ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكىننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى دىققەت قوزغىماقتا.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن 6-ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ بارغان ۋە ئۇ يەردە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشكەن.
ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان باياناتتا، ئىككى تەرەپنىڭ «ئوتتۇرا-شەرق ۋە باشقا رايونلاردا مۇقىملىق، بىخەتەرلىك ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىكى ئورتاق كۆز قاراشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى» تىلغا ئېلىنغان.
باياناتچى مىللېر ئەپەندى يەنە ئىككى تەرەپ «يەمەندىكى تىنچلىق، گۈللىنىش ۋە بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئومۇميۈزلۈك سىياسىي كېلىشىم» تۈزۈشنى پىلان قىلدى، دېگەن.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىننىڭ زىيارىتى 3 كۈن داۋام قىلىدىكەن. ئۇ، بۇ زىيارىتىدە ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن كۈچەيتىشنى ۋە ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا-شەرقتە ئاجىزلاۋاتقان تەسىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە دېيىلىشىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى دۇنيا بازىرىنى خام نېفىت بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتاينىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىران بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشى ھەمدە 2018-يىلى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى جامال قاشۇگگىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشگە ئوخشاش مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن يىرىكلىشىپ قالغان ئىكەن.
«ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسى تورىدا ئېلان قىلىنغان «ئوتتۇرا-شەرق ئامېرىكادىن ئۇزاقلىشىپ خىتايغا يېقىنلىشىۋاتامدۇ؟» ماۋزۇلۇق مۇلاھىزە ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھازىرغا قەدەر ئامېرىكانىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلگەن. ئەمما موسكۋا بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، پۇتىننى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ يەنە ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالغان ۋە خىتاي-پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى (GCC) ۋە خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ خىتاينىڭ تەۋسىيەسى بويىچە نورماللاشتۇرغان ئىكەن.
ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى بۇ يېڭى پوزىتسىيە پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئوتتۇرا-شەرققە ئورتاق ھادىسە ئىكەن. مەسىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر قاتارلىق ئوتتۇرا-شەرقتىكى ئالتە دۆلەت يېقىندا خىتاي باشچىلىقىدىكى «ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى» ( BRICS ) ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان.
تۈركىيەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئوتتۇرا-شەرقتىكى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچلەندۈرۈشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى خىتاينىڭ بىر مۇقىم بازار بولۇشى ھەمدە بۇ دۆلەتلەرگە قارىتا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارلىق سىياسىي بېسىملىرىنىڭ بولماسلىقىدىن ئىكەن.
دەرۋەقە، ئۆزىدىمۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىمۇ كۆرمەسكە سالغان ۋە خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلاردا قوغدىغان ئىدى. تېخى يېقىندا «خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى» نىڭ 18-قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئۈچۈن خىتايغا بارغان «ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى» ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش تەشۋىقاتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئىدى.
ئامېرىكادىكى «ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى» نىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى بۆلۈمى مۇدىرى روبېرت ماككوۋنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، ئوتتۇرا-شەرق ئىسلام دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىدە پۈتۈنلەي ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتنى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە غۇرۇرىدىن ئۈستۈن كۆرۈۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى تىجارىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە خام نېفىتىنى تېخىمۇ ياخشى باھاغا سېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گەرچە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يەنىلا ئامېرىكاغا ئېھتىياجى بار ئىكەن. مەسىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى ئامېرىكاغا تايانغاندىلا، ئاندىن ئوتتۇرا-شەرقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىكەن. چۈنكى ئىراننىڭ يېقىنقى يىللاردىكى يادرو پىلانلىرى ۋە ھەمدە سۇداندىكى ئۇرۇش قاتارلىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا، ئۇلارنىڭ ئامېرىكاغا ئېھتىياجى بار ئىكەن. نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەندىكى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇمۇ ئامېرىكا ئارزۇ قىلىدىغان بىر ئىش ئىكەن.
ۋاشىنگتوندىكى ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ھۈسەيىن ئىبىش بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە «پەردە ئارقىسىدا، بولۇپمۇ بىخەتەرلىك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە كەلسەك، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ئەمەلىيەتتە ئىلگىرىكىدىنمۇ كۈچلۈك» دېگەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا-شەرق نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى تەڭشەپ ھەر ئىككى تەرەپتىن مەنپەئەت ئېلىشنىڭ كويىدا ئىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، نېفىتنىڭ ھەر باكىنىڭ باھاسى 100 دوللاردىن تۆۋەن بولغاچقا، نېفىت باھاسى ۋاشىنگىتون ئۈچۈن ئۇنچە جىددىي مەسىلە ھېسابلانمايدىكەن. بىراق سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشى، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى ئىكەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە يېڭىدىن يۈكسېلىۋاتقان كۈچ-خىتاينىڭ ئوتتۇرا-شەرقتە ئامېرىكادىن تەسىر تالىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھازىر تەرەپ تاللاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
«ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسى تورىمۇ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە ئامېرىكانىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان. ماقالىدە «ئۆتكەن 20 يىلدا ئامېرىكا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتكەنلىكتىن، ئېنېرگىيە جەھەتتە ئاساسەن مۇستەقىل بولدى. شۇڭا ئۇ ئەمدى پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ نېفىتىگە ئۇنچە موھتاج بولماسلىقى مۇمكىن، بىراق ئامېرىكا يەنىلا بۇ رايونغا مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. چۈنكى يۈز بەرگۈسى بىر توقۇنۇشتا ئۇ خىتاينى مۇھىم ئېنېرگىيە تەمىناتىدىن ئۈزۈپ تاشلىيالايدۇ ھەمدە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنى داۋام قىلالايدۇ» دېيىلگەن.