2013 - يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ كۆپىيىشى دىققەت قوزغىدى


2013 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قانلىق توقۇنۇشلار ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا كۆپەيدى. بۇ خىل قارشىلىقلارنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ساقچىخانىلار ۋە خىتاي ساقچى - كادىرلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى شۇنداقلا توقۇنۇش داۋامىدا خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنى نەق مەيداندىلا ئوققا تۇتۇپ ئېتىۋېتىشى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

15 - دېكابىر كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش ۋە خىتاي ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ 14 نەپەر ئۇيغۇرنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا 2013 - يىلنىڭ يىل ئاخىرىدا يۈز بەرگەن يەنە بىر قانلىق ۋەقە دەپ تەرىپلەندى.

خىتاي دائىرىلىرى بىر نەچچە كۈندىن بۇيانقى خەۋەرلىرىدە، مارالبېشى ۋەقەسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دەپ تەشۋىق قىلىپ، مارالبېشىدىكى ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ بېكىتىش بىلەن بىللە، 2013 - يىلى كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ خىل توقۇنۇشلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن رايوننىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىنى ساقلاش ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن ۋەقەدە خىتاي دائىرىلىرى «تېررورچى»دەپ ئېتىپ ئۆلتۈرگەن 14 ئۇيغۇرنىڭ 6 نەپەر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر جەمەت كىشىلىرى ئىكەنلىكى ۋە بۇ قېتىمقى قانلىق ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ ئائىلىدىن 21 نارسىدە بالىنىڭ يېتىم قالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

2013 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلار ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپەيگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان چوڭ توقۇنۇشلاردىن،7 - مارت كورلا سايباغ توقۇنۇشى؛ 23 - ئاپرېل 1 - قېتىملىق مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسى؛ 26 - ئىيۇن پىچان لۈكچۈن ۋەقەسى؛ 28 - ئىيۇن خوتەن خانېرىق ۋەقەسى؛ 28 - ئىيۇن ئۈچتۇرپان ساقال قويدۇڭ دېگەن باھانىدە ئېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ۋەقەسى؛ 20 - ئاۋغۇست قاغىلىق يىلقىچى ۋەقەسى؛ 23 - ئاۋغۇست پوسكام كۈيباغ يېزىسى ۋەقەسى؛ 28 - ئۆكتەبىر تيەنئەنمىن ئاپتوموبىل سوقۇش ۋەقەسى؛ 16 - نويابىر 2 - قېتىملىق مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسى ۋە 15 - دېكابىر قەشقەر توققۇزاق ۋەقەلىرى ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بىرقەدەر تولۇق مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، بۇ توقۇنۇشلاردا نەق مەيداندا ئۆلگەنلەر150 كە يەتكەن. تىرىك تۇتۇش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلەر 70 تىن ئاشقان.

تۆۋەندە، بۇ بىر يىل ئىچىدە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتىمىز:

1. 7 - مارت كورلا سايباغ يولى ئويۇنچۇقخانا توقۇنۇشى:

7 - مارت پەيشەنبە كۈنى كورلا شەھىرى سايباغ يولىدىكى بىر ئويۇنخانىدا ئۇيغۇرلار بىلەن - خىتايلار توقۇنۇشۇپ قېلىپ، ئاز دېگەندە 4 ئادەم ئۆلگەن ۋە بىر نەچچە ئادەم يارىلانغان. خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى خەۋىرىدە ۋەقەدە 4 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى تەن ئالغان بولسىمۇ، ئۆلگۈچىلەرنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان. ئەينى چاغدا رادىئومىزغا ئۇچۇر بەرگۈچىلەر ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

2. 23 - ئاپرېل قەشقەر مارالبېشى سېرىقبۇيا توقۇنۇشى:

بۇ 23 - ئاپرېل قەشقەر مارالبېشى سېرىقبۇيا بازىرىدىكى 21 ئادەم ئۆلگەن قانلىق توقۇنۇش بولۇپ، شۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا خىتاي ساقچىلىرى ۋە كادىرلاردىن 15 كىشى، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ئۇيغۇرلاردىن 6 كىشى ئۆلگەن. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 23 - ئاپرېل مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە ئوخشىمايدىغان باياناتلارنى بېرىشى، ۋەقەنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى گۇمانلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقە بەرگەن باياناتىدا خىتاينى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى خەلقئاراغا بىلدۈرۈشكە، خەلقئارا جامائەتنى مارالبېشى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. مەركىزى بريۇسسېلدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، «23 - ئاپرېل سېرىقبۇيا ۋەقەسى» نىڭ مۇستەقىل ئورگانلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇلار باياناتىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرىدىغان مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنى بۇ ھەقتە ب د ت غا چاقىرىق قىلىشقا ئۈندىگەن.

3. 26 - ئىيۇن پىچان لۈكچۈن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى:

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى لۈكچۈن توقۇنۇشىدا 40 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئىگىلىگەن ئۇچۇردا توقۇنۇشتا 46 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېنىقلاندى. پىچان لۈكچۈن ۋەقەسىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ھۇجۇمچىلارنىڭ 11 كىشى ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

4. 28 - ئىيۇن خوتەن خانئېرىق ۋەقەسى:

28 - ئىيۇن جۈمە كۈنى خوتەن خان ئېرىق بازىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلار خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان. ۋەقە ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە تەپسىلاتى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن ئېنىقلانغان ئۇچۇرلاردىن ۋەقەدە 15 تەك كىشى ئۆلگەن، 50 تەك كىشى يارىلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى خانئېرىق بازىرىدىكى 400 گە يېقىن يەرلىك ئامما، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خانئېرىقتىكى بىر مەسچىتنىڭ ياش ئىمامىنى قولغا ئېلىشقا، مەسچىتتە ناماز ئوقۇشقا چەكلىمە قويۇشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، پىيادە ۋە موتسىكلىتلار بىلەن خوتەن شەھىرىگە نامايىش قىلىپ ماڭغان. لېكىن، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى نامايىشچىلارنى يولدا توسۇۋېلىپ ئوققا تۇتقان. خانئېرىق 13 - كەنتىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى ئابدۇللا مەتقۇربان، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ۋەقەدە 10 دىن 15 كېچە ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، 50 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

5. 20 - ئاۋغۇست قاغىلىق يىلقىچى ۋەقەسى:

20 - ئاۋغۇست قاغىلىقنىڭ يىلقىچى كەنتىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتا 22 ئادەم ئۆلگەن، 4 ئادەم تۇتۇلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي قوراللىق كۈچلىرى 20 - ئاۋغۇست يىلقىچى كەنتىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە ھۇجۇم قىلىپ، مەزكۇر ئۆيگە يىغىلغان 28 ئۇيغۇرنى ئوققا تۇتقان، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى. ئەينى چاغدا رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن، ۋەقەدە 22 ئۇيغۇر ئۆلگەنلىكى، 4 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان.

6. 23 - ئاۋغۇست پوسكام كۈيباغ يېزىسى قانلىق قىرغىنچىلىقى:

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 23 - ئاۋغۇست پوسكامنىڭ كۈيباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە خىتاي ساقچىلىرى 12 ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغان، 20 نەچچە ئۇيغۇرنى يارىلاندۇرغان. يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە دىنىي زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا نەق مەيداندا 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «تېررورچىلار» ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ بومبا ياساش قاتارلىق ھەر خىل مەشغۇلاتلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

7. 28 - ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى:

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋەقەدە 5 كىشى ئۆلۈپ 38 كىشى يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، كۈندۈز سائەت 12 دىن 20 ئۆتكەندە بىر ئاپتوموبىل، تيەنئەنمېن راۋىقى ئالدىكى رىشاتكىغا قاتتىق سوقۇلغان ۋە رىشاتكىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پىيادىلەر يولىدىكى كىشىلەرگە ئۇرۇلغان. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئىلھام توختى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىك بۇنداق ھۇجۇم قىلىشقا مەجبۇر بولۇشىدىكى سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھەر خىل بېسىم ۋە باستۇرۇشلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى چىدىغۇسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

8. 16 - نويابىر مارالبېشى سېرىقبۇيا يېزىسىدىكى 2 - قېتىملىق قانلىق توقۇنۇش:

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 16 - نويابىر كۈنى 9 نەپەر پىدائىي مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا كۆكبايراق كۆتۈرۈپ بېسىپ كىرگەن. سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 9 نەپەر پىدائىي ساقچىخانىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆكبايرىقىنى كۆتۈرۈپ بېسىپ كىرگەن. ھۇجۇمچىلار ساقچىخانا قورۇسىدىكى ياردەمچى ساقچىلاردىن 3 نەپىرىنى پىچاق ۋە پالتىلار بىلەن ئۆلتۈرگەن بىر نەپىرىنى يارىلاندۇرغان. خىتاي پىدائىلاردىن 9 كىشىنىڭ ھەممىسى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن.

9. 15 - دېكابىر قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى(توققۇزاق )دا يۈز بەرگەن 16 ئادەم ئۆلگەن قانلىق توقۇنۇش.

بۇ توقۇنۇشتا خىتاي ئالاھىدە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار 14 نەپەر، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي ساقچىلىرى 2 بولۇپ جەمى 16 كىشى ئۆلگەن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، ئاقسۇ ئۈچتۇرپاندا يۈز بەرگەن ساقىلىنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىغان ئۇيغۇر بىلەن خىتاي ساقچىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش، ئۈرۈمچى ئاق قوۋۇق بازىرىدا يۈز بەرگەن ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر باققالنى ئېتىۋېتىش ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەردىمۇ پىچاق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇر تىرىك تۇتۇش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلەردە ئۆلگۈچىلەر 150 كە يېتىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار سانى 70 تىن ئاشقان.

خىتاي دائىرىلىرى 15 - دېكابىر مارالبېشى قانلىق توقۇنۇشى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى قانلىق ۋەقەلەر ھەققىدە خەلقئاراغا بەرگەن باياناتلىرىدا، بۇ ۋەقەلەرنى «تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى» دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما، ئۆز خەۋەرلىرىدە تاكى بۈگۈنگىچە بۇ ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتى ۋە نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئەمما خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە تولۇق قوراللانغان خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ كۈچ جەھەتتىن كۆپ ئاجىز، پىچاق قاتارلىق ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنى ئېتىۋېتىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا دۆلەت تېررورى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.