مەلۇمكى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتىنىڭ 1997-يىل 30-مايدىكى پەرمانىغا بېنائەن 31-ماي سىياسىي تەقىپلەشلەر قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى بولۇپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەملىكەتنىڭ كۆپلىگەن يېزا ۋە شەھەرلىرىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر بولۇپ ئۆتتى. شۇ جۈملىدىن قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارمۇ ئالماتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى كافېخانىلارنىڭ بىرىگە جەم بولۇپ، 1918-يىلقى يەتتىسۇ تەۋەسىدە يۈز بەرگەن ئاتۇ قىرغىنچىلىقى، 30-يىللاردا سوۋېت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي تەقىپلەر قۇربانلىرىغا، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدا ئەركىنلىك، ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلغانلارغا ئاتاپ خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن، دىنىي زات مۇھەممەتجان ھاجىم قۇرئان ئوقۇدى. ئاندىن كېيىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۆز دوكلاتىدا ئاتۇ قىرغىنچىلىقى، سىياسىي تەقىپلەشلەر، 1962-يىلقى ماي پاجىئەسى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا مۇشۇ كۈنگىچە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قانۇنسىز تەقىپلەش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ شۇنداقلا يېقىندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكەن ئۇيغۇر ياش سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۇرسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس ق. غوجامبەردى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.