-1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى كېچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە ئايدىن بۇيان بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلىۋاتقان نەچچە ئون مىڭلىغان ئوقۇغۇچىنى تانكىلار بىلەن قانلىق باستۇرغان ۋە تۇتقۇن قىلغان، نەتىجىدە پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان 4- ئىيۇن «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەن ئىدى.
ۋەقە بولۇپ ئارىدىن 33 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ قېتىملىق ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە غايىب ئېلىۋېتىلگەنلەرنىڭ ئېنىق سانىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكلىرىنى ئېلان قىلمىغاننى ئاز دەپ، خىتاي ئىچىدە ۋەقەگە ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ كەلمەكتە.
بۈگۈن يەنى 3- ئىيۇن كۈنى، تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 33 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلىي (Jeff Merkley)، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرن (James P. McGovern) بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىردى. ئۇلار مۇنداق دېگەن:
«بۈگۈن بىز 1989-يىلى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇلغان بۇ نامايىشنى خاتىرىلەيمىز، چۈنكى دېموكراتىك ئىسلاھات تەلەپ قىلغان ۋە ئىنسان ھوقۇقى خىتابنامىسىدە بەلگىلەنگەن كىشىلىك ھوقۇقىنى تىنچ يول بىلەن ئىزدىگەنلىكى ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان، يارىلانغان ۋە روھىي زەربىگە ئۇچرىغانلار ھېلىھەم ئادالەتكە ئېرىشەلمىدى... بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى 1989-يىلدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە ئەركىن ۋە ئوچۇق مۇنازىرىگە يول قويۇشقا ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئارمىيەسىنىڭ خىتاي خەلقىگە قىلغان دەھشەتلىك زوراۋانلىقى بىلەن ئاشكارا يۈزلىشىشكە چاقىرىمىز.»
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى رەئىسلىرى باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: « بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇشىغا قارىماي باتۇرلۇق بىلەن دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئىزدەۋاتقانلارنىڭ - جۈملىدىن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خرىستىئانلار، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى، دېموكراتىيە، سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئەمگەك ھوقۇقى تەشەببۇسچىلىىرى ۋە شۇنداقلا خالىغانچە تۇتقۇن، تەن جازاسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ جاسارىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز ۋە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز».
بۈگۈن يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 33 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار باياناتىدا «33 يىل ئاۋۋال سان-ساناقسىز ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، پائالىيەتچىلەر ۋە پۇقرالار تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى قىرغىنچىلىقتا پەقەت سۆز قىلىش ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى» ئەسكەرتىپ «خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشقا» چاقىرغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:
« خىتاي ھۆكۈمىتى 33 يىل ئاۋۋال تيەنئەنمېن مەيدانىدا بىگۇناھ كىشىلەرنى قانداق قىرغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بىز پۈتۈن دۇنيانى ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىشقا ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرىمىز».
مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچى ۋە باشقىلار تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن چىرىكلىككە خاتىمە بېرىشنى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ دېموكراتىك قىممەت قاراشلارغا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ھەرىكەت خىتاي مىقياسىدا قوللاشقا ئېرىشىپ خىتايدىكى تۆت يۈزگە يېقىن شەھەرگە يېيىلغان ئىكەن.
ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بىر تەرىپى بولسا، بىر مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە خىتايدىكى بۇ دېموكراتىيە نامايىشىغا ئۆركەش دۆلەتتىن ئىبارەت بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىدۇر.
ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئۆركەش دۆلەت خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا تونۇلغان ئىدى.
ئامېرىكادىكى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى ئەسلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە 5- ئايدا يۈز بەرگەن بىر نامايىش سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆركەش دۆلەتتىن ئىبارەت بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ بۇ نامايىشنىڭ يېتەكچىسى ئىكەنلىكىدەك بىر خەۋەرنىڭ تارقىلىشى پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلىغان ئىدى، دەيدۇ.
ئۆركەش دۆلەت 1989-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەكىل بولۇپ بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي باش مىنىستىر لى پېڭ بىلەن سۆزلەشكەن. ئۇ شۇ قېتىم خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭغا دادىللىق بىلەن سوئال قويغان ۋە كەسكىن ھالدا مۇنازىرىلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ جاسارىتى ئەينى ۋاقىتتا خىتايدىكى مىليونلىغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆركەش دۆلەتنىڭ خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋاقىتتىكى ناتىقلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ئاڭغا ئىگە بولغان، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭالايدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى خىتايدا نامايان قىلغان ئىدى، دەيدۇ.
ھازىر تەيۋەندە ياشايدىغان ۋە خىتايدا دېموكراتىيەنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۆركەش دۆلەت نۆۋەتتە تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدە بولۇپ، ئۇ تەيۋەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشىدىمۇ زور رول ئويناپ كەلمەكتە.
ئۇ ئۆتكەن يىلى ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورنى بولغان «خۇدسون ئىنستىتۇتى» دا بەرگەن بىر سائەتلىك سۆھبىتىدە: « دۇنيا 21-ئەسىردە ئىنتايىن قارا نىيەت بىر ھاكىمىيەت بىلەن يۈزلىشىپ تۇرۇپتۇ. ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە خىتاينى جازالاش پۇرسىتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى. بىراق ئۇلار ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر باندىت ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن كەسكىن قەدەم ئېلىشى، بەدەل تۆلەشتىن قورقماسلىقى كېرەك. دېموكراتىيەسىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان تەيۋەننى قوغدىشى كېرەك» دېگەن ئىدى.