دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسلىھەتچىسى رىزا سەمەدى: قەشقەر ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشى كەسكىن نارازىلىقىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەدىمىي شەھەرلىرىدىن بىرى خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ مىڭ يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان قەشقەردە تەكرارلىنىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم قوزغىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى ھەم تۈپ مەقسىتىنى بۇرمىلاۋاتقان بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەت» دەپ باھالىشى چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسلىھەتچىسى رىزا سەمەدى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەققىدىكى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.