ئۇيغۇر زىيالىيلىرى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە تاقىۋېتىلگەن تور بېكەتلىرىنىڭ تۆھپىسى ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.07.07
sot-olum-jaza-uyghur-5-iyul.jpg CCTV خەۋىرىدە بېرىلگەن، 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان كۆرۈنۈش. 2009-يىلى 15-ئۆكتەبىر.
AFP

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرتور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى ۋە تور يازارلىرى زور كۆپچىلىكنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 200 دىن ئارتۇق تور بېكىتى تاقىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئەمما ئۇيغۇر تور تەرەققىياتى ھەققىدە ئىزدەنگۈچىلەر 2000-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ 500 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، دىيارىم قاتارلىق ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا كۆزنەك رولىنى ئويناپ قالماستىن، بەلكى ئىنتېرنېتنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئومۇملىشىشىغىمۇ تارىخى تۆھپە قوشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەينى يىللىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كومپيۇتېر مەشغۇلات سەۋىيىسىدە خەلقئارالىق سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنى مەزگىلىدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەينى يىللىرى تۇتقۇن قىلىنىپ ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى ۋە تاقىۋېتىلگەن تور بېكەتلىرى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر يەنە كۆپەيدى. بۇ مۇنازىرىلەردە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدە قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىغان دەپ ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ۋە ئەينى يىللىرى تۇتقۇن قىلىنىپ ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىنغان تور بېكەت ساھىپلىرى، تور يازارلىرى، تور باشقۇرغۇچىلىرى ھەققىدىكى ئەسلىمىلەر بايان قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تور تەرەققىياتىدىكى تۆھپىلىرى تەرىپلەندى.

يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر تور تەرەققىياتى ھەققىدە ئىزدىنىپ، بۇ ھەقتە بىر قىسىم ئەسلىمىلەر ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان لوندوندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىلىپ ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ۋە تور يازارلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تەرەققىياتىدىكى تارىخى ئورنى ھەققىدە توختالدى.

5-ئىيۇلدا تاقالغان ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مۇنبەر.
قولغا ئېلىنغان تور باشقۇرغۇچىلىرى ۋە يازارلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېتتا ئۆز پىكىر-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش يولىنى ئېچىپ بەرگۈچىلەر.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى 2009-يىلى دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ جازا ھۆكۈم قىلىنغان تور باشقۇرغۇچىلىرى ۋە تور يازارلىرىدىن غەيرەت نىياز، مۇھەممەت ئابدۇللا، گۈلمىرە ئىمىن،دىلشات پەرھات، نىجات ئازاد، نۇرئەلى ئوبۇل قاتارلىقلارنى ۋە بۇ يىل 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنغان «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ ساھىبى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى، بۇلتۇر 8-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەخىرلىك زىيالىيلىرى بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇر تور تەرەققىياتىدىكى تۆھپىكارلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

2009-يىلى ياز پەسلىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ 200 گە يېقىن ئۇيغۇر تور بېتىنى تاقىغان ئىدى. 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرى تېلېۋىزوردا سۆز قىلىپ، «ئۇيغۇر بىز»، «دىيارىم»، «شەبنەم»، «سەلكىن» قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە ئاتاپ، بۇ تور بەتلىرىنى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ پارتلىشىدا قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىغان دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

نۇربەكرى تېلېۋىزوردا ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى ئەيىبلىگەندىن كېيىن، «ئۇيغۇر بىز» تور بېكىتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى 2009-يىلى 8-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ بىر ئايدىن ئارتۇق نەزەربەند قىلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما«دىيارىم» تور بېكىتىنىڭ ساھىبى دىلشات پەرھات، «شەبنەم» تور بېكىتىنىڭ ساھىبى نىجات ئازاد، «سەلكىن» تور بېتىنىڭ تور باشقۇرغۇچىسى ئوبۇلقاسىم، ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن مۇھەممەت ئابدۇللا قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ھەم توردا ماقالە ئېلان قىلغان زىيالىيلاردىن ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز قاتارلىق تور يازارلىرى ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا پىكىر مەيدانى ھازىرلاپ بەرگىنى ۋە پەقەت قەلىمى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىقلارنى يازغىنى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى نارازى قىلىپ، ئېغىر جازالارغا مۇپتىلا بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتايدەك دېموكراتىيە چەكلەنگەن بىر دۆلەتتە ئۇلارنىڭ بۇ پىداكارلىقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ناھەقچىلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىغان تور بېكەتلىرىنى تاقىشى ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تاقىۋېتىلگەن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئۇيغۇرلاردا ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئاساس سالدى، ئۇيغۇر تور تەرەققىياتىنى خەلقئارا سەۋىيىگە كۆتۈردى

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ تارىخى تۆھپىسىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە خەلقئارا سەۋىيىلىك تور بېكەتلىرىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ئاساس سالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 2008-2009-يىللاردىكى دىيارىم تور بېكىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئالدىنقى 100 مىڭ تور بېكىتى ئىچىگە كىرگەنلىكىنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلدىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىگە بەرگەن زەربىسى ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تەرەققىياتىغا ئەجەللىك زەربە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تارىخى ساۋاقلارنى يەكۈنلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئۇچۇر كونتروللۇقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. بۇ ئەھۋال بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈشى مۇمكىن.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلاشقان مەزگىلدە، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى تارىخى ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ئۇيغۇرلارغا سۆزلەش، ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى بېرىشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ ئىلھام توختىغا ئوخشاش مۆتىدىل زىيالىيلارنىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

كېيىنكى مەزگىللەردە ئاشكارا بولغان ئۇچۇرلاردىن تور باشقۇرغۇچى گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىق يەنە بىرقانچە ئۇيغۇرغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى قاتارلىق ئېغىر جازالار بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولغان بولۇپ، ئەينى يىللىرى تۇتقۇن قىلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئەھۋالى ھازىرغىچە خەلقئاراغا ئاشكارىلانمىغان سىر بولۇپ تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.