ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتى 30 يىل ئۆزگەرمەي كەلگەن بولۇپ، ترامپ دەۋرىگە كەلگەندىلا جىددىي ئۆزگىرىش بولغان. سودا ئۇرۇشى، كورونا ۋىرۇسى، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىغىۋاگەرچىلىكى، ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى، كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىشى ئامېرىكانى خىتايغا بولغان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغان. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىدە ئورتاق يېڭى تونۇش ھاسىل بولدىمۇ؟ ئامېرىكا يەنە خىتايغا قانداق يېڭى ۋە مۇھىم سىياسەت قوللىنىشى مۇمكىن؟
يېقىندا ئامېرىكا كارخانىچىلار تەتقىقات ئورنى ترامپ ھۆكۈمىتى ۋە بايدېن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق دىرېكتورلىرىدىن ئىۋان كاناپاتى(Ivan Kanapathy)، لىزا توبىن (Liza Tobin)، ماتېۋ تۇرپىن (Matthew Turpin) قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى توغرۇلۇق مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان.
مۇھاكىمە قاتناشقۇچىلىرى ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كەسىپ ۋە خىزمەت تەجرىبىسىنى سۆزلىگەن، ئاندىن ئامېرىكانىڭ قانداق قىلىپ خىتاي بىلەن جىددىي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى چۈشەنگەنلىكى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان.
ماتېۋ تۇرپىن ئەپەندى ئامېرىكانىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق خىتايغا قوللىنىدىغان ۋاسىتە ۋە سىياسەتلەرنى خىتاي بىلەن بولۇۋاتقان ئىقتىساد، تېخنىكا، سانائەت رىقابىتىگە ماسلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ماتېۋ تۇرپىن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تېخنىكا، ئىقتىساد، سودا، سانائەت ساھەلىرىدىكى رىقابەتنىڭ ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ ھازىر رىقابەت تۈسىنى ئالغانلىقىنى، تېخنىكا ۋە سودا-سانائەت ساھەسىدىكى رىقابەتنىڭ ئامېرىكاغا پايدىسىز بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن: «كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىمىز قانداق بولىدۇ دېگەندە، بىز خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بىز ھازىر خىتاي بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەت ھالىتىدە تۇرۇۋاتىمىز. خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئۈچ تۈرلۈك سىياسەتنى چوڭ تۇتۇشى كېرەك، ئۇ بولسىمۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىقتىسادتىن ئىبارەت. بىز سىياسەتتە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشىمىز، ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئاشكارە مۇھاكىمە قىلىشىمىز كېرەك».
ئۇ ئامېرىكانىڭ 15 يىلدىن ئارتۇق تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا خىتايغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، خىتاي بىلەن بولىدىغان رىقابەتنى ئەمدى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، مۇنداق دېگەن: «تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، دۆلەت مۇداپىيەمىز ۋە ھەربىي ئىشلار نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشىمىز، نىشاننى خىتاي بىلەن بولۇۋاتقان رىقابەتكە قارىتىشمىز، ئاندىن ئۆز ۋاسىتىلىرىمىز، ئىش تەرتىپىمىز ۋە سىياسەتلىرىمىزنى بۇ رىياللىققا ماسلاشتۇرۇشىمىز كېرەك».
لىزا توبىن خانىم خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق رىقابەت نۇقتىسىدىن قاراش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەنچە، ئىستىراتېگىيەلىك رىقابەت ھەقىقەتەن ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى، بۇ ھەقتە ئورتاق تونۇش ھاسىل بولماقتا. ئەمما رىقابەت دېگەن بۇ سۆز ماڭا كۆرە بازار رىقابىتىنى بەكرەك كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇ سۆز خىتاي بىلەن دېموكراتىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تازا ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. ئىككى تەرەپ ئوخشىمىغان قائىدە ۋە قىممەت قاراش بىلەن رىقابەتلىشىدۇ. بىز خىتاي بىلەن بەلكىم كېلىمات ئۆزگىرىشى دېگەندەك يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلساقمۇ، خىتاي يەنىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدۇ، بىزنىڭ ئۈمىد قىلغىنىمىزدەك ئىنكاس قايتۇرمايدۇ».
لىزا توبىن خانىم يەنە ئامېرىكانى خىتايدىن ئۈستۈن قىلىدىغان رىقابەت كۈچىنىڭ خۇسۇسىي كارخانىلاردىن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ يەنىلا ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىمىز بار، مەبلەغ سېلىش يولىمىز راۋان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خۇسۇسىي كارخانىلارغا داۋاملىق ياردەم بېرىشى كېرەك، خىتايدىمۇ خۇسۇسىي كارخانىلار بار، لېكىن ئۇلار ھەقىقىي مەنىدىكى خۇسۇسىي كارخانىلار ئەمەس».
ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش لىنىيەسى ۋە باشقا بەزى ساھەلەردە خىتايغا بېقىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىستېمىلىق رىقابەتنىڭ ئاساسلىق ئېقىم بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا يۈزلىنىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، شىركەت ۋە ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ جانلىق، ھەرىكەتچان بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ماتېۋ تۇرپىن خىتاينىڭ ئاشلىق، ئېنىرگىيە ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق ساھەلەردە ئامېرىكاغا تايىنىدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭمۇ خىتاي ماللىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى، بۇ خىل بېقىندىلىقنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىققا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
كاناپاتى ئەپەندى تېخنىكىنىڭ قانداق قىلىپ خىتاي بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، ھەربىي، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، پەن-تېخنىكا بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ھەربىي كۈچىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم نەرسە بولۇپ، خىتاي تېخنىكىدا ئامېرىكا بىلەن تەڭلىشىش، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن خىلمۇ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلگەن. ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرى خىتايغا مەبلەغ سېلىش جەريانىدا خىتاينى تېخنىكا بىلەنمۇ تەمىنلەشكە مەجبۇر بولغان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكانىڭ خىتايغا بەزى مۇھىم تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىشى خىتايغا ئېغىر زەربە بولغان. تېخنىكا ئاخىرىقى ھېسابتا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان مۇھىم ئامىل بولغىنى ئۈچۈن، ئامېرىكا بۇ جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى داۋاملىق ساقلىشى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمەسلىكى كېرەك ئىكەن.
ماتېۋ تۇرپىن بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «تېخنىكا، بولۇپمۇ ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ساھەلىرىدە خىتاي ئۆزى كونترول قىلالمايدىغان شىركەتلەرنىڭ خىتاي بازىرىدا تەرەققىي قىلىشىغا پەقەت قىزىقمايدۇ. مەنچە، كۆپلىگەن ئامېرىكا شىركەتلىرى، بولۇپمۇ مۇشۇ ساھەدىكى شىركەتلەر خىتاينىڭ چەكلىمىسىنى، خىتاينىڭ بازىرىغا يېقىن كەلگۈسىدىمۇ كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ».
ماتېۋ تۇرپىننىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاينىڭ تەرەققىياتى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، ئۆزىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان تەرەققىيات ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىشتىن ئاۋۋال ئۇلار تېخى ئۆزلىرىنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتىگە يېتەلمىدى. شۇڭا مەنچە بۇ ئۇزۇن ۋە جاپالىق رىقابەت. شۇنداقتىمۇ بىز بۇ پۇرسىتىمىزدىن ناھايىتى ئۈمىدۋار بولۇشىمىز كېرەك».
ئاخىرىدا مۇھاكىمىگە قاتناشقۇچىلار ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن، بۇ سوئاللار رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تەيۋەنگە ۋە ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، خۇسۇسىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىدە ئوينايدىغان رولى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
لىزا توبىن خانىم ئوكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئۇرۇش بىز گويا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەنگە ئوخشاش، تارىخىي مېلودىيەنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى بىزگە خىتاي ھەققىدە قانداق ساۋاق بەردى؟ مەنچە، بۇنىڭدا ياخشى-يامان تەرەپلەر بار. ياخشى تەرىپى، بىز ياۋروپا ۋە باشقا تەرەققىي قىلغان ئەللەر بىلەن بىرلىككە كېلىپ، پۇتىننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قاتتىق جازالىدۇق. يامان تەرىپى، بىز نۆۋىتى كەلسە خىتايغىمۇ بۇ جازانى قوللىنىمىز دەۋاتىمىز، خىتايمۇ بىزگە ئىقتىسادىي ئۇرۇش قوزغىشى مۇمكىن، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ تەسىرى رۇسىيەنىڭكىدىن يامان بولىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز، خىتايغا مۇھتاج تەرەپلىرىمىز، شىركەت ۋە ھۆكۈمەت قايتا قاراپ چىقىشقا تېگىشلىك يەرلىرىمىزنى كۆزىتىش ۋە ئىنچكە تەكشۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر».
ئامېرىكا كارخانىچىلار تەتقىقات ئورنى ئامېرىكادىكى دېموكراتىيە ۋە كارخانىچىلار ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ كۈچى ۋە دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلغان ئاممىۋى سىياسەت ئاقىللار مەركىزى بولۇپ، ئىلگىرىمۇ بىر نەچچە قېتىم ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى توغرۇلۇق مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزگەن.