«8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن بايراممۇ ياكى ماتەممۇ؟

0:00 / 0:00

ھەر يىلى 8-مارت كۈنى خەلقئارادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئاياللار بايرىمى تەبرىكلىنىدۇ. گەرچە خەلقئارادا ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسلارنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تىرىشچانلىقلار تېخى يېتەرلىك بولۇۋاتقىنى يوق.

ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاينىڭ تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلىرىدە ئائىلىسىدىن، يەر-زېمىنلىرىدىن، ئەرلىرىدىن، پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىش، ياقا-يۇرتلارغا پالىنىش، چەت ئەللەرگە قېچىش، خانىۋەيران بولۇش قاتارلىق ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىسمەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن زىچ باغلانغان. مەسىلەن، «بارىن ئىنقىلابى» نىڭ قوزغىلىشىغا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈلگەن ئاتالمىش «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» نامىدىكى چەكتىن ئاشقان زىيانكەشلىكلەر سەۋەب بولغان ئىدى. «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» غا بولسا «26-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى» دە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي قۇل ئىشچىلىققا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى سەۋەب بولغان ئىدى. ھەتتا شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى 2014-يىلى ئىيۇلدا يۈز بەرگەن «يەركەن قىرغىنچىلىقى» مۇ، رامازاننىڭ ئاخىرقى كۈنى دۇئا-تىلاۋەت يىغىلىشى قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان» دەپ قارىلىپ، نەق مەيداندىن تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «شەرقىي تۈركىستانچى»، «ئاشقۇن»، «تېررورچى» ۋە «بۆلگۈنچى» لەرنى يوقىتىش نىقابى ئاستىدا ئېلىپ بارغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باش نىشانى بولۇپ كەلدى. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرى مەۋجۇتلۇق بىلەن يوقىتىلىش ئارىسىدا جاپا-مۇشەققەتلىك تىركىشىشتەك بىر رېئاللىققا دۇچ كەلدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرى داۋاملىق ھالدا كىملىكىنى ساقلاش، نەدە ۋە قانداق ياشاش، نېمە ئىش قىلىش، قانچە پەرزەنتلىك بولۇش، كىم بىلەن ئۆيلىنىش قاتارلىق ئەڭ ئاددىي ئىنسانلىق ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدەك بىر رېئاللىق ئىچىدە تىركەشمەكتە. ئۇلار يەنە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلىش، مەجبۇرىي خىتاي ئەرلىرىگە تويلاشتۇرۇش، مەجبۇرىي يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىۋېتىلىش، مەجبۇرىي پەرزەنتلىرىدىن ئايرىۋېتىلىش، قۇل ئىشچى قىلىنىش قاتارلىق خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەر ئىچىدە يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ھالبۇكى، بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنىڭ سەۋەبچىسى خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئەمەلىيەتتە «نامراتلىقنى يوقىتىش»، «شىنجاڭغا ياردەم»، «غەربنى ئېچىش»، «ئۈچ خىل كۈچلەرنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» قاتارلىق كۆپ خىل شوئارلار ئاستىغا نىقابلىنىپ، يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ يوقىتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتىدە، ئوخشاشلا «ئاياللارنىڭ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش، رادىكاللىقنى يوقىتىش»، «كەسپىي ئايال بولۇشقا يېتەكلەش»، «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش، ياسىنىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش» قاتارلىق تۈرلۈك چىرايلىق شوئارلار ئاستىدا ئېغىر زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىدى. مىسالغا ئالساق، «بايرىقى روشەن ھالدا ئىپادە بىلدۈرۈش(发声亮剑)» ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىدا 2014-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مىللىتىنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەرىكەتتۇر. گەرچە مەزكۇر ھەرىكەت ئاتالمىش « تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىكتىن ئىبارەت شەرقىي تۈركىستانچى ئۈچ خىل كۈچلەرنى يوقىتىش» نى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولغان. ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈش ئاددىي مەنىدىكى ئىسلام دىنىدىكى ئاشقۇن قاراشلاردىن چەك-چېگرانى ئايرىش دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى دىنىي ئېتىقادتىن ۋاز كېچىشنى تۈپ نىشان قىلغان بىر ھەرىكەت بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» گە ئوخشاش نۇرغۇن ئىسپاتلار دۆۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ.

2015-يىلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئىسىتاتىستىكىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنىڭ سانى 11 مىليون دېيىلگەن. يەنى بۇلارنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسىدىكى ئاياللارنىڭ سانى 7 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ 63 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇ يەردە يېزا نوپۇسىدىكى 7 مىليون ئايالنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىش ھەقىقەتەن ئارتۇقچە. ھالبۇكى، «ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈش» ھەرىكەتلىرى دەل ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان يېزا-قىشلاقلاردا ئاتالمىش «خىتاي تۇغقانلار» ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىگە مەجبۇرىي كۆچۈپ كىرىش بىلەن تەڭلا باشلانغان.

تېخىمۇ مۇھىمى، «ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈش» ھەرىكىتى ئۇيغۇر مىللىتىنى باش نىشان قىلغانىكەن، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر كىملىكىدىن يىراقلىشىشمۇ خۇددى مۇسۇلمانلىق كىملىكىدىن ۋاز كەچتۈرۈلۈشكە ئوخشاشلا ھايات قېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىگە ئايلىنىشى شەكسىز. مەسىلەن، تۆۋەندىكى سۈرەتتە 2017-يىلى 5-ئىيۇن مەكىت ناھىيەسى غازكۆل يېزىسى قازانچى كەنتىدە مەخسۇس ئۇيغۇر ئاياللارغا قارىتىلغان «رامزان مەزگىلىدىكى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتى» دىن بىر كۆرۈنۈش بېرىلگەن. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلىنىدىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ھېچبىر ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ياغلىقسىز سىرتتا يۈرمەيدىغانلىقى ئۇيغۇرلارغا ئايان. ئەمما 2017-يىلىدا بىر ئۇيغۇر يېزىسىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياغلىق ئېلىپ تاشلانغان. بۇ ئەلۋەتتە تەبىئىي يۈز بەرگەن ھادىسىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس! بەلكى بۇ خىل «تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن كوللېكتىپ ئۆزگىرىش» لەرنىڭ كەينىدە مۇقەررەر ھالدا «ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈش» نامىدىكى مەجبۇرلاشنىڭ بولغانلىقىدا گەپ يوق.

خىتاينىڭ «بەيدۇ» تورىدا 2023-يىلى ئېلان قىلىنغان « شىنجاڭلىق گۈزەل قىزلار خىتاي ئەرلىرى بىلەن راستتىنلا تويلاشمامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ يەرلىكلەر ھەقىقەتنى سۆزلىسۇن!» ناملىق ماقالىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا مىللەتلەر ئارا تويلىشىش سانىنىڭ 23 مىڭ جۈپكە يېتىپ، تويلاشقانلار سانىنىڭ 15.7 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىش سانى 11 مىڭ جۈپكە يېتىپ، مىللەتلەر ئارا تويلىشىش نىسبىتىنىڭ 47.8 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. خىتاينىڭ باشقا تور سۇپىلىرىدا بۇ ماقالە كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان بولۇپ، ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىش نىسبىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاشقۇنلۇق، رادىكاللىقنى يوقىتىش سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ئۇيغۇرلار تاكى 2014-يىلىغىچە پۈتكۈل خىتايدىكى ئاتالمىش 56 مىللەت ئىچىدىكى خىتايلار بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مىللەتلەر ئارا تويلىشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن مىللەت بولۇپ كەلگەن.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئاتالمىش «كىيىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش» تىن تارتىپ «ياقا يۇرتلارغا چىقىپ خىزمەت قىلىش» قىچە، «ئاز ۋە سۈپەتلىك پەرزەنتلىك بولۇش» تىن تارتىپ، «مىللەت ھالقىغان خىتايغا ئۆيلىنىش» كىچە، «تويدا نىكاھ ئوقۇماسلىق» تىن تارتىپ، «ئۆلۈمدە ناماز چۈشۈرمەسلىك» كىچە بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىدىكى «غايەت زور ئۆزگىرىشلەر» نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلىكى شەكسىز.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى «رادىكاللىق»، «ئاشقۇنلۇق» ۋە «تېررورلۇق» بىلەن قارىلاپ، خەلقئارادا ئۆز جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەھرىمان ئوبرازى خىتاينىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان كۈچلۈك تەستەك بولۇپ كەلمەكتە. يەنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەر ۋاقىت كۈرەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئېلىشى، خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ يالغانلىرىنى ئېچىپ تاشلىماقتا.

شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنى ۋە رولى تارىخنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلىرىدە ھەر ۋاقىت يۈكسەك پەللىدە تۇرۇپ كەلگەن. گەرچە بۈگۈن ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاي مۇستەملىكىسىنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مۇستەملىكىلىككە باش ئەگمەس قەيسەر روھى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك تەۋرەنمەس ئىرادىسى، ھامان بىر كۈنى بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە خاتىمە بېرىپ، ئىستىقبالغا تولغان گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدۇ!

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.