ئافغانىستاندا تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى (1)

0:00 / 0:00

ئافغانىستانلىق ئىككى نەپەر شاھىت يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ئافغانىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن 24 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن، يەنى 2015-يىلىنىڭ فېۋرال ئايلىرىدا ئافغان دائىرىلىرىنىڭ ئون نەچچە ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى رويتېرس ئاگېنتلىقى، «دىپلومات» گېزىتى، «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيىسى ۋە رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى ئارقىلىق خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

ئافغانىستان دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز تەۋەلىكىدە سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىدىن بولۇپ 24 كىشىنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە ئۇلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشى ئەينى چاغدا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

بۇ ۋەقە ئافغانىستاندا ئەشرەف غەنى ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان مەزگىلىدە يۈز بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئەشرەف غەنى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قوشنىسى پاكىستاندىن ئۈلگە ئېلىپ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزلىرى بىلەن دىنداش بولغان ۋە مىڭلارچە يىللار ئىناق قوشنىدارچىلىق قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى قۇربانلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شاھىتلارنىڭ بىرى ئىبراھىم ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئافغانىستانغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتى. ئۇ ئافغانىستاندا تۇغۇلغان ۋە ئەينى چاغدىكى سوۋېت-ئافغانىستان ئۇرۇشىغا قاتناشقان.

شاھىتلارنىڭ يەنە بىرى ئافغانىستاندا ئۇزۇن مەزگىل ياشىغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئۇيغۇر ئايال.

مەزكۇر ئىككى نەپەر شاھىت ئەينى چاغدا ئۆزلىرى كۆرگەن ۋە بىلگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئافغان دائىرىلىرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن، بالىلىرىدىن بولۇپ 24 نەپەر كىشىنى قانداق تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى خىتايغا قانداق ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى.

بىز مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئافغانىستان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئافغانىستاننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىز گەرچە ئافغان ئەلچىخانىسىنىڭ تاراتقۇ ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمى باشلىقى بىلال ئەسقەرىيار ئەپەندىگە ئۇلانغان بولسىمۇ، لېكىن قارشى تەرەپ تېلېفوننى ئالمىدى.

ئەينى چاغدا ئافغانىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 24 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.

(داۋامى بار)