ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكاغا قارشى چىقارغان قانۇن لايىھەسى نېمىگە ھېساب؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.08.26
يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە كېيىنكى قەدەمنى قانداق ئېلىشى مۇمكىن؟ ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن كارتون.
Yettesu

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلاش بىلەن قالماي، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى»، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» قاتارلىق بىر يۈرۈش قانۇنلارنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلەتكەن خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاپ كېلىۋاتقانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشۋىقات ۋە بەزى ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى قوللىنىپ كەلمەكتە. 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن چاقىرىپ، «ئامېرىكانىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك جازا قانۇنلىرىغا قارشى تۇرۇش» قارارىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان.

خىتاينىڭ «سىنا» (sina) تورى قاتارلىق كۆپلىگەن تاراتقۇلىرى چىقارغان بۇ خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنى 23-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا مەزكۇر قۇرۇلتاي دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل رىياسەتچىلىك قىلغان، يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئامېرىكانىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك جازا قانۇنلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش، جازالانغان كارخانىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر تەرەققىياتىنى قوللاش قارار لايىھەسى» نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش بېكىتىلگەن.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ مىڭشەنمۇ قاتناشقان. ۋاڭ مىڭشەن ئىلگىرى سىياسىي-قانۇن ھوقۇقىنى تۇتقان مەزگىلىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانىدى.

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا شىنجاڭدىكى يىغىۋېلىش لاگېرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىغا قارىتا جازا چەكلىمىسى قويدى، بۇنىڭ بەزىلىرى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا، بەزىلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتىلدى. بۇ جازالار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى رەسۋا قىلدى ھەمدە خىتاي ماللىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتتى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جازا چەكلىمىلىرىگە قارشى بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ».

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جازا چەكلىمىسىگە قارشى بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا قانۇن بىلەن قارشىلىق بىلدۈرۈشكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي شىركەتلىرىگە ياردەم بېرىشنى قانۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئامېرىكانىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان شىركەتلەرنى يۆلەشنى نىشان قىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان بۇ تەكلىپنىڭ ھېچقانداق كۈچى ۋە تەسىرى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى رايموند كو مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئامېرىكانىڭ ئۇ رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك جازا چەكلىمىسىگە قارشى بەزى سىياسەتلەرنى چىقىرىشقا باشلىغاندەك قىلىدۇ. مەن ئۇنى شۇ رايوندىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ جازاسىغا قايتۇرغان بىر ئىنكاسى دەپ ئويلايمەن. ئەمما بۇ قانۇن تېخى دەسلەپكى لايىھە باسقۇچىدا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇننى تەستىقلىشىغا بىر جەريان كېرەك. ئامېرىكاغا قارشى سىياسەتنىڭ مەزكۇر رايوندا قانۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىتاينىڭ دۆلەت قانۇنى كېرەك بولىدۇ. بۇ قانۇن كۈچكە ئىگە بولامدۇ دېگەنگە كەلسەك، ئۇ نۇرغۇن ئامىللارغا باغلىق. ئەڭ باشتا ئۇلار بۇ مەسىلىنى رايون مەسىلىسىدىن دۆلەت مەسىلىسىگە كۆتۈرەلىشى، شۇ ئارقىلىق مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتىنى، مەسىلەن خىتاي سودا مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ نازارىتىنى بۇ ئىشقا داخىل قىلالىشى كېرەك».

ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تورىدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتقا قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلغاندىن بۇيان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق 73شىركەتكە جازا چەكلىمىسى قويغان، 3.4 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ قالغان.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم ئاشكارىلاپ قويغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 2024-يىل 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 60-نۆۋەتلىك ميۇنخېن خەلقئارا خەۋپسىزلىك يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش سىياسىتىنى ئەيىبلەپ: «ئەجىبا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشلەش ھوقۇقى يوقمۇ؟ سىلەر مەجبۇرىي ئەمگەك دېگەن گەپنى تېپىپ، ئۇلارنى ئىشلىگىلى قويمىساڭلار، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ساتقىلى قويمىساڭلار، ئىنسانپەرۋەرلىككە ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟» دەپ قايناپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاڭ ۋېنبىن قاتارلىق باياناتچىلىرىمۇ كۆپ قېتىم ئامېرىكانىڭ بۇ سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن.

تەتقىقاتچى رايموند كونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قانۇن تەكلىپى سۇنۇشى مەزكۇر رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاينىڭ ئىقتىسادى ھازىر ياخشى ئەمەس. شۇڭا بۇ تەكلىپ لايىھەسى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بىر سىنىقىدۇر. شۇ ئارقىلىق ئۇلار مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىنى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىنى قولغا كەلتۈرمەكچى. ئەگەر مەركىزىي ھۆكۈمەت بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللىسا، رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكانىڭ جازا چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئەمما مەسىلە شۇكى، مەركىزىي ھۆكۈمەت رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن باشقا ساھەلەردىكى مەنپەئەتلىرىنى قۇربان قىلىپ، بايلىق ۋە ئادەم كۈچى يۆتكىشى، باشقا ئۆلكە ۋە رايونلاردىكى مەسىلىنى ئېتىبارغا ئالماسلىقى كېرەك».

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ قانۇن تەكلىپىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنى قوللاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكانىڭ جازا چەكلىمىسىگە قارشى تۇرۇپ، خىتاي شىركەتلىرىگە ياردەم بېرىش توغرىسىدا تۈزۈلگەن بولسىمۇ، كونكرېت نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكانىڭ جازا چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان شىنجاڭدىكى شىركەتلەرنى قوللاش ئۈچۈن چىقىرىلغان، بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ شىركەتلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەر بولۇپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكانىڭ جازا چەكلىمىسىگە قارشى بۇ تەدبىرنىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ، بۇنىڭدا ئۇنىڭ ئاشۇ شىركەتلەرنى قانداق قوللىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت، غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي شىركەتلىرىگە جازا چەكلىمىسى قويۇشنى ئېغىرلاشتۇرسا، خىتاينىڭ قارشى تەدبىرى چەكلىك بولىدۇ».

تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكاغا مۇناسىۋەتلىك بۇنداق چوڭ قانۇن لايىھەسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن ئەمەس، يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن چىقىشى ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان بىر قارار، شۇڭا ئۇ ئۆلكە دەرىجىلىك قارار ھېسابلىنىدۇ ۋە مەملىكەت بويىچە كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى، جۈملىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئامېرىكانىڭ جازاسىغا قارشى كۆپ قېتىم ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەن. شۇڭا كەلگۈسىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىمۇ بۇ مەسىلىدە قانۇن چىقارمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئېھتىماللىقى بار».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.