«ئامېرىكا نېمىشقا شىنجاڭنى خىتايدىن بۆلۈۋەتمەكچى؟ » ناملىق ۋىدىيودا ئەكس ئەتكەن خىتاي تەشۋىقاتى (1)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.02.01
xj-parchilash-xitay-teshwiqati-li-jingjing خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە مۇخبىرى لى جىڭجىڭ X تە تارقاتقان «ئامېرىكا نېمىشقا شىنجاڭنى خىتايدىن بۆلۈۋەتمەكچى؟» ناملىق ۋىدىيونىڭ ئېكران كەسمىسى. 2024-يىلى يانۋار.
Photo: RFA

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى ۋە قەبىھ جىنايەتلىرىنى «داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ كۈنلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا غايەت زور ساندىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنسا، بىر ياقتىن خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى (CGTN) غا ئوخشاش كۆپ تىللىق تاراتقۇلىرى ھەمدە X (تىۋىتتېر) غا ئوخشاش خەلقئارا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئامېرىكاغا قارشى تەشۋىقات ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتمەكتە.

يۇتۇب، ئىنستاگرام، X قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش بىلەن بىلىنگەن، خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرى لى جىڭجىڭ 28-يانۋار كۈنى يۇتۇب قانىلىدا ۋە X دا «ئامېرىكا نېمىشقا شىنجاڭنى خىتايدىن ئايرىۋەتمەكچى؟ » دېگەن تېمىدا بىر ۋىدىيو ئېلان قىلغان.

لى جىڭجىڭ بۇ ۋىدىيودا: «ئامېرىكانىڭ نېمىشقا شىنجاڭنى خىتايدىن بۆلۈۋەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ چۈنكى شىنجاڭنىڭ گىئو-سىياسىي ئورنى بەك مۇھىم. شىنجاڭ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ئىدى، ھازىر بولسا ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ غەربكە ئېچىلغان دەرۋازىسى بولۇپ، ‹شەرقىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا تۇتىشىدۇ› دەپ كېلىپ، ئارقىدىنلا ئامېرىكانى ئەيىبلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن غەربتىكى بىر قانچە دۆلەت نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تېررورلۇق، ئۇرۇش ۋە مالىمانچىلىق ئۈچۈن نەچچە مىليارد دوللار سەرپ قىلدى. ياۋرو-ئاسىيانى پارچىلاپ ئۇنىڭغا ئۆزلىرى خوجا بولماقچى بولدى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى بۇ رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىغا تەرەققىيات ئېلىپ كەلمەكتە» .

لى جىڭجىڭ بۇ ۋىدىيوسىدا ئامېرىكانى ئۇرۇش ۋە مالىمانچىلىقنىڭ باش سەۋەبكارى، خىتاينى بولسا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كەلگۈچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. يۇتۇب قانىلىغا چىقارغان بۇ ۋىدىيوسىنىڭ ئاستىغا يازغان بىرىنچى ئىنكاسىدا: «شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق، شىنجاڭدا نامراتلىق، تېررورلۇق قالمىدى، شۇڭا ئۇنىڭ ئىستىقبالى پارلاق» دەپ يازغان. ئۇنىڭغا قارشى ئىنكاس يازغۇچىلار «سەن كوممۇنىست خىتاينىڭ زۇۋانى ئىكەنسەن» دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاي كاتتىبىشى شى جىنپىڭ 2013-يىل ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنى ئېلان قىلىپ، 2014-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنى يازغان. لى جىڭ جىڭ X دا ئېلان قىلغان ۋىدىيوغىمۇ قارشى ئىنكاسلار چۈشكەن بولۇپ، لىيۇكسېمبۇرگدىن ئىۋان ئىسىملىك بىرەيلەن «خىتاي، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات! » دەپ يازغاندا، لى جىڭجىڭ دەرھال ئىنكاس يېزىپ، «شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق، غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» دەپ يازغان. ھالبۇكى، بۈگۈنكى دۇنياغا ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئېلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت رۇسىيە، ئۇرۇش تەھدىتى پەيدا قىلىۋاتقان دۆلەت خىتاي بولۇپ، خىتاينىڭ يەنە ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايىتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن ئەڭ چوڭ جىنايەت دەپ قارالماقتا.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرىس كور رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات ۋىدىيوسىنىڭ ئامېرىكانى نىشانغا ئېلىش سەۋەبىنىڭ دەل ئامېرىكانىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەممىدىن بەك تەكىتلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ۋىدىيودا كىچىككىنە بولسىمۇ بىر راستچىللىق بار، بىرىنچىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە ھەممىدىن كۆپ ئاۋاز چىقاردى. ئىككىنچىدىن، بۇ ۋىدىيو خىتايدەك مۇستەبىت بىر دۆلەتنىڭ تەشۋىقاتى، خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيەسى دەل شۇنداق تەشۋىقاتلارنى قىلىدۇ. بۇ ئايال دەل خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بۇنى قىلىۋاتىدۇ» .

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ؛ خىتاينىڭ ئۇلارنى كەڭ كۆلەمدە قاماپ قويۇشى، قىينىشى، خورلىشى، ئۆلتۈرۈشى ۋە باشقا قەبىھ قىلمىشلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ. خىتاينىڭ جىنايەتلىرى 3-ئىمپېرىيە (ھىتلېر گېرمانىيەسى) دىن بۇيان ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەڭ قورقۇنچلۇق جىنايەتتۇر. شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىنى ئاقلايدىغان ھېچ قانداق ئاساسى يوق، ئەمما ئۇلار يۈزىنى داپتەك قىلىپ يالغان سۆزلەيدۇ، راست گەپ قىلىدىغانلارغا زەربە بېرىدۇ» .

يۇتۇب قانىلىدا 62 مىڭدىن كۆپ ئەگەشكۈچىسى بولغان ۋىلوگېر لى جىڭجىڭ X دا ئۆزىنى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تەتقىق قىلغۇچى گىئو-سىياسىي ئانالىزچى دەپ تونۇشتۇرغان بولۇپ، كۆپىنچە ۋىدىيولىرىدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافرىقىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلۇشىنىڭ نەقەدەر «كاتتا، ئۇلۇغۋار» ئىكەنلىكىنى مەدھىيەلەپ كەلگەن. ھالبۇكى غەرب دۆلەتلىرى «خىتاينىڭ قەرز تۇزىقى» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ياۋروپادا قارشى ئېلىنمىغانلىقى، ئىتالىيەنىڭ ئۇنىڭدىن چېكىنىپ چىققانلىقى مەلۇم.

لى جىڭجىڭ بۇ ۋىدىيوسىدا، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىگە بەخت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ رايوندا «ئۇرۇش ۋە تېررورلۇق» يۈز بېرىشكە ھېچقانداق سەۋەب قالمىغانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكانىڭ بىر پىلان تۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى كوزىر قىلىپ خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى بېسىشقا ۋە ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلغان.

كۆپلىگەن تورئەھلى بۇنىڭ ئىشەنچلىك خەۋەر ئەمەس، ئوپئوچۇق تەشۋىقاتى ئىكەنلىكى، ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلىرىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنىڭ يوقلۇقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەم بۇ ۋىدىيودا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرۇنقىدەكلا ئۆز گۇناھىنى يوشۇرۇش، نىشاننى ئامېرىكاغا قارىتىش، دىققەتنى ئامېرىكاغا بۇراش خاھىشى ئىپادىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ دۇنياغا يۈزلەنگەن ئەركىن تاراتقۇلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكاغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكالىق ئانالىزچى ئاندېرس كور بۇ ۋىدىيونى كۆرگەندىن كېيىن X دا يازغان ئىنكاسىدا، خىتايغا بۇنداق پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق يازغان:

 «خىتاي ھۆكۈمىتى تىۋىتتېرنى (X) نى خىتايدا ئىشلىتىشكە يول قويمايدۇ،-يۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نېمىشقا خىتاينىڭ تىۋىتتېردىن پايدىلىنىپ دۆلەت تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويىدۇ؟ بىز ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىمىز، بىر تەرەپلىك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا يول قويماسلىقىمىز كېرەك؛ پىكىر ئەركىنلىكى بۇ يەردە ئۆزىنى ئاقلاش باھانىسى بولماسلىقى لازىم. خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ھەرگىز پىكىر ئەركىنلىكى ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى ئالىدىغان مائاش سايلام ھوقۇقى بولمىغان خىتايلار تۆلىگەن باجدىن ئېلىنىدۇ. ئۇ يەردە ئەركىنلىك يوق. بىز كوممۇنىست خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق قانۇن قوللىنىشىمىز كېرەك ياكى بىزگە يېڭى سىياسەتچىلەر كېرەك. بۇ ئىشتا يېرىم يولدا بەل قويۇۋېتىشكە ھەم ئۇششاق قەدەملەر بىلەن مېڭىشقا بولمايدۇ» .

ئاندېرىس كور رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ۋىدىيونى كۆرۈپ مەن شۇنى ئويلىدىم، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پىكىر ئەركىنلىكى پىرىنسىپىمىزغا ئاساسەن، خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ تىۋىتتېرنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇپ، تىۋىتتېرنىڭ خىتايدا چەكلىنىشىگە قاراپ تۇرۇشى كېرەكمۇ؟ چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ بىزگە تۆھمەت قىلىشىغا يول قويۇۋاتىمىز، ئەگەر بۇ ۋىدىيو تىك توكتا تارقالسا نۇرغۇن ياشلار كۆرىدۇ، تىۋىتتېرنى قوللىنىۋاتقان خىتاي ياشلىرى كۆرىدۇ. بىز سىياسەتچىلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش جەھەتتە خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشىغا موھتاج» .

خىتاي مۇخبىرى لى جىڭجىڭ ئامېرىكانىڭ، يەنى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى كوزىر قىلىپ قوللىنىش ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان، مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ خىتاي تەرەپتىن بازارغا سېلىنىۋاتقان سەپسەتە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىنى پىروگراممىمىزنىڭ 2-قىسمىدا ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.