ئىككى نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن جازالىنىشىنىڭ ئارقىسىدىكى سىرلار

0:00 / 0:00

«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ھارپىسىدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى چەت ئەل مەبلىغىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسى (OFAC) تەرىپىدىن ئىككى خىتاي ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز دۆلەتتىكى 20 شەخسكە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشى سەۋەبلىك جازا يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ خەۋەرنىڭ چىقىشى يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش سەۋەبلىك خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بېسىقىپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى قايتا قىزىق تېمىغا ئايلاندۇردى. مەزكۇر جازا تىزىملىكىدىكى ئىككى خىتاينىڭ بىرى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە ئىلى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گاۋ چى (高琪) ؛ يەنە بىرى، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ ليەنخې (胡联合) دۇر.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئاللىبۇرۇنلا ئامېرىكانىڭ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ دەل گاۋ چى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىلى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى تۇرىدىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ ئالىي ساقچى ئورگىنىدۇر. يەنە كېلىپ گاۋ چىمۇ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقلىق سالاھىيىتىدە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى باستۇرۇشقا قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك، ئۇ ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەنگەن. مەزكۇر باياناتتا يەنە، خۇ ليەنخې خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي مەركىزىدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونى سىياسىتىنى بەلگىلەشتە ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى؛ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش نىزامى» نى تۈزۈش ۋە ئۆزگەرتىشكە قاتناشقانلىقى؛ شۇنداقلا مەزكۇر نىزامنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدىكى «قايتا تەربىيەلەش ئورنى»، رېئاللىقتىكى لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلىگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا خۇ ليەنخېنىڭ «خىتاينىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» دىكى ھالقىلىق شەخس ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بۇ ۋەجىدىن خۇ ليەنخې ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭمۇ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەنگەن.

بۇ ئىككى خىتاينىڭ بىرى بولغان گاۋ چىنىڭ سالاھىيىتىگە كەلسەك، ئۇ بىڭتۈەن كۆچمەنلىرىدىن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى ئوقۇش تارىخى پەقەت بىڭتۈەن ئاچقان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتكۈچىلەرنى تەربىيەلەش ساقچى مەكتىپى بىلەن چەكلەنگەن. 1990-يىلى تېخى «خىزمەت كۈتۈۋاتقان ياش» قاتارىدىكى ئىشسىز گاۋ چى توساتتىن پوسكام ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچى خادىمىغا ئايلانغان. بىر قانچە يىل ئۆتۈپلا گاۋ چى خىتاينىڭ دۆلەتلىك رازۋېدكا-ساقچى مەكتىپى ۋە رازۋېدكا-ساقچى ئىنستىتۇتلىرىدا بىلىم ئاشۇرۇپ، ئەمەل تۇتۇشقا ۋە توختىماي ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىغان. گاۋ چى تاكى 2016-يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدىكى ج خ ساھەلىرىدە ھەر خىل ئەمەللەرنى تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، 2017-يىلىدىن كېيىن ئىلى ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىلى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

ئەمدى خۇ ليەنخېغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تونۇلۇشى بەلكىم ئۇنىڭ خىتاي سىياسىي نەزەرىيەچىلىرىدىن خۇ ئەنگاڭ ۋە ما روڭلار بىلەن بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان خىتاينىڭ «ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» نەزەرىيەسى سەۋەبلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورلۇققا باغلىشىنىڭ قانۇنىي ئاساسىي سالغۇچى بىرى ئىكەنلىكىنى كۆپ كىشىلەر بىلمىسە كېرەك. خۇ ليەنخې پەقەت خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ يەنە باشقا ۋەزىپىلىرىمۇ بولغان. يەنى ئۇ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قانۇنچىلىق ئىلمىنىڭ دوكتورى، خىتاي خەلقئارا ئىستراتېگىيە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى.

بۇ ئىككى خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئەھۋالىغا قارىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ بىرى دۆلەتكە ئەقىل كۆرسەتكۈچى، يەنە بىرى بولسا دۆلەتنىڭ قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىدۇر. شۇڭا بۇ يەردە بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغۇچىغا كۆرە، ئەقىل كۆرسەتكۈچىنىڭ مۇددىئاسىنى چۈشىنىش، بىزنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە قىلىشى مۇمكىن. خوش، ئۇنداقتا، خۇ ليەنخې خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە ئەقىل كۆرسەتكۈچى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بېرىشىدە قانداق رول ئوينىغان؟

گەرچە بۇ سوئالغا بېرىدىغان تەپسىلىي جاۋابىمىزنى ھەتتا بىرەر كىتاب يېزىپمۇ سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما خۇ ليەنخېنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى رولى ۋە باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتۈش ناھايىتى مۇھىمدۇر.

بىز يۇقىرىدا خۇ ليەنخېنىڭ قانۇن ئىلمى دوكتورى ۋە خىتاي مەملىكەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق. دەرۋەقە، خۇ ليەنخې ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن مۇستەسنا ھالدا تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش «يولى» نى، دەل خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى تۈرلۈك تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق تېپىپ چىققان.

خۇ ليەنخېنىڭ قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مىللەت مەسىلىسى سۈپىتىدە خەلقئارالىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مىللىي زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ يولى دەپ قارالغان. چۈنكى ئۇيغۇر مەسىلىسى مىللەت مەسىلىسى سۈپىتىدە خەلقئارالاشقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق يولىغا ئىمكانلار ئېچىلغان بولىدۇ. يەنى، خۇ ليەنخې خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلانغان «مۇستەملىكىسىزلىشىش» ھەرىكىتىدە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنىڭ ئاساسى قىلىنغان، دەپ قارىغان. خۇ ليەنخې يەنە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق، ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» شوئارىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى «مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر»نىڭ مۇستەقىللىقى روياپقا چىقارغان. يەنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، سابىق يۇگوسلاۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن مۇستەقىل بولۇپ چىققان مىللەتلەر دەل «بىر مىللەت، بىر دۆلەت بولۇشى كېرەك» ئېڭى بىلەن بۆلۈنۈپ مۇستەقىل بولغان. شۇڭا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بىر مىللەت مەسىلىسى سۈپىتىدە خەلقئارالىشىشىغا ئەسلا يول قويماسلىق، خىتايدا مىللىي مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشنىڭ باش پىرىنسىپى قىلىنىشى كېرەك، دەپ قارىغان. خۇ ليەنخې ئۆزىنىڭ خۇئەنگاڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ يازغان «مىللەتلەرنى يۇغۇرۇپ بىر گەۋدە قىلىۋېتىش (يەنى، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىش) دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتى» ناملىق ماقالىسىدە بۇ قارىشىنى مۇنداق بايان قىلغان: «مىللەتلەر مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق، ھەرقانداق بىر شەخسكە، بىر مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى ياكى مىللەت رەھبىرى بولۇشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك. بىر دۆلەتنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرالىشى پەقەت يەرلىك مىللەت سەرخىللىرىغا مىللەت مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى، مىللەت رەھبىرى بولۇش پۇرسىتى قالدۇرماسلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ! »

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مىللەت مەسىلىسى سۈپىتىدە خەلقئارالىشىشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش مەسىلىسىدە، خۇ ليەنخې 2001-يىلى يازغان «ھازىرقى زاماندىكى دۇنياۋىي تېررورلۇق ئىدىيەسى ۋە ئۇنىڭغا تەدبىر» ناملىق كىتابىدا كونكرېت قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، «شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى» نى تارىختىكى پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم ئىدېئولوگىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بىرلىككە كەلگەن «بۈيۈك تۈركىستان دۆلىتى» قۇرۇشنى نىشان قىلغان تېررورلۇق كۈچلىرى دەپ قارىغان. شۇنداقلا خەلقئارادىكى ئىسلام تېررورلۇق كۈچلىرى بىلەن بىر كاتېگورىيەلەشتۈرگەن. بۇ ۋەجىدىن ئۇ خىتاينىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىنكى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، خەلقئارا بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى» گە قارشى بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دەرۋەقە، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى خۇ ليەنخېنىڭ كۆرسەتكىنىدەك، ئەسلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭ بېرىلمەسلىكى، كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدىن ئىبارەت مىللەت مەسىلىسىدىن، بىر ئايلىنىپلا «شەرقىي تۈركىستانچى تېررورچى، ئەسەبىي ۋە بۆلگۈنچىلەر» دىن ئىبارەت «ئۈچ خىل كۈچ» مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالدى. خىتايمۇ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان مۇستەبىت دۆلەتتىن، بىردىنلا تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ «زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى دۆلەت» كە ئايلىنىۋالغان.

ھەتتا لاگېرلار مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان 2018-يىلى، خۇ ليەنخې بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە ئېچىلغان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا لاگېرلارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان ۋە خىتاينىڭ ھېچقانداق بىر ئاز سانلىق مىللەتنى زەربە بېرىشنىڭ نىشانى قىلمىغانلىقى، پەقەت تېررورلۇق ھەم بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بولمىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خۇ ليەنخې يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»گە ئايلاندۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش يوللىرى ئۈستىدىمۇ قاتتىق باش قاتۇرغان. ئۇنىڭ خۇ ئەنگاڭ ۋە ما روڭ قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان خىتاينىڭ «ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى دوكلاتى» بۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر. مەزكۇر دوكلاتتا خۇ ليەنخې ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىشتىكى رولىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى ۋە بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يۇقىرىقى بايانلاردىن خۇ ليەنخېنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش نىزامى» نى تۈزۈش ۋە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش خىزمەتلىرىگە قاتناشقانلىقى، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، لاگېرلارغا قاماش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش جىنايەتلىرىدە قانچىلىك مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.

دېمەك، بۇ قېتىم خۇ ليەنخې ۋە گاۋ چى قاتارلىق ئىككى نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكانىڭ جازالاش تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىش ھەرگىزمۇ بىر تاسادىپىيلىق بولماستىن، بەلكى بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۆز جىنايىتى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىگە بېرىلگەن بىر سىگنالدۇر. بۇ يەنە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي دۇنيا ۋەزىيىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى؛ خىتاينىڭ بىر مىللەتكە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ساختا ھالدىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دەپ بۇرمىلاش ئارقىلىق، جىنايى مەسئۇلىيىتىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشىدۇر!

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.