ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقىشى خىتايغا پۇرسەت يارىتىپ بېرەمدۇ؟

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2025.02.12
bdt-jenwe-yighin-zal-1024 58-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن بىر كۆرۈنۈش. جەنۋە
RFA/Hebibulla

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرى قانداق بولىدۇ، ئامېرىكادىن قالغان بۇ بوشلۇقنى خىتاي، ئىران ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەر تولدۇرامدۇ، دېگەندەك ئەندىشىلەر مەيدانغا كەلمەكتە.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرىنچى قېتىملىق ترامپ دەۋرىدە بۇ كېڭەشتىن چېكىنىپ چىققان ۋاقىتتىمۇ خەلقئارادا مۇشۇنداق ئەندىشىلەر پەيدا بولغان ئىدى. شۇ چاغدا ئامېرىكادىن قالغان بۇ بوشلۇقنى كوممۇنىست خىتاي تولدۇرۇشقا ئۇرۇنغان ۋە ب د ت نى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنغان ئىدى.

بىز بۇ ھەقتە پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەركىزى گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» دىن دوكتور خاننو شەدلەرنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىگە جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خەلقئارا بىردەك ئېتىراپ قىلغان كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھەمىشە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ‹دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق› دېگەننى تەكىتلەۋاتىدۇ. نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ بۇ كېڭەشتىن چېكىنىپ چىقىشى، خىتاينىڭ بۇ قاراشلىرىنى ب د ت سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈشى ئۈچۈن قولايلىق پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. مەنچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىدا بۇنىڭ ئىپادىسىنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن».

2023-يىلى جەنۋەدە ب د ت ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2023-يىلى، جەنۋە
2023-يىلى جەنۋەدە ب د ت ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2023-يىلى، جەنۋە
RFA/Hebibulla

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى مەۋقە تۇتۇشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرنىڭ بۇ كېڭەشكە ئەزا بولۇشىنى بۇنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى. نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ مۇدېرى دوكتور جىرومى كوھىن بۇ ھەقتە 2018-يىلى 6-نويابىر ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىد، ئامېرىكىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت دا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشكە، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە تايىنىپ ب د ت غا ئەزا ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن داۋاملىق ب د ت دا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىننى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ رادىيومىز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقىشى، كىشىلىك ھوقۇققا بولغان بىتەرەپ كۆزىتىشنىڭ تۆۋەنلىشىنى، دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشىنى، شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كۈچى ۋە ئابرۇيىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ قارار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭمۇ ئامېرىكاغا ئەگىشىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەزكۇر كېڭەش قارارلىرىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بىلەن تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن ئۆزلىرىگە پۇرسەت چىقىرىشىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

جەنۋەدە ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇنلارنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2023-يىلى، جەنۋە
جەنۋەدە ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇنلارنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2023-يىلى، جەنۋە
RFA/Hebibulla

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، «بۇ ئەھۋالدا خىتاي گەرچە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى تامامەن ئۆچۈرەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئەمما يەنىلا بەزى ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى ئېنىق» دېدى. دولقۇن ئەيسا يەنە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى

بۇ ھەقتە ئۆز ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن دوكتور خاننو شەدلەر يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىشتا ئەڭ زور كۈچ چىقارغان دۆلەت. ئەلۋەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە يەنىلا كۈچلۈك ئىپادىلەردە بولۇۋاتىدۇ ھەم غەمخورلۇق قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا بولمىغان ئەھۋالدا بۇ كېڭەشتە يەنىلا كۈچلۈك سادا چىقىرالىشى قىيىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.