خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىقىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە نەزەر

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.09.11
xitay-tashqi-ishlar-bayanatchisi-mao-ning خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2024-يىلى 10-سېنتەبىر، بېيجىڭ.
fmprc.gov.cn

ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىك تارىخىنىڭ سايىلىرى ئافرىقا قىتئەسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقاندا تەدرىجىي يوسۇندا ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئېلىۋاتقان يېڭى كۈچ 1949-يىلى كوممۇنىستىك تۈزۈمدىكى يېڭى دۆلەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان خىتاي بولدى. ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى «دۇنيا بويىچە ئەڭ نامرات رايون» دە قارىلىۋاتقان ئافرىقا بىلەن ئەڭ قويۇق دىپلوماتىك ئالاقە ئورناتقان چوڭ دۆلەت بولۇش بىلەن بىرگە ئافرىقا قىتئەسىدىكى بىر قىسىم «ئازادلىق ھەرىكەتلىرى» گە ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئېزىلگۈچىلەرنىڭ غەمگۇزارى» ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. ئەمما بۇ خىل «دوستلۇق» ۋە «ھەمكارلىق» مۇناسىۋىتىگە يېرىم ئەسىردىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بەكمۇ يىراقنى كۆزلىگەن مەنپەئەت قىلتىقى ئىكەنلىكى كۆپلەپ ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى.

ئۇنداقتا خىتاي بىلەن ئافرىقا ئەللىرى ئارىسىدىكى بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرەر ئالاقىسى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئەلۋەتتە مۇمكىن! مۇمكىن بولۇپلا قالماي، خىتاي بىلەن ئافرىقا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا قانۇنلار بويىچە ھەل بولۇشىغا ئىزچىل توسالغۇ پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئىش؟ بۈگۈن بىز 2024-يىلى 4-سېنتەبىردىن 6-سېنتەبىرگىچە ئېچىلغان «خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنى» ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىمىز.

بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ بېشىدا زور داغدۇغا بىلەن ئېچىلغان «خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنى» خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى قىزىق نۇقتىلىق تېمىغا ئايلاندى. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبمۇ دەل خىتاي بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ئارىسىدىكى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن بولدى.

خىتاي بىلەن ئافرىقا ئارىسىدىكى بۇ ئاتالمىش «ھەمكارلىق مۇنبىرى» گەرچە 2000-يىلى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىگىچە تۇتۇشىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇملۇق. يەنى، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىمۇ، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دىكى قوللاش كۈچىنى زورايتىش، خەلقئارادىكى تەسىر دائىرىسىنى ئۆستۈرۈش، شۇنداقلا خىتاي ئۆزىنى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ باش رەھبىرىگە ئايلاندۇرۇش ئارزۇسى ئۈچۈن ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە كۈچلۈك قوللىغان. ھەتتا خىتايدىكى ئاتالمىش «ئۈچ يىللىق زور ئاچارچىلىق» مەزگىلىدىمۇ، مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىگە قارىماي، ئافرىقىغا بولغان ياردەمنى قەتئىي توختىتىپ قويمىغان. دەرۋەقە، خىتاينىڭ بۇ «تىرىشچانلىقى» مۇ ئەلۋەتتە ئۆزىگە تۇشلۇق مېۋە بەرگەن. يەنى ئافرىقا قىتئەسىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ب د ت غا ئارقا-ئارقىدىن ئەزا بولۇشى بىلەن خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئىمتىيازى زور دەرىجىدە ئاشقان. ھەتتا 1971-يىلى «جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى» نى ب د ت دىن چىقىرىپ تاشلاپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر دۆلەت سۈپىتىدە ب د ت غا كىرىشىمۇ، دەل شۇ ئىمتىيازنىڭ نەتىجىسىدۇر. خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى مەۋجۇتلۇقى ئۇنى خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش، تەسىرىنى كۈچەيتىش ۋە ب د ت دا چىقىرىلىدىغان خەلقئارالىق چوڭ قارارلارنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق تۈرلۈك مەنپەئەتلەرگە ئېرىشتۈرگەن. مانا بۈگۈن ئافرىقا دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بىرمۇ دۆلەتنىڭ بولماسلىقىمۇ دەل بۇ سەۋەبتىن، دېيىشكە بولىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا بولسا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئافرىقىنى 360 مىليارد سوم (تەخمىنەن 51 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىشى بولدى. بۇمۇ دەل خىتاينىڭ ئافرىقا ئەللىرىگە «ياردەم بېرىش» سىياسىتىنىڭ ئۆتكەن ئەسىردىن تاكى بۈگۈنگىچە ھېچ ئۆزگەرمەي داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتىدۇر. خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە قىلىۋاتقان ياردىمىنى «خىتاي ئۇسلۇبىدىكى مارشال پىلان» دەپمۇ تەشۋىق قىلىپ باقتى. قىزىقارلىقى، خىتاينىڭ بۇ «مارشال پىلانى» ئامېرىكىنىڭ 1948-يىلى يولغا قويغان مارشال پىلانىدەك، ياردەمگە ئېرىشكەن دۆلەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزەلمىدى. ئەكسىچە، خىتاي بىلەن يېقىنلاشقان دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپى تەرەققىي قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە خىتايغا مۇنقەرز بولۇشتەك قىسمەتتىن قۇتۇلالماي كەلدى. بۇنداق بىر شەكىلدىكى «ياردەم» نى قانداقمۇ ئامېرىكىنىڭ مارشال پىلانىغا ئوخشاتقىلى بولسۇن؟

ئامېرىكىنىڭ مارشال پىلانى بولسا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشنى پىلانى بولسىمۇ، كېيىنكى ۋاقىتلار مارشال پىلانى يەنە ياپونىيە، كورېيە، مالايسىيا، ھىندونېزىيە، تەيۋەن قاتارلىق نۇرغۇن ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭمۇ قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى زور ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ ئامېرىكىنىڭ مارشال پىلانىدىن نەپ ئالغان دۆلەت دەل تۈركىيەدۇر. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، دۇنيا سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىگە كىرگىنىدە، تۈركىيە خۇددى باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىست ئىدىيەسى تەسىرىگە ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. تۈركىيە بۇ خەۋپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ مارشال پىلانىغا قوشۇلۇپ، زور ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ياردەملەرگە ئېرىشتى. تۈركىيە سىياسىتى غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى قوللايدىغان تەرەپكە تەرەققىي قىلىپ، ستالىن باشچىلىقىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىدىن تېز سۈرئەتتە قۇتۇلدى. ئەمما ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا دۆلەتلىرى بولسا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىدە غەربتىن تەدرىجىي يىراقلىشىش يولىنى تاللىدى. دېمەك، ھەر كىم ئۆزى تاللىغان يولغا كۆرە مەنزىلىگە ئۇلىشىدۇ. غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا ئەگەشكەن دۆلەتلەر بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، كېيىنكى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ كوممۇنىست ئىدىيەسىگە ئەگەشكەن دۆلەتلەرنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىقى بۇنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.

بۇ قېتىمقى خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنىدا گەرچە شى جىنپىڭ ئافرىقىنى زور مىقداردىكى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا بولغان قەرزلىرىنى بىكار قىلىۋېتىش ھەققىدىكى ئاۋازلىرىغا ئىنكاس قايتۇرمىغان خىتاي، 10-سېنتەبىردىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە «ئافرىقا ئەللىرىنىڭ قەرزىنى يېنىكلىتىشكە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى ياردەم بېرىشقا چاقىرىمىز» دېگەندەك كۈلكىلىك ئىنكاس قايتۇردى. دېمەك، خىتاينىڭ قارىشىچە، ئافرىقىلىقلارنىڭ خىتايغا بولغان قەرزىنى، ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان ئەللەر تۆلەپ بېرىشى كېرەك! خىتاي بولسا ئافرىقىدىكى تالان-تاراجلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئافرىقا خەلقىنى قەرز پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويۇشنى داۋام قىلىشى، ئافرىقىلىقلارنى خىتايغا داۋاملىق بېقىنىپ، خىتاينىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغان قىلىۋېتىشى كېرەك!

دەرۋەقە، بىز ئاۋۋالقى ئوبزورلىرىمىزدا ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمىسىمۇ بولىدىغان بىر يول بار دېيىلسە، ئۇ بولسىمۇ خىتاينى مەركەز قىلغان يېڭى دۇنيا تۈزۈلمىسىنىڭ ئورنىتىلىشىدۇر. بۇنداق بىر يېڭى دۇنيا تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش ئېنىقكى خىتاينىڭ قۇرۇق شوئارى بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بەلكى غەرب ئۆچمەنلىكى بىلەن قوراللانغان دۆلەتلەرنى ئۆز يېنىغا تارتىشلا خىتاينىڭ بۈيۈك پىلانىنى روياپقا چىقىرىشتىكى ئەڭ مۇھىم كۈچ بولالايدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلىتىگە زور ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنى كۆزدىن يوقىتىش ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى جىنايى مەسئۇلىيەتتىن قېچىش تاكتىكىسى بولغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز تەس ئەمەس.

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.