خىتاي نېمە ئۈچۈن «تېرورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قارالغان تالىبانلار بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىدۇ؟

0:00 / 0:00

خەلقئارادا «ئىسلامىي تېرورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قارالغان تالىبان كۈچلىرى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى بىلەن تۇيۇقسىز ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى. ئىلگىرىكى تېرورلۇق ھەركەتلىرى بىلەن تونۇلغان تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئۆزگىرىشلىرى خەلقئارادا تۈرلۈك ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا.

ھالبۇكى، خەلقئارادىكى تېرورلۇققا زەربە بېرىش ھەركىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تالىبان كۈچلىرىگە باغلاپ، ئۇلارنى «ئىسلامىي ئاشقۇنلۇق» ۋە «تېرورلۇق» قالپاقلىرى بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، بۈگۈنكى كۈندە بىر دومىلاپلا تالىبانلارنىڭ يېقىن قوللىغۇچىسىغا ئايلاندى. بۇ ھال خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەردە جىددىي سوئال پەيدا قىلماقتا.

ئامېرىكادىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى، ئافغانىستاننىڭ جىددىي رەۋىشتە ئۆزگىرىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيىيىتىدە خىتاينىڭ تالىبانلارغا زىيادە دوستانە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، ھەقىقەتەنمۇ كىشىلەرنى ئويلاندۇرىدىغان بىر مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى.

ياڭ جەنيەنلى مۇنداق دېدى: «بىز ھەممىمىز ئافغانىستاندا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشنى كۆردۇق. نۇرغۇنلىغان چوڭ دۆلەتلەر بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا تەدبىر ئالماقتا. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىرى بەكمۇ ئالاھىدە بولدى. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ ئىنكاسى ھەم ئەڭ بالدۇر بولدى ھەم بەكلا دوستانە بولدى.»

ياڭ جيەنلى ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، تالىبان بىلەن دەسلەپ ئالاقىدە بولغان روسىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، خىتاينىڭ بۇ يىل 7-ئايدا تالىبان ۋەكىللىرىنى تيەنجىندە كۈتىۋېلىشى، نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ياڭ جيەنلىنىڭ قارىشىچە، بۇ يىل 6-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا «تېرورچى تەشكىلات» دەپ قايتا تەكىتلەنگەن تالىبانغا قارىتا ئاغزىدا «تېرورىزىمغا زەربە بېرىش» نى داۋراڭ قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ بۇ قەدەر زىيادە دوستانىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ سەۋەبى بار ئىكەن. يەنى خىتاي ئافغانىستاندا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان دىيىشكىمۇ بولىدىكەن.

ياڭ جيەينلى مۇنداق دېدى: «خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇ؟ بىرىنچىدىن، خىتاي ئامېرىكا قالدۇرۇپ كەتكەن ئافغانىستاندىكى ھوقۇق بوشلۇقىنى ئىگىلەش، خىتاينىڭ خەلقئارادا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشىگە پۇرسەت ۋە مەيدان ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغان. ئىككىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى تالىبان ۋە تالىبان بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان بىر قىسىم تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇنداق ياكى بۇنداق مۇناسىۋىتى بار دەپ تەشۋىق كەلگەن ئىدى. شۇڭا خىتاي بۇ قېتىم ئافغانىستاننى كونترول قىلغان تالىبان بىلەن يېقىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش ‹ئۇيغۇر تېرورچىلىرى› نى قوللىماسلىقىنى ئۈمىد قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەنسىرەۋاتقىنى تالىباننىڭ شىنجاڭغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى قوينىغا ئېلىش-ئاماسلىق مەسىلىسىدۇر. شۇڭا خىتاي تالىبان بىلەن يېقىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەيدىغانلىقىدىن ئەمىن بولماقچى.»

ئامېرىكادىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، ئادۋوكات تېڭ بياۋ مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «خىتاي غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت. ئەنە شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشتا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدىغان ‹قوش ئۆلچەم› قوللىنىپ كەلگەن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن تېرورىزىمنى باھانە قىلىپ، شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن تېرورلۇق تەشكىلاتى بولغان تالىبان بىلەن ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. قارىماققا بۇ زىددىيەتلىك كۆرۈنىدۇ. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ‹تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش› نى باھانە قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىدى، ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە خىتاينىڭ دۆلەت بىرلىكىنى ساقلاشتىن ئىبارەت.»

تېڭ بياۋنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇستەبىت ھاكىمىيەت بولغان خىتاي دەل مۇشۇ سەۋەبتىن دۇنيادىكى مۇستەبىت دۆلەتلەر بىلەن دوستلۇق ئورناتقان. شۇڭا ئۇ تالىبانغا ئوخشاش تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەنمۇ دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۇلارنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «خىتاي تالىبان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىمۇ مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلغان، دىسەك خاتا بولمايدۇ. گەرچە تالىبان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ نەزەرىدە تۇتقىنى تالىباننىڭ سىياسىي جەھەتتە خىتاينى قوللايدىغان بىر مۇستەبىت كۈچ بولغانلىقىدۇر. ئەگەر تالىبان ئافغانىستاننى بىر دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا يېقىنلىشىپ، غەربچە ئىدېئولوگىيە ۋە قىممەت قارىشىنى تەشەببۇس قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا تالىبان خىتايغا قارشى مەيداندا تۇرغان بولاتتى. خىتاي مانا بۇ نۇقتىدىن ئەنسىرەيدۇ ۋە بۇنى نەزەرگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ تالىبان بىلەن يېقىنلىشىشىدا خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ۋە بۇنىڭدىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنىمۇ ئويلاشقانلىقى سەۋەب بولغان. ئەمما خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش چەمبىرىكىنىڭ مەقسىدى يەنىلا خىتاينىڭ سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان.»

ياڭ جيەنلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تالىبان بىلەن يېقىنلىشىشىدا ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تالىباننىڭ قولىغا ئۆتكەن ئافغانىستاندا مۇقىم ۋەزىيەت بەرپا بولغىنىدا، ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقى ھەمدە ئافغانىستاندىكى مول يەر ئاستى بايلىقىلىردىن پايدا ئېلىشنى كۆزلىگەنلىكى ئېنىق ئىكەن.

ياڭ جەنلى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەلۋەتتە تالىباننىڭ ھاكىمىيەتنى تېزدىن قولغا ئېلىپ، ئافغانىستاندا مۇقىم ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا خىتاي پاكىستان بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› كارىدورىنى ئافغانىستان ئارقىلىق غەربىي ئاسىياغا ئۇلىيالايدۇ ھەمدە ئافغانىستاندىكى مول يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدۇ.»

ئەمما ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئافغانىستاندا تۇراقلىق ۋە مۇقىم بىر ۋەزىيەت بارلىققا كەلمىگۈچە، خىتاينىڭ بۇ ئارزۇسىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى تەس ئىكەن.

ياڭ جيەنلى ئەپەندى ئامېرىكانىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» تەشكىلاتىنى «تېرورلۇق گۇرۇھلار تىزىملىكى» دىن ئۆچۈرىۋەتكەنلىكىنى، بۇ نۇقتىدا خىتاينىڭ ئامېرىكانى ئەيىبلىشىدىكى سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر يالغان باھانە-سەۋەبنى توقۇپ چىقىشقا ئېھتىياجى بار ئىكەن.