ئالىم سېيىتوف: «ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ھىمايىسى بولمىسا ئىدى، خىتاي بىزگە ھازىرقىدىنمۇ قاتتىق سىياسەت قوللانغان بولاتتى»

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى 24-25 سېنتەبىر كۈنلىرى ئاقسارايدا كۈتۈۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر، خىتاي ۋە تىبەت ئاكتىپلىرى ئاق ساراي ئالدىغا يىغىلغان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 17-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى 24-25 سېنتەبىر كۈنلىرى ئاقسارايدا كۈتۈۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر، خىتاي ۋە تىبەت ئاكتىپلىرى ئاق ساراي ئالدىغا يىغىلغان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 17-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون. (RFA/Gulchehre)

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكىغا قىلغان زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش سىياسىتى كۈچەيگەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى شام ئىسلام دۆلىتى جىھادچىلىرىغا باغلاپ ئۆزىنىڭ قانلىق باستۇرۇشلىرىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. شۇ سەۋەبتىن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن بىر نۇقتا بولغان ئىدى.

ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە كۆزەتكۈچىلىرى «ئوباما ھۆكۈمىتى خىتايغا يۇمشاق قوللۇق قىلىپ كەلدى» دەپ تەنقىد قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتچىلەردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بولسا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئەگەر ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى، ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلمىغان بولسا ئىدى، خىتاي بىزگە ھازىرقىدىنمۇ قاتتىق سىياسەت قوللانغان بولاتتى» دەپ ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.