د ئۇ ق رەئىسى: «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنى سۇندۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلمىدى»

0:00 / 0:00

د ئۇ ق رەھبەرلىرى قۇرۇلتاي باش شتابىغا جەم بولۇپ، 27-ئاپرېل كۈنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن «بەش مىڭ كىشىلىك نامايىش» دەپ ئاتالغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەقىبلەش سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىغا باھا بەردى. بىريۇسسېلدىكى نامايىشنى قوللاش نامايىشلىرى يەنە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە باشقا ئەللەردىمۇ بولغان ئىدى.

29-ئاپرېل د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى مەركىزى خىزمەت بىناسىدا «duq.tv» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىس پەرھات مۇھەممىدى ۋە ئىجرائىيە كومىتېت رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر 27-ئاپرېل كۈنى بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدىكى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» پائالىيىتى ھەققىدىكى تۇنجى خۇلاسە سۆزى «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنى سۇندۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلمىدى» دېگەندىن ئىبارەت بولدى. ئۇ سۆزىدە، بۇ نامايىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇق دەۋاسىنى دۇنياغا تونۇش بىلەن بىرگە، ياۋروپا بىرلىكى، ب د ت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەسلىتىش رولىنى ئۆتىگەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ نامايىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا بىر غايە، بىر مەقسەت ئۈچۈن ئۇيۇشالايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى نامايىش ھەققىدە توختالغاندا، 20 گە يېقىن دۆلەتتىن نەچچە مىڭ ئۇيغۇر قاتناشقان بۇ نامايىشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي مۇجادىلە تارىخىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر يېڭىلىق ياراتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ھاياجانلاندۇرغان، سۆيۈندۈرگەن بىر نامايىش بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە، نامايىش بولۇشتىن بىر كۈن ئىلگىرى د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا بېرىپ، د ئۇ ق تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «نامسىز مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىنى يىغىش» جەريانىدا توپلانغان تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكىنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا تاپشۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

27-ئاپرېل كۈنىدىكى نامايىشتىن كېيىن، د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياۋروپا بىرلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى سۆھبەت جەريانىدا قۇرۇلتاي خادىملىرىنىڭ ياۋروپا بىرلىكى خادىملىرىنى ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي، ئۈنۈم بېرەلەيدىغان چارە-تەدبىرلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.