مۇتەخەسسىسلەر: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنى تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى خەتەرلىك تەدبىر

0:00 / 0:00


چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئۇيغۇر - خىتاي ئۆز - ئارا نىكاھلىنىشنى رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى چارە - تەدبىرى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنىپ، ئۇزۇنغا بارماي ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر چارە تەدبىر خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

بۇ مەسىلە ھەقتىكى تالاش - تارتىش ۋە مۇنازىرىلەرنىڭ نېگىزى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى ئۆز - ئارا نىكاھلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ئاقامدۇ؟ بۇ سىياسەت نېمىشقا ھازىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە بۇ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردا قانداق ئىنكاس قوزغايدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە مەركەزلەشكەن.

«نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 5 - سېنتەبىر سانىدىكى خەۋەر ئانالىزىدا، بۇ چارە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي ئەنئەنىسى، تىلى، مەدەنىيىتى تەھدىتكە ئۇچراۋاتىدۇ، دەپ قاراۋاتقان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا دىققەت قوزغىغان.

«شىنجاڭدىكى پۇل تۆلەنگەن مىللەتلەر - ئارا تويلىشىش سىياسىتى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئانالىزىدا، ئامېرىكا جورجتاۋىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد، مىللەتلەر ئۆز - ئارا «قوشۇلۇپ كېتىش» نى، ئۆز - ئارا «سىڭىپ كېتىش» نى دۆلەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ خەتەرلىك تەرىپى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ياكى خىتاينى تەنقىد قىلغۇچىلار بۇنى ئۇيغۇرلارنى خىتاي مەدەنىيىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئوخشاشلا شۇ سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئانالىزىدا يەنە، ئاۋسترالىيە مېلبورىن لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق لېكتورى جېيمىس لېيبولد، بۇ چارە 2 - نۆۋەتلىك مەركىزى ھۆكۈمەت «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مىللەتلەر ئۆز - ئارا «ئالاقىلىشىش، ئالمىشىش ۋە ئارىلىشىپ كېتىش» نى كۈچەيتىش چاقىرىقىنىڭ يەرلىك سىياسەتتىكى ئىپادىسى، دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق خىتاي ئىقتىساد پەنلىرى مۇتەخەسسىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خې چىڭليەن خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ چارىنىڭ قانچىلىك ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى گۇمانلىق بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

خې چىڭليەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ ئىنتايىن كەسكىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقىرىلغان سىياسەت. تارىختىن قارىغاندا ئۆتمۈشتىكى فېئودال خانىدانلىقلار بۇ خىل سىياسەتنى قوللىغان. بىراق بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە بار. ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرغان مىللەتلەر ئۆزئارا تويلىشىشنى بۇنى قوللاپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. زىددىيەت ۋە سۈركىلىشنى ئازايتىپ كەلگەن. بىراق، ئاجىز ئورۇندىكى مىللەتلەر بۇنىڭغا ئىزچىل قارشىلىق قىلىپ كەلگەن. چۈنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى، مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىنىڭ غايىب بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا، بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بىر جەريان، ئۇ پۈتۈن دۇنيادا مەۋجۇت زىددىيەت. شۇڭا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانچىلىك تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ھازىر تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى قانچىلىك قوبۇل قىلالايدىغانلىقىغا باغلىق. مېنىڭچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشى، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنىڭ ئەڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

بىراق، تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بۇ چارە خىتاي كۆزلىگەن نەتىجىنى بەرمەيدۇ.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: بۇ، ئۇيغۇرلارنى ھەم مىللىي ھەم دىنىي جەھەتلەردە ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشكە تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى، ھازىر ئۇيغۇرلاردا بۇنداق قىلمىسا ئۆزىنىڭ يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى تونۇغان ئۇيغۇرلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدىن تۈپەيلى ئايرىمىچىلىق كەمسىتىش ناھايىتى ئېغىر بىر نۇقتىغا كەلدى. شۇڭا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز - ئارا بىر - بىرىگە ياردەم قىلمىسا، بىر - بىرى بىلەن ئىتتىپاقلاشمىسا يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندەك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، خىتاينىڭ بېسىمى قانچىلىك كۈچلۈك بولغانسېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قۇرۇلما ۋە مىللىي تۇيغۇسى شۇنچىلىك كۈچلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن.

ئەركىن ئەكرەمنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي بىلەن ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنۈش خەتەرلىك دەرىجىگە بېرىپ يېتىپ، ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۆز - ئارا نەپرەتكە ئايلانغان. شۇڭا، خىتاينىڭ بۇ چارە تەدبىرى كەچ قالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زىددىيەت بىر - بىرىگە ئىشەنمەسلىكتىن تەرەققىي قىلىپ، بىر - بىرىگە دۈشمەنلىك نۇقتىسىغا كېلىپ بولدى. مەيلى دىندارلار بولسۇن، مەيلى دەھرىيلەر بولسۇن، ھازىر ھېچكىم خىتايغا ئىشەنمەيدۇ. شۇنداقلا خىتايمۇ ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۈرۈمچىدىن باشلاپ، ئاقسۇ، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق نوپۇس كۆپ يەرلەردە، خىتاي - بىلەن ئۇيغۇرلار ياشايدىغان رايونلار ئاستا - ئاستا ئىككىگە بۆلۈنۈۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھەرقانداق بىر دۆلەتتە خەتەرلىك ئەھۋال.

خې چىڭليەن خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ سىياسەتنىڭ ئېقىش - ئاقماسلىقى، خىتاي كومپارتىيەسى كۆزلىگەن نەتىجە بېرىش - بەرمەسلىكى يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سىياسەتكە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا باغلىق.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىرىنچى، بۇ خىل يات مىللەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا تويلىشىش ئەھۋالى خەلقئارا ۋە جۇڭگو تارىخىدا ئىلگىرى يۈز بەرگەن تەجرىبە. كومپارتىيە ھازىر شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ سىياسەتنى قوللىنىپ، تارىختىكى تەجرىبىلەرگە يېقىنلاشتى. ئىككىنچى، كومپارتىيە ھازىر كۆرۈنۈشى چىرايلىق بىر توپنى قارشى تەرەپكە ئاتتى. بىراق مەسىلە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ توپنى قانداق ئېلىشى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيەگە قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشى. مەسىلەن، ئۇيغۇر جامائىتى ئاستىرتىن خەنزۇلار بىلەن توي قىلىشنى چەكلەيدىغان - چەكلىمەيدىغانلىقى بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى. ھېچكىم ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ۋەدە بېرەلمەيدۇ. ئۈچىنچى مەسىلە، ئۇيغۇرلاردىكى مۇستەقىلچى كۈچلەر ياكى ئاسسىمىلياتسىيەگە قارشى تۇرغۇچىلار بۇ مەسىلىدە دۇچ كېلىدىغان توسقۇنلۇق. چۈنكى، بۇ يەنە بىر جەھەتتە كىشىلىك ھوقۇققا بېرىپ تاقىلىدۇ. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىدە يات مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئەركىن تويلىشىش، نىكاھلىنىش ھوقۇقى قوغدىلىدۇ. بۇنىڭغا قارشىلىقى قىلىش بۇ ئۆلچەمگە خىلاپ، شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدىكى ناھايىتى قىيىن بىر مەسىلە.

بىراق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىپ، يات مىللەتلەرنى ئۆز ئارا تويلىشىشقا قىستىشى، ئۆزئارا تويلاشقان ئۇيغۇر - خىتايلارغا ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئالاھىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىمتىيازلارنى بېرىشكە ۋەدە قىلىشى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئالاقىدار خەلقئارا ئەھدىنامىلەردىكى كىشىلىك تاللاش ئەركىنلىكىگە قىلىنغان زور بۇزغۇنچىلىق.

چەرچەن ناھىيەسى چىقارغان بەلگىلىمىدە، ئۆزئارا تويلاشقان ئۇيغۇر - خىتاي ئائىلىلەرگە 5 يىل ھەر يىلى مىڭ10 سوم خەلق پۇلى، يىلدا 3200 دوللار داۋالىنىش ياردەم پۇلى، پەرزەنتلىرىگە ھەر يىلى 500 سوم ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە ئالىي مەكتەپكە كىرگەن ئۇيغۇر - خىتاي پەرزەنتلىرىگە ھەر يىلى 800 سوم ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە باشقا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق ئىمتىيازلارغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.