جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنى داۋاملاشماقتا

0:00 / 0:00

بىرىنچى قېتىملىق خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى 25-سېنتەبىر كۈنى ئاخىرلىشىپ، 26-سېنتەبىر ئىككىنچى باسقۇچىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمىلەر باشلاندى.

جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەللىئوت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مەكتىپى، ياۋروپا، رۇسىيە ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا پروگراممىسى تەشكىللىگەن مەزكۇر يېغىنغا ئامېرىكا، رۇسىيە، ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن 40 قا يېقىن ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىس ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، تىلى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالى قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەر بويىچە 10 بۆلەك بويىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقتا.
25-سېنتەبىر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9دىن 10-غىچە بولغان ئارىلىقتا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى رەھبەرلىرىدىن بىرى ت.كۇمار، ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ ۋەكىلى لورىن كراينېر ۋە باشقا بىر قانچە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى سۆز قىلدى. سائەت 10 دىن 1 غىچە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس سىياسىي مۇنازىرە ھەمدە «ئۇيغۇرلار جۇغراپىيىۋى سىياسەتتە» دېگەن تېمىدا دۈگىلەك ئۈستەل مۇنازىرىسى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتتە، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ئەنگلىيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن شون روبېرتس، گاردنېر بوۋىڭدون، جىم مىلۋارد، ھېنرى شەجەۋسكىي، ۋالېرىي بارمىن، يۇنۇس كۆچ، قىلىچ قانات قاتارلىقلار مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

25-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 6 گىچە يەنە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي بىرلىكى ۋە قارشىلىقى» دېگەن تېما ئاستىدا ۋە «شىنجاڭ خىتاي تەسىرى ئاستىدا» دېگەن تېمىدا ئىككى مەيدان مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇنىڭدا ئەنگلىيە دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان خىتاي تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى مايكول دىللون «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دىن، باستۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى: قەشقەر ۋە خوتەن (2010-2014)»، ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى، تىلشۇناسلىق، فىلىلوگىيە فاكۇلتېتى پروفېسسورى مۇتەخەسسىس ناتان لايىت «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تور ئالاقىلىرى ۋە خىتاينىڭ توسقۇنلۇقلىرى: 2009-يىلىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن»، فىرانسىيەلىك پروفېسسور رېمى كاستېس «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە دۆلەتنىڭ تىزگىنلەش سىياسىتى»، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى شون روبېرتس «ئانا ماكان-ئۇيغۇرىستان: ئۆز ھاكىملىق زېھنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ دۆلەتسىز ھالدا ساقلىنىشى»، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى رايچىل خاررىس «ئۇيغۇر مەشرەپ پائالىيەتلىرى» ھەققىدە دوكلات ئوقۇدى.

ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئۇيغۇرشۇناس گاردنېر بوۋىڭدون خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى، يېڭى ئەۋلاد خىتاي مىللىي سىياسەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېڭى كۆز قاراشلىرى، ھەتتا ئاپتونومىيە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى، مىللەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى بايان قىلىپ، بۇ يېڭى ئەۋلاد مىللەتشۇناسلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنىڭ سەلبىي رول ئوينىشى يۇقىرىلىقىنى كۆرسەتتى. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئامېرىكا پېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى قىلىچ قانات «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ۋە رادىكالىزم ‏-خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىققەتنى بۇراش ئىستراتېگىيىسى» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر ئاتالغۇلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى، ئۇنىڭ قاراشلىرى قىزىقىش قوزغىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى كارا ئابرامسون خانىم «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى چۈشىنىش ۋە قوللاش: مەسىلىلەر ۋە ئىمكانىيەتلەر» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

جۈمە كۈنى، يەنى 26-چېسلا كۈنى يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى بولۇپ، ئەتىگەن سائەت 9 دىن 11 غىچە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئېكولوگىيە مەسىلىلىرى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى.

مىيامى ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتى پروفېسسورى نوپۇسشۇناس ستانلىي توپىس مەخسۇس ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس ئەھۋالى ھەققىدە ستاتىستىكىلىق مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دوكلات تېمىسى: «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى: شىنجاڭنىڭ 2010-يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈشنىڭ بوش نەتىجىسى» دەپ ئاتالدى.

ئامئېرىكا كانساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئارىئېن دۋايەر «دىئاسپورىدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەيدا بولۇشى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ئۇ، ئاساسلىقى چەتئەللەردىكى، كۆچمەنلىكتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ئۇ، قانداق قىلغاندا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەدەبىي تىلنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.

26-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن يەنە بىر قاتار مۇھاكىمىلەر بولىدۇ. بۇنىڭدا بىر قىسىم ئۇيغۇر، رۇس ۋە ياۋروپا مۇتەخەسسىسلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇيغۇرلار تەقدىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى مەسىلىلىرى، شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي تارىخى مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇھاكىمىلەر داۋاملىشىدۇ.

بىز بۇ ھەقتە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.