خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئافغانىستانغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن

0:00 / 0:00


ئافغانىستاننى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان تۇنجى دۆلەت - برىتانىيە ئىدى. ئۇنىڭ 19 - ئەسىردىكى بۇ ھەركىتىدىن بۇيان ئافغانىستان ئۇرۇشىغا كىرىپ، ئېغىر بەدەل تۆلەش ئىزچىل چوڭ دۆلەتلەرگە خاس ئالاھىدىلىك بولۇپ قالغان. بۇنى 1980 - يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا قوشۇن چىقىرىپ سىناپ كۆردى. ھازىر بولسا ئامېرىكىغا 13 يىلدىن ئاشتى.

ئامېرىكا «نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى»دە چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەر ئانالىزىدا، ئەمدىكى نۆۋەت خىتايغا كېلىۋاتقانلىقى، بىراق خىتاينىڭ پەرقلىق بىر يول تۇتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتىلاڭچىلىقى ئافغانىستانغا پۇرسەت» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئانالىزىدا مۇنداق دېيىلگەن،«ھازىر خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئافغانىستاننىڭ ئوينايدىغان رولىغا باغلىغاندەك قىلىدۇ.»

ئامېرىكا باشلىقىچىدىكى ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى بۇ يىلنىڭ ئاخىرى چېكىنىپ بولىدۇ. بۇنىڭ ئافغانىستاندا بوشلۇق پەيدا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان قوراللىق ئىسىلامچى كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر خرىس.

«نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى»نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىسلامچى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئافغانىستانغا قول سېلىشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى. بىراق خەۋەر ئانالىزىدا، خىتاينىڭ يېقىن ئارىدا ئافغانىستانغا قوشۇن چىقارمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئامېرىكا ۋە ش ئا ئە ت بۇ يىلنىڭ ئاخىرى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ بولغان تەقدىردىمۇ، ھېچكىم خىتاينى يېقىن ئارىدا قوشۇن چىقىرىدۇ، دەپ قارىمايدۇ. لېكىن ئۇ ئافغانىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى رەسمىلەشتۈرۈش يولىدا زور قەدەملەرنى باستى. ئۆتكەن ھەپتە، ئۇنىڭ ئافغانىستانغا مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادى، بىخەتەرلىك ياردىمى بېرىشنى پىلانلىغانلىقى قەيت قىلىندى» دېيىلگەن.

لېكىن ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق مۇستەقىل پائالىيەتچى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەت توختىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆتمۈشتىكى ئەنگىلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، ئافغانىستاندا چەكلىك ھەم ۋاستىلىق رول ئوينىشى مۇمكىن.

ئۇ مۇنداق دىدى: خىتاينىڭ ئەسكەرلىرى ياكى ئىنسانلىرىغا نىسبەتەن ئۇ رايون خەلقى قويۇل مۇسۇلمان خەلقى بولغاچقا ئۇنچىۋالا قۇچاقلاپ قارشى ئېلىشىغا مەن ئىشەنمەيمەن. لېكىن جىق قالايمىقانچىلىق بولىدۇ. شۇڭا، خىتاي بۇ يەردە بىرسى، پۇلغاسېتىۋېلىش، ئىككىنچىسى، ئىنسانسىز ھاۋا ۋاستىلىرىنى قوللۇنۇپ، سۈنئىي ھەمرا ئارقىلقى ئىگىللىگەن ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ئۆزىگە تەھدىت، دەپ قارالغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇشۇنداقراق يول تۇتامدىكىن، دەپ تەخمىن قىلىمەن.

خەۋەر ئانالىزىدا كۆرسىتىشىچە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ئۇيغۇر قوراللىق ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىنى كۆپتۈرىۋەتكەن، دەپ قاراپ، خىتاينىڭ پىكىرىنى ئاساسسز ئەندىشە، دەپ كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئافغانلار بۇنى يېڭى ھەم باي خەير - ساخاۋەتچى تېپىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ ھېسابلىماقتا ئىكەن.

خەۋەر ئانالىزىدا يەنە قەيت قىلىشىچە، ئافغانلار يالغۇز خەير - ساخاۋەتچى تېپىشنىڭلا كويىدا ئەمەس. ئۇلار يەنە، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنى كوزۇر قىلىپ، خىتاي ئارقىلىق پاكىستانغا بېسىم ئىشلىتىشنىڭ كويىدا. پاكىستان خىتاينىڭ يېقىن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى بولسىمۇ، بىراق كابۇل ھۆكۈمىتى ئىزچىل پاكىستان مۇشتەرەك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئافغان تالىبانلىرىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

ئافغان ئىستىخباراتى ئافغانىستاندا ئۇرۇش قىلىپ ئەسىر ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىزچىل بېيجىڭغا مەلۇم قىلىپ، خىتاي دائىلىرىگە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندىكى ئىسلامى لاگىرلاردا تەربىيەلەنگەنلىكىنى تەپسىلىي پاكىتلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان.

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ئەشرەپ غەنى بۇ يىل 28 - ئۆكتەبىر خىتاينى زىيارەت قىلدى. خىتاي ئەشرەپ غەنى سايلامدا غەلىبە قىلىپ زىيارەتكە چىققان تۇنجى دۆلەت. لېكىن ئەشرەپ غەنىنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن ئافغان ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رەھمىتۇللا نەبىل خىتاينى زىيارەت قىلغان. «نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋەر ئانالىزىدا كۆرسىتىشىچە، رەھمىتۇللاھ نەبىلنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تېمىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىگىلىگەن.

رەھمىتۇللاھ نەبىل، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى لاگىرلاردا تەربىيىلىنىپ چىققان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىنكاسقا قۇلاق سېلىشقا باشلىغانلىقى «زور ئىلگىرلەش» دەپ كۆرسىتىپ، «قولغا چۈشكەن نۇرغۇن ئۇيغۇر بار. سوراق جەريانىدا ئۇلار قەيەردە تەربىيەلەنگەنلىكىنى، قانداق تەربىيەلەنگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى.» دېگەن.

ئۇ، يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن مەشغۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى. لېكىن ئافغانىستان پرېزىدېنتى ئەشرەپ غەنى، رەھمىتۇللا نەبىلدىن كېيىنلا 28 - ئۆكتەبىر خىتاينى زىيارەت قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى كۇڭ شۈەنيونىڭ ئاشكارىلىشىچە، «پرېزىدېنت غەنى بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئافغانىستان تەرەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تېررورلۇق كۈچلىرىگە قارشى كۈرىشىنى كۈچلۈك قوللاشقا تەييار» دېگەن.

لېكىن مەمەت توختى ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇقىملىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئافغانىستان ياكى ئەتراپتىكى باشقا قوشنا دۆلەتلەر ئەمەس. بەلكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن ئولتۇرۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئافغانىستان ۋە باشقا قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق بىر مەزگىللىك ئىشقا يارىسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن مەزگىلدە ھېچقانداق مەسىلە ھەل قىلمايدۇ.

ئۇ مۇنداق دىدى: ئۇ خىتاينىڭ پوسىنى كۆچۈرۈپ قويۇش بىلەن ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتمەيدۇ. ئۇيغۇرلار تۈنۈگۈنكى مىللەت ئەمەس. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي بار مىللەت. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەت تارىخىي تۈنۈگۈنكى تارىخ ئەمەس، مىڭ يىلدىن ئاشقان دىنيى تارىخىي بار ئۇيغۇرلارنىڭ. بۇ، 4 خىتاينى ئۇ يەرگە يۆتكەپ قويۇپ يوقاپ كېتىدىغان مەسىلە ئەمەس. خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇلارنى چۈشەنمەي، مۇشۇنچىلىك بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمىلىي بىر قەدەم باسماي، مۇشۇنچىۋالا زوراۋانلقى قىلىشىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ مەسىلە تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىدۇ. ئۇ بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ھەق - ھوقۇقىغا تەلەپ قىلىپ يولغا چىققان ئىكەن، ئۇ شۇنداق داۋاملىشىدۇ. خىتاينىڭ ھەركىتى ھېچنىمىنى ھەل بولمايدۇ. بۇنىڭ باشقا تۈرلىك يولى يوق. سېنىڭ مەسىلەڭ ئۇيغۇر بىلەن بولسا، سەن ئۇنى ئافغانىستان بىلەن سۆزلىشىپ ھەل قىلالمايسەن. سەن ئۇنى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىپ ھەل قىلىسە.

ئەشرەپ غەنىنىڭ زىيارىتىدە خىتاي تەرەپ ئافغانىستانغا كەلگۈسى 3 يىلدا 370 مىليون دوللار ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. شۇنداقلا يەنە، يېڭى تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ياردەمنى داۋاملىق كۈپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىراق «نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى» ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي ئۆزىنىڭ دېگەنلىرىگە ئەمەل قىلسا، ئۇ زور خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ. چۈنكى، خىتاينىڭ ئافغانىستانغا سالغان مەبلىغى چەكلىك بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھازىرغا قەدەر پەقەت ئاۋارىچىلىققىلا ئۇچراپ كەلگەن.

خىتاي مىتاللورگىيە گۇرۇھى ئىلگىرى كابۇلنىڭ جەنۇبىدا تالىبانلار ھەرىكىتى كۈچلۈك رايونىدىكى بىر مىس كانغا 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان. بۇ قۇرۇلۇشقا 7 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ تالىبانلارنىڭ ھۇجۇمى، ئومۇمى ۋەزىيەتتىكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن ماڭمىغان. خىتاينىڭ مىس كان رايونىدىكى يېزا خەلقىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئۆي سېلىپ بېرىش، تۆمۈريول ياساش، ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ بېرىش ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمىغان.

«نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋەر ئانالىزىدا ئەڭ ئاخىرى خۇلاسىلاپ مۇنداق دەيدۇ:

تالىبانلارنىڭ غەزەپ - نەپرىتى قەدىمىي يىپەك يولىنى ئۇ ھېچقاچان يولۇقۇپ باقمىغان بىر خەۋپكە مۇپتىلا قىلدى. ئامېرىكىنىڭ پىلانى يېڭى يىپەك يولىنى قۇرۇش بولسىمۇ، بىراق ئۆتكەن 13 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭدا بەدخەجلىك قىلىش ۋە قۇرۇق گەپتىن باشقا ئېرىشكەن تەرەققىيات ئىنتايىن ئاز بولدى.»