ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سېرىك ئۆمىكىنىڭ دارۋازلىرىدىن ئادىل ھوشۇر يېقىندا ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن سىرتتىن قاتنىشىپ قۇرۇلتايغا قاتناشقان قۇمۇل ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئارقىلىق تەشۋىق ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئادىل ھوشۇر ئۆزىنىڭ قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ھەقتىكى تەكلىپلىرى ئۈستىدە توختالدى.
زىيارىتىمىز جەريانىدا ئادىل ھوشۇر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزكەن كىشىلەرنى ئەقىلسىز ۋە مەدەنىيەتسىز كىشىلەر دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئادىل ھوشۇرنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرىغا باھا بەردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تامامەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىز جەريانىدا ئادىل ھوشۇر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىنىڭ ماددىي جەھەتتىن بېرىۋاتقان ياردىمىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ بىزنىڭ:«ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى بايلىقى شۇنچە مول بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرى ئۇيغۇر ئېلىغا ياردەمدە بولىدۇ» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى.
دارۋاز ئادىل ھوشۇرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ بايلىقى خىتاي دۆلىتىگە مەنسۇپ دېگەن قارىشى ھەققىدە توختالغان ئىلھام ماھمۇت خىتاينىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىدا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى بايلىقلاردىن ئالدى بىلەن بەھرى ئېلىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشتىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەش ھوقۇقلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، دارۋاز ئادىل ھوشۇر ئۇدا 4-نۆۋەت خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چاقىرىلغان قۇرۇلتايدا ئاساسلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىق ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھەلىرى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00