24-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتى گېرمانىيە يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مىشا ئۇشاكوۋ بىلەن ياۋروپا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، دۇنيا يەھۇدىيلار قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بىننى گۇتماننىڭ «بىز يەھۇدىيلارنىڭ تەقدىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئىنتايىن ئوخشاش» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالە 1936-يىلىدىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسى بىلەن بۈگۈنكى خىتاينى سېلىشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئەينى زاماندىكى ناتسىستلارغا ئوخشاش ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ شەرىپىنى سۈيئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن زالىملارچە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ماقالە مۇنداق ئىبارىلەر بىلەن باشلانغان: «1936-يىلى بېرلىندىكى ناتسىستلارغا ئوخشاش، خىتاي رەھبەرلىرى كېلەر يىلى 2-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ پارلاق مەنزىرىلەرنى كۆز-كۆز قىلىۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە، ئۇيغۇرلار كەبى ئاز سانلىق مىللەتلەر رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلىۋاتقان بولىدۇ. ھېچ بولمىسا، بۇ ئويۇننى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىش لازىم».
ماقالىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «يەنە 4 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى بېيجىڭدا باشلىنىدۇ. تەنھەرىكەتچىلەر، ئوبزورچىلار، تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر بىلەن يېڭى تەنتەربىيە مەيدانلىرىنى، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان تەلەي بۇتلىرىنى بولۇشىغا جۇلالىتىۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكۇڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە باشقا ئاز سانلىقلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشلىرى يەنىلا داۋام قىلىۋېرىدۇ». «خىتايدىكى شىنجاڭ رايونىدا 1 مىليون 800 مىڭ بىلەن 3 مىليون ئارىسىدا ئۇيغۇرنى ئاساس قىلغان تۈركىي مىللەتلەر جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بۇ جايدا مېڭە يۇيۇش، قىيناش ۋە باشقا ئىنسانىيەتسىزلىك ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا. ئاياللار تۇغماس قىلىنماقتا ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا. مەھبۇسلار قېيىن-قىستاققا ئېلىنماقتا ۋە تىببىي تەجرىبە بويۇمى بولماقتا. بۇ تارىختا دىنىي ۋە ئېتنىك ئاز سانلىقلارنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىدۇر».
ماقالىدە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغان مەھسۇلاتلاردىن نەپ ئېلىۋاتقانلىقى، خىتايدا نوپۇس كۆپىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 60 پىرسەنت كەينىگە چېكىنگەنلىكى مىساللىرى بىلەن ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، «خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ يەردە زامانىۋىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللانماقتا. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتى، بۈيۈك بىرىتانىيەلىكلەر، كانادالىقلار، گوللاندىيەلىكلەر، بېلگىيەلىكلەر ۋە لېتۋالىقلار ئېتىراپ قىلدى» دېگەن ھەمدە «ئولىمپىكنىڭ نۇرى كۆزلەرنى قانچىلىك قاماشتۇرمىسۇن، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى قانچىلىك پەردازلىمىسۇن، ئۇنىڭ يوشۇرۇن داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە دائىر رېئاللىق ھەممىگە ئايان بولۇشى لازىم،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.
مىشا ئۇشاكوۋ ۋە بىننى گۇتمان ماقالىسىنىڭ داۋامىدا تەلەپپۇزىنى تېخىمۇ قاتتىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھاكىمىيىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ كويىدا بولماقتا. 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا بىپەرۋا قارىغان، ئۇنى قوللىغان ۋە قوبۇل قىلغان ھەرقانداق ئادەم خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىك ھېسابلىنىدۇ. بىزنىڭ تەشەببۇسىمىز ئېنىق، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى ۋە تىبەت ھەم خوڭكوڭدىكى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشلارنى بېيجىڭنىڭ تەنتەربىيە ئارقىلىق پەردازلىشىغا بۇ دۇنيا مۇتلەق يول قويماسلىقى كېرەك. 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىشتىن باشقا ھەرقانداق چاقىرىقلار، بىزنىڭ ئومۇمىي قىممەت قاراشلىرىمىزغا چۈشكەن مەڭگۈلۈك داغ بولۇپ قالىدۇ».
دىنىي قېرىنداش بولغان مۇسۇلمانلار ئەمەس، بەلكى يەھۇدىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قارشى تۇرۇشىدىن تەسىرلەنگەن «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ گېرمانىيەدىكى يەھۇدىي ياشلىرىنىڭ بۇ پىداكارلىقىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
«بىز يەھۇدىيلارنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە ئىنتايىن ئوخشاش» ناملىق ماقالىدە يەنە شۇلار تىلغا ئېلىنغان: «يەھۇدىي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە دۆلەتسىزلىكنىڭ دەردىنى باشقا ھەرقانداق ئىنسانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدىغان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دائىم ئۆز ئۆزىمىزگە: ‹نېمە ئۈچۈن دۇنيا بىز ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەرگە سۈكۈت قىلدى ۋە بۈگۈنمۇ داۋاملىق سۈكۈت قىلىدۇ؟› دېگەن سوئالنى قويىمىز. ياش ئاكتىپلار سۈپىتىدە بىز ئالىي مەكتەپلەردە، كوچىلاردا، يىغىلىشلاردا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يەھۇدىلارغا قارشى ئېقىم بىلەن كۆرەش قىلماقتىمىز. چۈنكى بىز ئۈچۈن ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› نىڭ مەنىسى-كۈرەش قىلىشتۇر، مۇبادا بۈگۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن بولسا، ئۇنىڭغا قارشى ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشتۇر. بىز ياش يەھۇدىيلار دۇنيادىن ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز. ئەمەلىيەت شۇكى، بىز 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئويلىغان چېغىمىزدا، تارىخ قوڭغۇراقلىرىنىڭ ئەكس ساداسىنىڭ قايتىدىن ياڭرىغانلىقىنى ئاڭلايمىز. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى تارىختىكى چوڭ قىرغىنچىلىقلار بىلەن سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە ئېغىردۇر. خىتاينىڭ ھاكىمىيەت قوراللىرى ۋە ساختا تەشۋىقاتلىرى دەل 1936-يىلىدىكى ناتسىستلارنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكىگە ئەينەن ئوخشاشتۇر».
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا ياشلىرى يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى تۇرۇش ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى رەت قىلىش ئۈچۈن ياۋروپادىكى چوڭ شەھەرلەرگە «كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلىنى يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى باشلىغان. بۇ پائالىيەتتە ياۋروپادىكى يەھۇدىي ياشلىرىنىڭ رولى زور بولغان. مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەشكىللەنگەن بۇ پائالىيەت ياۋروپادىكى مەركىزىي شەھەرلەردە داۋام قىلماقتا ئىكەن.
«بىز يەھۇدىيلارنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە ئىنتايىن ئوخشاش» ناملىق بۇ ماقالە مۇنداق جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلاشقان: «2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللاۋاتقان دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ، تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ، شىركەتلەرنىڭ ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىشى ئۈچۈن تېخى پۇرسەت بار. سىز خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ھەمراھ بولامسىز ياكى ئادالەت تەرەپتە تۇرامسىز؟»