچچە ئېغىزلىق ئۆي مۈلكى مىڭ، چىڭ، مىنگو دەۋرلىرىگىچە بولغان 400 يىل ئىچىدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنماي ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇلىۋالغان. يېرىنى «يەر ئىسلاھاتى» دېگەن نام بىلەن دەسلەپتە «كوللېكتىپ مۈلكى» گە ئايلاندۇرۇپ، كەينىدىن كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەت مۈلكى» قىلىۋالغان.
بۇ ئەرزدارنىڭ سىنىپ تەركىبى يۇقىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆيلىرى «ئومۇم» نىڭ (كوممۇنىست پارتىيىنىڭ) قىلىۋېتىلمەي بىر مەزگىل ساقلىنىپ قالغان.
ئەرزدارنىڭ ئاتا مىراس خۇسۇسىي مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىش پىكرى ناھايىتى قەتئىي بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ھەرخىل تۆھمەتلەرنى چاپلاپ، ئاخىر 90-يىللاردا ئۇنى تۈرمىگە تاشلىغان. ئۇ، جازا مۇددىتىنى 2003-يىلى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى بىر تۈرمىسىدە تۈگىتىپ شاڭخەيگە قايتقاندا، شاڭخەيدىكى ئۆيلىرى ئاللىقاچان چېقىپ تاشلانغان، ئۇنىڭ قوشنىلىرىمۇ مەھەللىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، بۇ زېمىنغا خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرى باھالىق تاۋار ئۆي-بىناسى سېلىۋالغان، بۇ بىناغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى كۆچۈپ كىرىپ بولغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ خۇسۇسىي مۈلكىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئەرز قىلىۋاتىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇنىڭ ئەرزنى ئاڭلىمايدۇ، ئادالەتسىزلىك ھەققىدە گەپ قىلسا، ساقچىلار ئۇنى تۇتۇپ كېتىپ ئازابلايدۇ. بېيجىڭغا ئەرز قىلسا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئەرزنى شاڭخەيگە چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ھازىر «كوممۇنىست پارتىيە ئاتا مىراس مۈلكۈمنى قايتۇرۇپ بەرسۇن» دېگەندىن ئۆزگە شوئارى يوق. ئۇ، ئاتا مىراس مۈلكىنى قوغداش ئۈچۈن ھازىر يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ تۇرۇۋاتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەپ بايرام قىلىش ئۈچۈن ھازىر، يازغۇچىلارنى «كوممۇنىستىك پارتىيە ئېرىشتۈرگەن بەخت» دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىپ مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈۋاتىدۇ. بەزى ياللانما ئەدىبلەر ھازىر يەنىلا كوممۇنىستىك پارتىيىدىن مەنپەئەت تاما قىلىپ مەدھىيە يېزىشقا باشلىدى. ئەمما ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە يەنە، خىتاي خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان ئاۋازلىرىمۇ چىقىۋاتىدۇ.
بۈگۈن «خىتايغا نەزەر» تور گېزىتىنىڭ مۇنازىرە بېتىدە، تور ئەھلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە لەنەت ياغدۇردى. بۇنىڭدىكى خىتايدىن يېزىلغان ئوبزورلاردا، بۇ شاڭخەيلىك ئەرزدار ئىنكاس قىلغان ئەھۋال پۈتۈن خىتايدا ساقلىنىۋاتقان بىر چوڭ مەسىلە، خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيىسى باندىت، كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇلاڭچى ھۆكۈمەت، مۇستەملىكە قىلىنىۋاتقان باشقا مىللەتلەرنىڭ بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراش ئەھۋالى خىتاي خەلقنىڭ ئەھۋالىدىنمۇ ئېغىر، ھازىرقى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە خۇددى تىلەمچى مەزلۇملاردەك زارلىنىشتىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمايدۇ، دېگەن مەزمۇنلار ئىپادىلەندى.