ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟
2022.05.06

ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇكرائىنا كرىزىسىدىن كېيىن تېخىمۇ يامانلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرى خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئامېرىكا بىلەن ھەر جەھەتتىن دۈشمەنلىشىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا باشلىغان. بۇلار ئىدېئولوگىيە جەھەتتە خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا ماڭىدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىك، ھالقىلىق تېخنىكا ۋە ئىقتىساد جەھەتتە خىتايدىن مۇتلەق ئۈستۈن تۇرۇش، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ رەزىللىك ئىتتىپاقى شەكىللەندۈرۈشىگە يول قويماسلىق قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپرەك ئىپادىلەنمەكتە ئىكەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» 4-ماي ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك سىياسىتى ھەققىدە سۆزلەيدىغان نۇتقىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بۇ ۋەزىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدى خىتاينى ئەڭ ئاساسلىق رەقىب دەپ قارايدىغانلىقى ئوچۇق كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكادىكى كور ئانالىتىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) بۇ ھەقتە بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكالىقلار ئاخىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلدى. ئۈمىدىم شۇكى، بىز مۇمكىنقەدەر تېز ھەرىكەت قوللىنىپ بۇ تەھدىتنى بېسىقتۇرۇشىمىز كېرەك، ئەگەر ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىشىمىز بۇنداق ئاستا بولسا، سەل كېچىككەن بولىمىز».
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى، دوكتور تىمەسى ھىت (Timothy R. Heath) ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر سىگنالنى بېرىشى زۆرۈر ئىدى ھەم بۇنى ۋاقتىدا بەردى. ھازىر رۇسىيە ھەممە ئادەمنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، خىتاي ھازىر ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇھىم ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك رەقىبدۇر».
تەيۋەندە چىقىدىغان «ئەركىنلىك گېزىتى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە خىتاينىڭ ھازىرقى دۆلەت تۈزۈمىنى ئۆزگەرتمەسلىكىنىڭ ئاقىۋىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «50 يىلدىن بۇيان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلمىدى، بەلكى خىتاينىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن دۇنيا تەرتىپى ۋە خەلقئارا قائىدىگە بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلدى. مۇشۇ مەقسەتتە ئامېرىكا غەرب ئەللىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىتاينىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە ياردەم قىلدى؛ خىتايغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش ۋە سودىدا ئېتىبار بېرىش ئارقىلىق ئۇنى خەلقئارا ئىقتىساد سىستېمىسىغا ئېلىپ كىردى. ئەمما 2012-يىل شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا سىياسىيونلىرى خىتايغا قاراتقان كونا سىياسەتنىڭ ئاقمىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭدىن قالغان يوشۇرۇن ئاپەتنىڭ قايتا باش كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردى. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇردى، شى جىنپىڭنىڭ ‹خىتاي چۈشى› بولسا ئامېرىكاغا خىرىس قىلىدىغان شوئارغا ئايلىنىپ قالدى».
خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان سىياسىتى شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە تۈپتىن ئۆزگەرگەن بولۇپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلىغان. ماقالىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «دېڭ شياۋپىڭ، جاڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار خىتاينىڭ زومىگەر بولمايدىغانلىقى، كەلگۈسىدىمۇ زومىگەر بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. ئەمما بۇ گەپلەر، ھەتتا خىتاينىڭ مەخپىي گۈللىنىشى شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە «جەڭ بۆرىسى» دىپلوماتىيەسىگە ئورۇن بوشاتتى. «غەربنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن شەرق كۈچلەندى» دەپ ئويلاپ تەلۋىلەشكەن شى جىنپىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتى، بىر بەلۋاغ بىر يول، خۇا ۋېي، شىنجاڭ، خوڭكوڭ مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلىپ، غەربنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىنى دەرھال ئۆزگەرتتى. 2017-يلى، تىرامپ تەختكە چىقىپ بىر يىل ئۆتمەيلا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى دوكلاتىدا خىتاي بىلەن رۇسىيە ئاساسلىق رەقىب دەپ كۆرسىتىلگەنىدى. ئەمدىلىكتە رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئامېرىكانىڭ بىردىنبىر رەقىبىگە ئايلىنىدىغاندەك تۇرىدۇ».
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ 28-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 27-ئاپرېل كۈنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئاندى بار (Andy Barr) ئوتتۇرىغا قويغان «ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن ئىمبارگوسىغا شى جىنپىڭنىڭ قانداق توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى باھالاش قانۇن لايىھەسى» نى 394 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان. شى جىنپىڭنىڭ ئىسمى كىرگۈزۈلگەن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تەلىپى بويىچە بولغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ قانۇن كۈچكە ئىگە بولۇپ 30 كۈندىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات سۇنۇپ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ قانداق ھەمكارلاشقانلىقى، خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم بەرگەن-بەرمىگەنلىكى ياكى رۇسىيەنىڭ خەلقئارا جازادىن قېچىپ قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلغان-قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلىدىكەن.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئاندى بار (Andy Barr) دۆلەت مەجلىسى يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «بىزگە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ قانداق ھەمكارلاشقانلىقىغا دائىر تولۇق بىر دوكلات كېرەك، شۇندىلا خەلقنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلالايمىز ھەمدە قانۇن تۈزگۈچىلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ گېئو-سىياسىي رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىشىغا ياردەم بېرەلەيمىز، ئامېرىكانىڭ ھازىر بۇ يېڭى رەزىللىك ئوق بېشىغا تاقابىل تۇرىدىغان ۋاقتى كەلدى» دېگەن.
دوكتور تىمەسى ھىت بۇ قانۇن لايىھەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ماقۇللىغان بۇ قانۇن لايىھەسى شى جىنپىڭنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتتى، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى تېخى رەسمىي ھالدا ‹رەزىللىك ئوق مەركىزى›دۆلەتلىرى قاتارىغا كىرگۈزمىدى. بۇ قانۇن لايىھەسى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ رۇسىيەگە ھەربىي ياردەم بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە خىتاينى رۇسىيەگە ھەربىي ياردەم بېرىشتىن، شۇ ئارقىلىق ئۇكرائىنادىكى بۇ ئېچىنىشلىق ۋە ئازابلىق ئۇرۇشنى ئۇزارتىۋېتىشتىن ئاگاھلاندۇرغانلىق ھېسابلىنىدۇ».
ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ قايتا سايلىنىشىغا تەسىرى كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ئاقىۋىتى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كىرزىسلار ئىكەن.
رويترېس ئاگېتنلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4-ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكانىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۆزەك ياساش سانائىتىگە 52 مىليارد دوللار ياردەم پۇلى بېرىش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ بۇ ساھەدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ، خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى باشلىغان. ئاندېرس كور ئەپەندى بۇ ھەقتە يوللىغان جاۋاب خېتىدە مۇنداق دەيدۇ:
«كومپيۇتېر ئۆزىكى ئىقتىساد ۋە ھەربىي ساھەدە قوللىنىلىدىغان مۇھىم تېخنىكا بولۇپ، بولكا قاقلاش ماشىنىسىدىن تارتىپ ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغىچە ئىشلىتىلىدۇ، كىمنىڭ ئۆزەك تېخنىكىسى ئىلغار بولسا شۇنچە ئېسىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ ۋە ئىقتىساد، ھەربىي ساھەدە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرالايدۇ. بىز بۇنىڭغا ئوخشاش ھالقىلىق تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىپلا قالماستىن، خىتاينىڭ ئاستىرىتتىن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئەرزان ماللىرى ئارقىلىق بىزنىڭ ياساش كەسپىمىزنى ۋەيران قىلىشىغا، ئاندىن مەھسۇلاتنى كونترول قىلىپ مال باھاسىنى ئۆستۈرىۋېتىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك».
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە ئوخشاش ھالقىلىق تېخنىكىلارنىڭ بىر دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاندېرس كور ئەپەندى خىتاي بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي مەڭگۈ ئۆزىنىلا تاللايدۇ ۋە دۇنياغا خوجا بولۇشقا ئۇرۇنىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ 1970-يىلدىن بېرى ئامېرىكا بىلەن دوست بولۇپ ئىقتىسادتا كۈچلىنىۋالدى. ئاندىن رۇسىيە بىلەن بىرلىشىۋېلىپ ئارقىمىزدىن خەنجەر ئۇردى. ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن رۇسلارنىڭ ئارقىسىدىن خەنجەر ئۇرۇشى مۇمكىن، پۇتىن بۇنىڭدىن ئەنسىرەيدۇ، چۈنكى ئۇ يىراق شەرقتىكى قوشۇنىنى ئۇكرائىناغا ئەۋەتىپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەردى، ھەربىي كۈچى ئاجىزلاشتى».
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ ھەر ۋاقىت پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر رۇسىيە بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولسا، ئامېرىكا بىلەن يارىشىۋېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.