سودا ئۇرۇشى جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى تەلەپ قىلىنماقتا
2018.09.19

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا خىتايدىكى بارچە ھوقۇقنىڭ شى جىنپىڭنىڭ قولىغا مەركەزلىشىشى ئاخىرقى ھېسابتا خىتايغا ۋە دۇنياغا ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن كېيىنكى يەنە بىر دىكتاتورنىڭ تەختتىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.
بۇ جەرياندا بۇ خىل مۇستەبىتلىكنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىلىرىنىڭ بىرى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۈرمە شەكلىنى ئالغان لاگېرلارغا قامىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپتىن ئۆتمىگەن ھالدا مەھبۇسقا ئايلاندۇرۇلۇشىدا ئىپادىلەندى. 18-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بولغان «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ گېزىت تەھرىراتى نامىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باش ماقالىسىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئېغىرلىقى ئاللىقاچان ئاقسارايدا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىپ جازا تەدبىرلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقانلىقى ئېيتىلىپ، «دونالد ترامپ خىتايغا قارشى چىقالامدۇ؟» دەپ سوئال قويۇلىدۇ.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئەڭ چوڭ ئىشلارنىڭ بىرى ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بولغان. بۇنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى «ئىدىيەۋى كېسەللىكنى داۋالاش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى زۇلۇم ئوبيېكتى قىلىشتا ئەكس ئەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ھەتتا ئاخىرەتلىك ئىشلاردا «قۇرئان كەرىم» دىن بىرەر ئايەتنى قىرائەت قىلغان كىشىمۇ ئۆزىنى لاگېردا كۆرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. بۇ خىل لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەر بولسا تاشقى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەۋقەسىنى ئۆزگەرتىشكە، مېڭە يۇيۇش، ئۆز-ئۆزىنى تەنقىدلەش ھەمدە ئىسلام ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغان. ئەمما ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ياكى تىل- يېزىقى خىتايلاردىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىققا ئىنتىلىش تارىخى ۋە خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق كۆرسىتىش خاھىشى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولتۇرالمايۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشلار ئامېرىكىدىكى يەنە بىر چوڭ گېزىت بولغان «ۋاشىنگتون پوچتىسى» تەھرىراتى نامىدىن ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. 17-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر باش ماقالىدا 21-ئەسىردە ئەڭ تىپىك ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ چىققان خىتاينىڭ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر دىيارىنى تاشقى دۇنيا ئۈچۈن چەكلەنگەن رايونغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقى، بۇ رايوندا ئىجرا بولۇۋاتقان سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى چەكلىمىلەر ھەمدە باستۇرۇشلارنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئورۋېل» چە مۇستەبىت جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرۈۋاتقانلىقى، ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «خىتايچە شەكىلگە سەللا ئوخشىماي قالغان ھەرقانداق شەيئىنىڭ يوقىتىلىش نىشانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى» تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.
بۇ ماقالىلەردە بىردەك ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي نىشان قىلغان بۇ خىل زۇلۇمنىڭ مۇشۇ يوسۇندا راۋاجلىنىشىغا داۋاملىق سۈكۈت قىلىنسا ئۇنىڭ پۈتكۈل خىتاي ئۈچۈن نورمال بولغان بىر ئۆلچەمگە ئايلىنىپ قېلىش ھەمدە كېيىنچە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ كېڭىيىش ئېھتىمالى بارلىقى كۆرسىتىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھەقلىرى مۇشۇ شەكىلدە تارتىۋېلىنسا ئۇ ھالدا خىتايدىكى بۇددىزم، تەرىقەتچىلىك، كاتولىك قاتارلىق دىنىي ئېتىقادلارنىڭمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كېلىدىغانلىقى، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنى قوغداپ قالالمىغان دۇنيانىڭ بۇ كىشىلەرنىمۇ قوغداپ قالالمايدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى جەريانىدا ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىشىغىمۇ تېگىشلىك دەرىجىدە چارە كۆرۈشنى ئويلىنىش لازىملىقى تەكىتلىنىدۇ.
گەرچە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە شۇنچە كۆپ دەلىل-ئىسپاتلار ۋە گۇۋاھلىق ماتېرىياللىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە ئىزچىل «ئۇيغۇرلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرمەكتە» دېگەندەك يالغانلارنى بازارغا سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايدىكى ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن رەۋىشتە بۇ خىلدىكى لاگېرلار تېخىمۇ زور كۆلەمدە قۇرۇلماقتا. ئەمما بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، جۈملىدىن ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىلمىشىغا جازا بېرىش ئۈچۈن مۇزاكىرىدە بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتەملىك بىلەن «ئامېرىكا ياكى باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا ھەققى يوق» دەپ جاكارلىشى دۇنياغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ھاكىممۇتلەقلىق خاراكتېرىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم.
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئادۋوكات، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى نۇرى تۈركەل بۇ مەسىلىنىڭ بۇنىڭدىن باشقىمۇ مۇھىم تەرەپلىرى بارلىقىنى ئالغا سۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق بولمايدۇ. ئەكسىچە ئامېرىكىنىڭ مۇشۇنداق قىلىشى ماھىيەتتە ئامېرىكىنىڭ تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە قىممەت قارىشىنى جارى قىلدۇرغانلىق بولىدۇ.
نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي مەسىلە تۈپەيلىدىن توقۇنۇش كۈچىيىۋاتقاندا سودا ئۇرۇشىغا تاقاپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دىققەت مەركىزىگە قويۇش ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان ھادىسە ھېسابلىنىدىكەن.
نۇرى تۈركەلنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسىدە جىددىي مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان «چېن چۇەنگو باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ‹يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى› نى تەتبىقلاش» مەسىلىسىنى بۇنىڭدىكى بىر زور ئىلگىرىلەش دېيىشكە بولىدىكەن. چۈنكى بىر قىسىم كىشىلەردە مەۋجۇت بولۇۋاتقان «بۇنىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ» دېگەن قاراش توغرىسىدا مەزكۇر جازانىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىدىن كۆرە ئۇنىڭ نېمىگە سىمۋوللۇق قىلىشى بەكرەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، غەرب دۇنياسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەۋاتقاندا غەرب دۇنياسى بىلەن مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورتاق تەنقىد ھەمكارلىقىنىڭ بولماسلىقى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ھادىسە ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» نىڭ تەتبىقلىنىشى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا بىلەن نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بويىچە سودا قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى بۇ رايونلارغا كېڭەيتىشىنى چەكلەشتە ئىجابىي رولغا ئىگە ئىكەن.