خىتاينىڭ ئافرىقادىكى 17 دۆلەتنىڭ قەرزىنى بىكار قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۇرۇشى
2022.08.24
19-ئاۋغۇست خىتاي ھۆكۈمىتى ئافرىقىدىكى 17 دۆلەتنىڭ 23 تۈرلۈك ئۆسۈمسىز قەرزىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ بۇ قارارى خەلقئارانىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي خەلقىنىمۇ ھەيرانۇ-ھەس قىلدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتاي ئاخبارات سۇپىلىرىنى خىتايلارنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلىرى قاپلىغانىدى. بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا بولغان نارازىلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، ھەتتا ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ئۈچ يىللىق ئاچارچىلىق دەۋرىدىكى تارىخلارمۇ ئوتتۇرىغا سۆرەپ چىقىلغان. بۈگۈن خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدىمۇ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى. ئۇ ھالدا خىتاي زادى نېمە سەۋەبتىن ئافرىقالىقلاردىكى بۇ زور سوممىلىق قەرزنى تۇيۇقسىز ئالمايدىغان بولدى؟ بۇ ئىشنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟
بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ياكى خىتاي مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلار نەزەرگە ئېلىپ كەتمىگەن بىر نوقتا بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ خىتاينىڭ «ئىچكى ۋە تاشقىي ياردەم ستراتېگىيىسى» دۇر.
خىتاي ھاكىمىيىتى 1949-يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ سىياسەتنى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئېلىگە ئاتالمىش «شىنجاڭنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش» نامىدا پەيدا قىلىنغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاش، زېمىنلىرىنى ئىگىلەش ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشتىكى ۋاستىسىغا ئايلىنىشى بولسا ئاتالمىش «ئىچكىي ياردەم سىياسىتى» نىڭ نەتىجىسىدۇر. ماۋ زېدوڭنىڭ «ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكاسى ئەللىرىگە ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيەسى» ئارقىلىق خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولالىشى، بۈگۈنكى «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرەلىشى، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنماسلىقىمۇ دەل «سىرتقا ياردەم ئىستراتېگىيەىسى» نىڭ غەلىبىسىدۇر. ب د ت دىكى 195 ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ئاسىيا ئەللىرى 39، ئافرىقا ئەللىرى 53، لاتىن ئامېرىكاسى ئەللىرى بولسا 33 بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر ئاساسەن خىتاينىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرىدۇر. خىتاي دۆلىتى مەزكۈر دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقداشلىرىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن خىلمۇ خىل سىياسىي ھېيلە-نەيرەڭلەرنى ئىشلەتكەن. مەسىلەن، 1949-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە ماۋ زېدوڭنىڭ «مۇستەملىكىچىلىككە ۋە شاۋېنىزم ئىدېئولوگىيەسىگە قارشى كۈرەش چاقىرىقى» ئاساسىدا ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىكىلىكتىن قۇتۇلۇش ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم قىلغان. مەسىلەن، پەلەستىن ئازادلىق ھەرىكىتىگە، شىمالىي كورىيەنىڭ ئامېرىكاغا قارشى ئۇرۇشىغا، ۋېيتنامنىڭ فرانسىيەگە قارشى ئۇرۇشىغا ۋە شۇنىڭدەك تۈرلۈك ئۇرۇشلارغا ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەملەرنى بەرگەن. ھەتتا ئۈچ يىللىق ئاچارچىلىق، ئون يىللىق «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دېگەندەك خىتاي ئىقتىسادىي پالەچ ھالغا كېلىپ قالغان، مىليۇنلاپ خەلق ئاچلىق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان دەۋرلەردىمۇ، خىتاي بۇ خىلدىكى «سىرتقا ياردەم سىياسىتى» نى توختاتمىغان.
خىتاينىڭ كۇيلۇن سىياسىي تەتقىقات مەركىزى تور بېتىگە 2018-يىلى قويۇلغان، «ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى چەت ئەلگە بېرىلگەن ياردەملەرگە تۆھمەت چاپلىماسلىق كېرەك-چەتئەلگە بەرگەن ياردەملىرىمىزگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىش كېرەك» ناملىق ماقالىسىدە، خىتاينىڭ سىرتقى ياردەم سىياسىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە دېگەنلىرى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. مەسىلەن، ماقالىدە سىرلانكاغا 14 يىلدىن بۇيان بېرىلىۋاتقان ياردەمنىڭ تۈرتكىسىدە، سىرىلانكا قەرزگە بوغۇلۇپ، ئاقىۋەتتە پايتەختتىكى خەلقئارا پورتىنى خىتايغا قەرز تۆلەش ئۈچۈن 99 يىللىق ئىجارىگە بەرگەنلىكى؛ بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، يەنە بىر خەلقئارالىق چوڭ پورت ھامبانتوتانىمۇ خىتاينىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەنلىكى، بۇ ئىككى خەلقئارالىق پورتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى يېزىلغان. مەزكۈر ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ 60-70-يىللىرى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا، ئافرىقالىقلارنىڭ مۇستەملىكىلىككە قارشى تۇرۇشىغا ياردەم قىلىش بىلەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەلەرگە كۆپ باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىش بىلەن بىرگە بۇ دۆلەتلەرنى ئۆزىگە دوست قىلالىغانلىقى؛ يەنە بىرى ئالبانىيە، يۈگۇسلاۋىيە، رومانىيە قاتارلىق كوممۇنىست دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا ئاتوم بومبىسى، سۈنئىي ھەمراھ ياساش ۋە ئۈچ لېنىيە قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشتەك ئىشلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىكىنىمۇ چەت ئەلگە ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بۈيۈك غەلىبىسى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان.
11-نۆۋەتىلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا دېڭ شياۋپىڭ «ئىسلاھات ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى» نىڭ يۈرگۈزىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن بولسا، خىتاينىڭ تاشقىي ياردەم سىياسىتى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىغا كېڭەيگەن. مەسىلەن، 1979-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە خىتاي يەنە ئىران-ئىراق ئۇرۇشى، بالتىق كىرىزىسى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەرگىمۇ، سىرتقا ياردەم نامىدا قول تىققان. 11-سىنتەبىر ۋەقەسى سەۋەبلىك ئامېرىكا بىلەن بۇزۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان مۇناسىۋەتلىرىنى قۇتقۇزىۋالغان ۋە ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن قارىلاش مەقسىتىگە يەتكەن. خەلقئارا تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش باھانىسىدا ئاتالمىش «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى قۇرۇپ، ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا خىتاينىڭ يېڭى ئىتتىپاقداشلىقىنى بەرپا قىلىشقا باشلىغان. 2012-يىلىدىن بۈگۈنگىچە بولسا شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى «خىتاي چۈشى» نى ئەمەلگەن ئاشۇرۇش ئۈچۈن «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ئاتالمىش «ياردەمنى خەلقئارالاشتۇرۇش» بىلەن دۇنيانى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى باشلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى بولغان «6-بەش يىللىق پىلان» ىدا خىتاي دۆلىتى «دېڭىز ياقىسى رايونلىرى، ئىچكىي قۇرۇقلۇق رايونلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى» قاتارلىق ئۈچ كاتېگورىيەگە ئايرىلدى. شۇنداقلا دېڭىز ياقىسى رايونى بىلەن بىڭتۇەن ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 1984-يىلى بولسا خىتاي مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قارارىنى ئېلان قىلىپ، ئالدىن تەرەققىي قىلىدىغان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئۇل سالدى.
دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ياردەملىرى ئاستىدا دېڭىز ياقىسى رايونلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئىقتىسادىدا غايەت زور يۈكسىلىش بولدى. دېڭىز ياقىسى رايونلىرى بىلەن ئىچكىي قۇرۇقلۇق رايونلىرى ئارىسىدا بۇ سەۋەبلىك ئىقتىسادىي پەرق شەكىللەنگەن بولسا، ئۇيغۇر دىيارىدىدىمۇ ئوخشاشلا بىڭتۇەننى ئاساس قىلغان شىمالىي ئۇيغۇر دىيارى بىلەن، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارى ئارىسىدا زور ئىقتىسادىي پەرق شەكىللەندى. دېمەك، 90-يىللارغا كەلگەندە ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلىتىدىكى ئەڭ نامرات خەلققە، بىڭتۇەن بولسا خىتاي دۆلىتىدىكى ئەڭ باي ئورۇنغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمما ئېغىر نامراتلىق، ئىشسىزلىق ۋە تۈرلۈك چەكتىن ئاشقان سىياسىي بېسىملار تۈپەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكېمىيىتىگە بولغان نارازىلىقلىرى كۈنسېرى كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى.
بۇ چاغدا دېڭ شاۋپىڭنىڭ «ئالدىن تەرەققىي تاپقان رايونلار ئارقىدا قالغان رايونلارغا ياردەم قىلىشى كېرەك» دېگەن يوليورۇقى بويىچە، ئالدىن تەرەققىي قىلغان دېڭىز ياقىسى رايونلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ئۇيغۇرلارنى نامراتلىق قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى. ۋەزىپىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈلىشى ئۈچۈن 1996-يىلى 3-ئايدا «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» ئېلان قىلىندى. مەزكۈر ھۆججەت 10 ماددىدىن تەركىپ تاپقان بىر ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت پىلانى بولۇپ، دىپلوماتىيە جەھەتتە ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاكتىپ باستۇرۇش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، بىڭتۇەننى كۈچلەندۈرۈش ۋە خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇرئېلىگە كېلىپ خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلار ۋە ھۆججەتنىڭ كونكىرېت ئىجرا قىلىش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ھۆججەت ئېلان قىلىنىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭغا نوقتىلىق ياردەم سىياسىتى» نى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلىتى ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك يېتىم قالدۇرۇلۇش، كەمسىتىلىش، چەتكە قېقىلىش، ئۆز ئېلىدە بولسا ئىشسىزلىق، نامراتلىق قاتارلىق قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ قوش تىل مائارىپى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشى، قۇل ئەمگىكى، «شىنجاڭ سىنىپى» قاتارلىق تۈرلۈك ئىرقچىلىق سىياسەتلىرى ئاستىدا ئېغىر خورلاندى.
2010-يىلى ئېچىلغان «بىرىنجى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» سىياسىتى يەنىمۇ يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، دېڭىز ياقىسىكى 19 ئۆلكە شەھەرگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 12 ۋىلايەت-ئوبلاستلار پۈتۈنلەي بۆلۈپ بېرىۋېتىلدى. 2014-يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا بولسا، ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرى سىياسىتى ئارقىلىق يوقىتىش قەدىمى رەسمىي ئېلىندى. بۇ جەرياندا خىتاي ھاكېمىيىتى «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرىغا ئايلاندۇردى. بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، ئېغىر قەرز پاتقىقىغا پېتىپمۇ قېلىشتى.
قىسقسى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاتالمىش «ياردەم» نامىدا، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارالىغان بولسا، يەنە شۇ «ياردەم» نىڭ پايدىسىدا ب د ت دىكى زور كۆپ سانلىق دۆلەتلەرنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا سۈكۈت قىلىشىنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى، خىتاينىڭ سىرتقا ياردەم سىياسىتى پۈتۈن دۇنيانى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى.
نۇرغۇن كىشىلەر قولىدا يا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى، يا تۈزۈك پۇلى يوق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينى بۇنچە قورقۇتالايدىغانلىقىدىن ھەيران قېلىشى مۇمكىن. ئەمما ھەقىقەت شۇكى، خىتاي ئۇيغۇرلاردىن ئۆلگۈدەك قورقىدۇ. خۇددى قاتىل، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆلمەي قېلىشى سەۋەب، قاتىللىقنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورققاندەك! خىتاي ھەرۋاقىت بۇ قاتىللىقنى ئۈن-تۈنسىز جىمىقتۇرۇۋېتىش، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىغاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى جىنايەتچى، ئۆزىنى بولسا قەھرىمان كۆرسىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق رەزىللىكنى قىلىشتىن يانمايدۇ. مانا بۇ ۋەجىدىن خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش، جىمىقتۇرۇش، ئاۋازسىز قويۇش، ھەقسىزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «بىر تۈركۈم پان-ئىسلامىست، پان-تۈركىستلارنىڭ خىتاي دۆلىتىگە قىلىۋاتقان تېرورلۇق، رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلمىشى» دەپ بۇرمىلاشقا، ئاندىن بۇ بۇرمىلانغان قاراشنى تاشقىي دۇنياغا قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ساختا تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىغان دۆلەت ۋە خەلقلەرگە «خەلقئارا تېرورىزمنىڭ باش جاۋابكارلىرى» دېگەن تۆھمەتنى ئارتىش بىلەن ئۆز جىنايى مەسئۇلىيتىدىن قېچىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە قۇل بولغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا ئىتتىپاقداشلىرىنى، شۇنداقلا خىتايدىن نەپ ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى ئاقلاشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.
خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشلىرى بىلەن ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىۋاتقىنى يوق. «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بۈگۈن خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە كىردى. بۇ مەسىلىنى بېسىقتۇرۇش، يوقىتىۋېتىش، ھەتتا ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىلىۋېتىش، ئەمدى خىتاي ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس. بۇ ۋەجىدىن ئالدىنقى كۈنى «17 ئافرىقا دۆلىتىنىڭ خىتايغا بولغان 23 تۈرلۈك ئۆسۈمسىز قەرزىنى بىكار قىلىۋېتىش» ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمما بۇ دۆلەتلەر خۇددىي «ئالغاننىڭ قولى قىسقا، يېگەننىڭ تىلى» دېگەندەك، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ «ئىنكارچىلىرى» غا ئايلىنامدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېيىش تەس. ئەمما خىتاينىڭ قانداق بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكى ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا پۈتۈن دۇنيا جامائىتىگە ئاشكارلىنىپ بولدى. يەنى خىتاي ھاكېمىيىتى دۇنيانىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن خۇددى رۇسسىيەدەكلا ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىكىدە نۇرغۇن دۆلەتلەر ئورتاق قاراش شەكىللەندۈرۈپ بولدى. شۇڭا بۇ يەردە بىر نەرسە ئېنىقكى، خىتاي ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۈستىدىكى جىنايى جاۋابكارلىقىدىن ئەسلا قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.