ئافغانىستاندا خىتايغا نېمە بار؟

0:00 / 0:00

ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش 1970-يىللاردىن بۇيان تۈگەپ باقمىدى. ئۇزاقققا سوزۇلغان ئۇرۇش بۇ ئەلدە جەڭچىلىكنى تىرىكچىلىك يولىغان ئايلاندۇردى. «جىھاد» ئاتالغان ئۇرۇش ئوتىغا مۇسۇلمانلاردىن توپلانغان زاكات، ئۆشرە ۋە سەدىقەلەر ياغ چېچىپ تۇردى. ئۇرۇشنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى خەلقئارالىق ياردەملەرنى جەلپ قىلدى. ئۇرۇش چىقىمىنى قامداش ئۈچۈن مەيدانغا چىققان زەھەر، ئادەم ۋە قورال ئەتكەسچىلىكى بۇ ئەل ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈك كەسىپىگە ئايلاندى.

ئەسكەرلىك كەسپى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو قىسىملىرى بۇ ئەلگە كىرگەندىن كېيىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلدى. مەلۇماتلارغا كۆرە ئافغانىستاندا تالىبانغا رەسمىي ئەسكەر بولغانلارنىڭ سانى 70 مىڭدىن ئارتۇق دەپ تەخمىن قىلىنىدۇ. ئامېرىكا پرېزدېنتى جوۋ بايدېن 16-ئاغۇست ئاقسارايدىكى سۆزىدە ئافغانىستاندا 300 مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق كۈچنى تەربىيەلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. 2014-يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئافغانىستاندىكى ساقچىلارنىڭ 160 مىڭدىن ئاشقانلىقى مەلۇم. بۇ مەلۇماتلار ئەلۋەتتە ھەر قايسىي قەبىلە، پارتىيە ۋە دىنىي مەزھەپلەرنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. دېمەك، ئەڭ تۆۋەن مۆلچەر قىلغاندىمۇ، ئافغانىستاندا قورال كۆتۈرۈپ جان باقىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 500 مىڭدىن كەم ئەمەسلىكى روشەن. ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى نوپۇسى 39 مىليۇندىن ئاشىدىغان بولۇپ، نىسبەتلەشتۈرگەندە ئون پېرسەنتتىن ئارتۇق ئادەم ئەسكەرلىككە تايىنىپ كۈن كەچۈرىدۇ.

ئافغانىستاندا «جىھاد» ئاتالغان ئۇرۇشنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى «جىھاد» قىلسا «جەننەتلىك» بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان مىليۇنلىغان مۇسۇلمان، «جىھاد» نى تەرغىپ قىلىدىغان تۈمەنلىگەن ئىلىمدار، شۇنداقلا ئۆزى «جەننەت» ئۈچۈن «جىھاد» قىلمايدىغان، شەرىئەت يولغا قويۇلغان دۆلەتتە ئانچە ياشاپ كەتمەيدىغان، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنى غەربتە يۇقۇرى مەلۇماتلىق قىلىپ تەربىيەلەيدىغان، ئەمما «جىھاد» بىلەن شەرىئەت دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قەتئىي قوللايدىغان مۇسۇلمان زەردارلار، دىنىي تەشكىلاتلار ۋە فوندى جەمئىيەتلەر سەۋەپ بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا تالىبان ئۆزىنىڭ سىياسىي باش شىتابىنى پاشتۇنلار ئەڭ كۆپ دۆلەت پاكىستاندا ئەمەس، مۇسۇلمان زەردارلار يىغىلغان قاتاردا تەسىس قىلغان. كىرىدىغان مۇقىم كىرىم بولغاچقا، شۇنچە يىللىق ئۇرۇش تۇمانلىرى، سىياسىي داۋالغۇش ۋە كۆچمەنلەر دولقۇنى ئىچىدە قالغان بۇ ئەلدە 1960-يىلدىن بۇيان نوپۇس ئىزچىل ئېشىپ بارغانلىقىنى كۆرىمىز.

ئافغانىستاننىڭ بۈگۈنكى چىگراسى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇقىملاشقان، ئەمما بۇ دۆلەتتىكى خەلقتە مىللىي ئاڭ تېخى شەكىللىنىپ بولالمىغاچقا، مىللىي بىرلىك مۇقىلماشقان ئەمەس. بىر زېمىندا ياشايدىغان تاجىك، ئۆزبەك، ھازار، تۈركمەن، ئايماق دېگەن قەۋملەر ئىزچىل ئۈستۈن نوپۇستىكى پاشتۇنلارنىڭ بېسىمىغا، مىللىي زۇلۇمىغا، ئىرقىي كەمسىتىشىگە ئۇچراپ كەلگەن. بۇ ئامىل ئۇلارنىڭ بىر مىللىي بىرلىك بولۇشىنى چەكلەپ قويغان. مىللىي زۇلۇم بۇ مىللەتلەرنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايانغان قوزغىلاڭغا باشلىغان. ئۇرۇشتىن نېسىۋە ئالغان قەۋملەر ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچىنى قۇرۇپ چىققان. بۈگۈنكى ئ‍ۆزبەكلەرنىڭ رەھبىرى ئابدۇرىشىت دوستۇم شۇ قىزىل ئىنقىلابنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ساق قالغان ۋارىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئافغانىستاندىكى ئومۇمىي ئۇرۇش 1970-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كومۇنىستىك تاجاۋۇزىغا قارشى باشلانغان بولسا، ھازىر ئىسلامنىڭ شۇئارى بىلەن داۋام قىلىۋاتىدۇ. كومۇنىزىمغا قارشى بىر سەپتە جەڭ قىلغان مۇجاھىدلار 1989-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىچكى ئۇرۇشنى باشلاپ كەتكەن ئىدى. ناتوغا قارشى 20 يىل كۈرەش قىلغان مۇجاھىد تالىبانلارنى 2021-يىلى ئامېرىكا باشلىق بىرلەشمە ئارمىيە چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، يەنە كونا سەنەمگە دەسسەپ ئۆز ئارا ئۇرۇشمايدۇ، دېگىلى بولمايدۇ.

ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى خىتاينىڭ ئارىغا قىستۇرۇقلۇق بولۇشىدىندۇر. خىتاي 1960-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن رىقابەتلىشىپ، ئافغان كومۇنىتسلارنى قوللىغان. 1970-يىللاردا ئامېرىكا تەرەپتە تۇرۇپ مۇجاھىدلار بىلەن تۇنجى قېتىم چۈشىنىش ھاسىل قىلغان. بۇ چۈشىنىش تەدىرىجى تەرەققىي قىلىپ بىرلىك سەپكە ئايلانغان، ئەمما كۆپىنچە يوشۇرۇن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ قېتىم تالىبان بىلەن خىتاينىڭ تىيەنجىندە ئالىي دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى قۇرۇشى، 50 يىللىق ئىزچىل ھەمكارلىقنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى، دەرجىسىنى ئاشكارىلىدى ۋە «خىتاي-تېرورىزىم ئىتتىپاقلىقى» نىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتتى.

خىتاينىڭ تالىباننى قوللاشتىكى بۈگۈنكى مەقسىتى زادى نېمە؟ مەنچە، مەقسەت تۆۋەندىكىچە بولۇشى مۇمكىن. بىرى، ئۇيغۇر قوراللىقلارنىڭ ئافغانىستاندىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ خىتايغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىش، چېگرا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش. يەنە بىرى، ئافغانىستاننىڭ مول قېزىلما بايلىقى، ئەرزان ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي تالان تاراچ قىلىش. ئۈچىنچى بىرى، تالىبان ئارقىلىق خەلقئارا جىھادىزىمنىنىڭ تىزگىنىنى قولغا كىرگۈزۈپ، غەربكە ھەيۋە قىلىش. تۆتىنچىسى، تالىباننىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۈزۈمىنى ئاقلاش. بەشىنچىسى، «يېڭى يىپەك يولى ئىستىراتېگىيەسى» نىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

خىتاينىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ مېنىڭچە، بۇ تامامەن مۇمكىن. تالىبان ئالىقاچان خىتايغا ئۇيغۇر قوراللىقلار ھەققىدە ۋەدە بېرىپ بولدى. تالىباننىڭ تىزگىنى پاكىستاننىڭ قولىدا. پاكىستان ئاللىقاچان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ بولدى. خىتاينىڭ ۋاخان كارىدورىدا ھەربى بازا قۇرۇپ بولغانلىقىمۇ ئېيتىلماقتا. دېمەك، خىتاي ئافغانىستانغا قاراتماقچى بولغان ئىقتىسادىي تاجاۋۇزىنىڭ جۇغراپىيەۋىي سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ھەربىي ئاساسىنى تۇرغۇزۇپ بولدى. تالىباندەك ئىقلىم ئۆزگىرىشى، موھىتنىڭ بۇلغىنىشى، سىجىل تەرەققىيات، كىشىلىك ھوقۇق دېگەندەك ئۇقۇملارنى ئېتىراپ قىلىپ كەتمەيدىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئافغانىستاننىڭ تەختىگە چىقىشى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تاجاۋۇزىنى يېتەرلىك شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. خىتاي كارخانىلىرى يۇقىرىقى چەكلىمىلەردىن مۇستەسنا، قولىدىن كەلگەن ھەر قانداق ۋاستە ۋە ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ، ئافغانىستاننى تالان-تاراج قىلىدۇ. ناتونىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈشى غەرب شىركەتلىرىنىڭ سالغان مەبلەغلەرنىمۇ چېكىندۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇلار چېكىنمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى پائ‍الىيەتلىرى ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق، موھىتنى قوغداش، ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرايدۇ.

خىتاي تالىباننى كوزېر قىلىپ دۇنيانى تېرورىزىم تەھدىتى بىلەن قورقۇتىدۇ. خىتاينىڭ قولىدا بۇرۇن غەربكە قارشى شىمالىي كورىيە، ۋېيتنام ۋە كۇبا دېگەن كومۇنىستىك قەرتلەر بار ئىدى. بۇ قېتىم تالىباننىڭ ۋاستىسى بىلەن خەلقئارالىق جىھادىزىم قەرتى قوشۇلدى. بۇنداق بىر رېئاللىق غەربلىك سىياسىيۇنلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن يىراق ئەمەس ئىدى. چۈنكى سامۇئېل خانتىڭتون «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنيا تەرتىپىنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى» دېگەن كىتابىدا خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ غەربكە قارشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئەللەر بىلەن بارغانچە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە يېقىن مۇناسىۋەتكە ئۆتۈشى، ھەتتا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا قەدەم ئېلىشى، بۇ قېتىم پۈتۈن دۇنيانى قارىتىپ قويۇپ تۇرۇپ، تالىبان بىلەن ھەمكارلىق قىلىشى خانتىڭتوننىڭ پەرىزىنى كۈچلەندۈرۈپ قويدى.

خىتاينىڭ قولتۇقىغا كىرگەن تالىبان ئافغانىستاننى قولغا كىرگۈزدى، ھۆكۈمەت قۇرماي تۇرۇپ بىر داڭلىق شائىر، بىر كومېدىيەچى ۋە ناتوغا ئىشلىگەن كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ بولدى. تالىبان ھەرقانچە مۆتىدىل بولغان تەقدىردىمۇ شەرىئەتتىن ۋاز كېچەلمەيدۇ. ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىش، زىناخورنى چالما كېسەك قىلىش، جىنىسبازلىقنى جازالاش، مۇرتەدنى ئۆلتۈرۈش شەرىئەتنىڭ تەلىپى. بۇ غەربنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىنى پەيدا قىلىدۇ. غەربنىڭ شەرىئەتنى تەنقىد قىلىشى ئافغان مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ بىزارلىقىنى تېخىمۇ قوزغاپ خىتايغا تېخىمۇ چاپلاشتۇرىدۇ. خىتاي تەنقىدتىن خالىي، مۇسۇلمان دىكتاتورلارنى ئەيىبلىمەيدۇ. تالىبان كىشىلىك ھوقۇقنى پايخان قىلغاندا، تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرۇپ دۇنياغا مۇسۇلمانلارنىڭ نەقەدەر ئارقىدا قالغان، ئىدىيەسىنىڭ نەقەدەر قاتمال، خۇي-پەيلىنىڭ نەقەدەر بەدەۋىي ئىكەنلىكىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېر قۇرۇپ نەقەدەر توغرا قىلغانلىقىنى، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ھوقۇق بەرسە ئۇلارنىڭ مۇشۇ تالىبانلارنىڭ قىلغانلىرىنى تەكرارلايدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلاشقا باشلايدۇ. بۇ خىتاي ئ‍ۈچۈن بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققانغا باراۋەر.

خىتاينىڭ يىپەك يولى ئىستراتىگىيەسىدە ئافغانىستان موھىم دۆلەت. بۇنىڭدا ھازىر ھالقىلىق رول ئويناۋاتقان دۆلەتلەر تۈركىيە، ئىران، پاكىستان ئىدى. ئافغانىستان ئەگەر تالىباننىڭ قولىدا مۇقىملىققا ئېرىشسە، بۇ خىتاي ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت بولغان بولىدۇ. خىتاينىڭ بۇ يولدىكى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ترانسپورت بىخەتەرلىكى ۋە چېگرا بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئېرىشىدۇ.

خۇلاسە قىلغاندا، ئافغانىستاننىڭ غەربنىڭ تىزگىنىدىن چىقىپ خىتاي ۋە روسىيەنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى، ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر ئاپەتتۇر. ئەمما ئىشلار خىتاينىڭ يۇقىرىقى ھىيلە-مىكىرى بويىچە بولۇشى ناتايىن. ئافغانىستاندا تالىبانلارغا قارشى كۈچلەر قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى مۇمكىن. تالىبان دۆلەتنى قورال بىلەن ئالغان بىلەن قورال بىلەن تۇتۇپ تۇرالماي مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن. ئىران ئافغانىستاندىكى شىئەلەرنى كۈشكۈرتۈپ، تالىبانغا قارشى قويۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئامېرىكا خىتايغا قارشى غەرب ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىقالىسا، بۇ ئىتتىپاققا شەرقىي ياۋرۇپانى، ھەمدە تۈركىيە، ھىندىستان، جەنۇبى ئافرىقا، بىرازېلىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنى قوشالىسا، قولىدىكى كورونا قەرتى، سودا ئۇرۇشى قەرتى، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ قەرتىنى ياخشى ئوينىيالىسا، بەلكىم بۇ ئاپەتنىڭ دۇنيانى يالماپ يۇتۇشلىرىنى تىزگىنلەش مۇمكىن.

***مەزكۇر ئوبزوردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.