ئالماتادا ئۇيغۇر ئانىلىرىغا بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.10.11
Anilar-kuni-almata.jpg «ئانىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتقۇرۇۋاتقان ئىشلىرى» تېمىسىدا ئېچىلغان يۇمىلاق ئۈستەل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 9-ئۆكتەبىر، ئالماتا.
RFA/Oyghan

9-ئۆكتەبىردە ئالماتا شەھىرىدىكى دوستلۇق ئۆيىدە «ئانىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتقۇرۇۋاتقان ئىشلىرى» تېمىسىدا يۇمىلاق ئۈستەل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

ئۇنىڭغا قازاقىستان جەمئىيىتىنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىدە ئەمگەك قىلىۋاتقان ئىشبىلەرمەن خانىم-قىزلار، ئالىملار، يازغۇچىلار، ئۇستازلار، ياشلار ۋە باشقىلار بولۇپ، 100 دىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن مەزكۇر پائالىيەتكە مەركەزنىڭ باشقارما ئەزاسى، ئەدلىيە خادىمى شەمشىقەمەر ئابدراخمانوۋا رىياسەتچىلىك قىلدى. «جانان» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ رەئىسى مىزانگۈل ئاۋامىسىموۋا «ئانىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتقۇرۇۋاتقان ئىشلىرى»، «نۇرانە ئانىلار» كېڭىشىنىڭ رەئىسى گۈلجاھان مۇراتوۋا بولسا، «ئانىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى» تېمىلىرىدا باش دوكلاتلار بىلەن سۆزگە چىقىپ، ئانىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىغا يۇقىرى باھا بەردى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇش-ھاياتتىكى، مەملىكەت ئىشلىرىدىكى پائالىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى سەنەم بېشىروۋانىڭ تەكىتلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ پەرمانى بىلەن 7-ئۆكتەبىر ئانىلار كۈنى بولۇپ بەلگىلىنىپ، مۇستەقىللىق يىللىرى مابەينىدە ئۇيغۇر ئانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئىشلىرى بىلەن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا مۇناسىپ ھەسسە قوشۇپ كەلگەن. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ قېتىمقى ئانىلار بايرىمىنى ئىنتايىن چوڭ كۆلەمدە ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. پرېزىدېنتىمىزنىڭ ‹مەڭگۈلۈك ئەل› پروگراممىسىنى ئانىلار بىلەن بىرلىكتە قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، مۇستەقىللىقىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن شۇ تېمىلاردا بايرام ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.»

مەزكۇر باش قوشۇشتا شۇنداقلا ئالماتا شەھىرىدىكى 89-رۇس-ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ئاسىيەم يۈسۈپوۋا ۋە ئالماتا شەھەرلىك مۇئەللىملەرنىڭ بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىيەم ئارزىيېۋا مائارىپ ساھەسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە، بولۇپمۇ ئانىلارنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەشتىكى رولىغا، مىللىي مەكتەپلەر مەسىلىلىرىگە ھەم قىزلار تەربىيىسى ھەققىدە توختالدى. «ئىنتىزار» كرىزىس مەركىزىنىڭ مۇدىرى ھۇرقىز ئىلىيېۋا ۋە «ئۇيغۇر ئانىلار» كېڭىشىنىڭ پەخرىي رەئىسى تۇرسۇنئاي تېيىپوۋا ئۆزلىرىنىڭ ئىش-تەجرىبىسىگە تايانغان ھالدا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىياسەتتىكى ئورنى، تىجارەتتىكى رولى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، ئاياللارغا، بالىلارغا كۆرسىتىلىۋاتقان خەيرخاھلىق ئىشلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۆتكەن يىللىرى بۇ يۆنىلىشتە قىلىنغان ئىشلاردىن توپلانغان باي تەجرىبىدىن ئورۇنلۇق پايدىلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسەتتى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇھرۇللام قۇرۋانباقىيېف بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «مىللىتىمىز خانىم-قىزلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ناھايىتى ئۈستۈن. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى بۇرۇندىن كۆرۈنۈپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇ ئىزنى يوقاتماي، جەمئىيەتتىكى ئۆز رولىنى ئاتقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. خانىم-قىزلار ئىشلىمەيدىغان ئورۇن يوق. يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى توغرىسىدا بولدى. ئاتاپ ئېيتساق، مىللىي مەكتەپلىرىمىزدە ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ ئازلاپ كېتىپ بارغانلىقىنى ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ئانىلار ناھايىتى ئېچىنارلىق بىلەن تىلغا ئالدى.»

ز. قۇرۋانباقىيېف ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھەر ساھەلەردىكى ئۇتۇقلىرىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن مۇناسىپ باھالىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، جۇمھۇرىيەت بويىچە ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى ئەزالىرىنىڭ، مائارىپ، سالامەتلىكنى ساقلاش ئوخشاش ساھەلەردە خىزمەت قىلغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى خانىم-قىزلار ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر يىغىن قارار ئېلىپ، ئۇنىڭدا ئانىلار كۈنىگە بېغىشلانغان پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈش، ئۇيغۇرلار ھاياتىغا بېغىشلانغان شۇنداق پائالىيەتلەرگە خانىم-قىزلارنى كۆپلەپ جەلپ قىلىش، ئۇلارنىڭ مىللىي مەكتەپلەر سانىنى كۆپەيتىشتىكى، مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي ھاياتىدىكى رولىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ مۇھىملىقى ئېيتىلغان.

يۇمىلاق ئۈستەلدە شۇنداقلا ئالماتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئېتنومەدەنىيەت مەركىزى ئىشىكتە رايونلۇق خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى نۇربۈۋى ناسىروۋا، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئاقتاۋ شەھىرىدىكى شۆبىسىنىڭ رەئىسى توختاسۇن ئەيساروف، ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى زۇلفىيە كەرىموۋا، «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسى» جەمئىيەتلىك تەشكىلاتىنىڭ خادىمى نائىلەم ھەمرايېۋا، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف، «ئىنتىزار» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ۋە باشقىلار بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا ۋىلايىتى پانفىلوف ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر ئايۇپوۋا مەزكۇر ئانىلار بايرىمىغا ياركەنت تەۋەسىدىن 18 ئانىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «بىز جۇمھەرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان ئانىلار بايرىمىنى كۆرۈش ۋە بۇنىڭدىن تەجرىبە ئېلىش ئۈچۈن كەلدۇق. بىزنىڭ كېڭەشنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئون نەچچە يىل بولۇپ كەتتى. ئۆزىمىزنىڭ ئىش پىلانى بار. يىلدا ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزىمىز. ھەممە نەرسە مۇشۇ ئانىلارنىڭ قولىدىن چىقىدۇ، ھەممە نەرسىنى ئانىلاردىن ئۆگىنىش كېرەك. ياشلار تەجرىبىلىك خانىملاردىن ئۆگەنسە دەيمەن. ئانىلار ئامان بولسۇن!»

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا ئانىلار بايرىمىغا بېغىشلانغان چوڭ تەنتەنە ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف ئانىلارنى بۇ بايرام بىلەن قىزغىن تەبرىكلەپ، بىر قاتار خانىم-قىزلارغا قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ پەخرىي يارلىقلىرىنى تاپشۇردى. تەنتەنىدە شۇنداقلا يەتمىشكە يېقىن ئۇستاز مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ پەخرىي يارلىقلىرى بىلەن تەقدىرلەندى. تەنتەنە داۋامىدا ئالماتا شەھىرىدىكى ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلىرى، شۇنداقلا «باھار» ئانسامبىلى ۋە باشقىمۇ سەنئەتكارلار تەرىپىدىن تەييارلانغان كونسېرت ئويۇنلىرى كۆرسىتىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.