شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى: خاتالىققا چىرماشقان مەنپەئەتلەر

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.09.30
جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سىن ئارقىلىق سۆھبەتلىشىىشنىڭ نەتىجىسى نېمە بولدى؟ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئاقسارايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سىن ئارقىلىق سۆھبەتلەشمەكتە. 2021-يىلى 15-نويابىر، ۋاشىنگتون.
REUTERS

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى يېقىنقى مەزگىللەردە ئىزچىل خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىنىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بولۇۋاتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك يىرىكلىشىشنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقى بۇنىڭدىكى ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك بولۇپ قالماقتا. ھالبۇكى بۇ يىرىكلىشىشنىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ئۈچۈن، جۈملىدىن ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىشى 26-سېنتەبىردە مايكىل شۇمان (Michael Schuman) ئىمزاسىدا «ئاتلانتىك» تورىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزە ماقالىسىدە تەپسىلىي بايان قىلىندى.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان يىرىكلىشىشنىڭ باش سەۋەبكارى شى جىنپىڭ بولۇپ، خىتايدىكى قەرەللىك ھوقۇق تاپشۇرۇشنىڭ 10 يىللىق سۈرۈكى توشۇش ئالدىدا شى جىنپىڭنىڭ تەختتىن چۈشۈشنى خالىمايۋاتقانلىقى بۇ جەھەتتىكى بۇزۇلۇشنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. 2022-يىلى 16-ئۆكتەبىردە باشلىنىدىغان 20-قۇرۇلتايدا شى جىنپىڭنىڭ داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىشىپ قالغان بولۇپ، يېڭى بىر «داھىي» نىڭ ھوقۇقنى قولىغا ئېلىش ئېھتىمالدىن بەكمۇ يىراق. بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ياكى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى دۈشمەنلىشىشكە يۈزلەندۈرگەن شى جىنپىڭنىڭ داۋاملىق رەئىس بولۇشى بۇ خىل دۈشمەنلىكنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئاپتور بۇ جەھەتتىكى بۇزۇلۇشنىڭ جاۋابكارلىقى ھەققىدە توختالغاندا خىتاينىڭ بۇ رەھبىرىنى ئۆتكەن مەزگىلدە توپلانغان دۆلەت كاپىتالىنى دۇنيا ئىقتىسادى، يېڭى پەن-تېخنىكا، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلەردە يېتەكچى كۈچ بولۇۋاتقان ئامېرىكىنىڭ نوپۇزىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا، شۇنىڭدەك ئامېرىكا باش بولۇپ ئورنىتىپ چىققان دۇنياۋى تەرتىپنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا سەرپ قىلغان، دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا شى جىنپىڭ داۋاملىق ھالدا يەنە بەش يىل «ئالىي داھىي» بولسا ئۇ ھالدا بۇ خىل ئۇرۇنۇش تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى ئېنىق ئىكەن. چۈنكى 2012-يىلى شى جىنپىڭ ھوقۇقنى قولىغا ئالغاندا ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىنىڭ سىياسىيونلىرى ئۇنى 1980-يىللاردا دېڭ شياۋپىڭ باشلاپ بەرگەن «ئىقتىسادىي ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» ئىشلىرىنى تېخىمۇ يۇغۇرى پەللىگە ئېلىپ چىقىدۇ ۋە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدۇ، دەپ ئىشىنىپ قالغان. ئەمما ئۇ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ھېس قىلغان. ئىدېئولوگىيەگە ئەسەبىيلەرچە چوقۇنىدىغان، مىللەتچىلىكتە ئۇچىغا چىققان ھەمدە سىياسىي كونتروللۇققا مەستانە بولغان شى جىنپىڭ ئىلگىرىكى «پېشۋالىرى» نىڭ باسقان يولىنى باشقا يۆنىلىشكە بۇراشقا باشلىغان.

شى جىنپىڭ بۇ جەھەتتە ئالدى بىلەن خىتاينىڭ تاشقى سىياسەتلىرىنى پۈتۈنلەي يېڭىۋاشتىن تۈزۈپ چىققان. چۈنكى ئۇ خىتاينى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندى، دەپ ئىشىنىپ قالغان. شۇڭا ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆزىگە شېرىك، دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك رەقىب، دەپ قارىغان. خىتاينىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئامېرىكا باشلامچىلىق قىلىۋاتقان دۇنياۋى تەرتىپتە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا خىتاينى مەركەز قىلغان ھاكىممۇتلەقلىق ئاساسىدىكى دۇنياۋى تەرتىپنى ئورنىتىشقا زېھىن قويغان. ئامېرىكانى تېخىمۇ ئوڭاي قىسماققا ئېلىش ئۈچۈن شى جىنپىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن قويۇق دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ چىققان.

ئەمما ئاپتورنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇنداق بىر ئۇرۇنۇشقا ئەسەبىيلەرچە مەھلىيا بولۇشىنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن كۆپلىگەن ھېكمەتتىن دېرەك بېرىدىكەن. چۈنكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۇنياۋى تەرتىپنى بۇزۇپ تاشلىماقچى بولۇۋاتقان بۇ «داھىي» ئەمەلىيەتتە ئاشۇ «ئارمان» غا يېتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى شۇنىڭغا چۇشلۇق «دەرمان» غا ئىگە قىلىشقا ئاجىز كېلىپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ «داھىي» ئاشۇ نىشانغا ئىنتىلگەنسېرى ئۇنىڭ دۆلىتى ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىن قۇدرەت تېپىش ئورنىغا تېخىمۇ خوراپ ئاجىزلاپ ماڭىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا شى جىنپىڭ تەختتە قانچە ئۇزۇن ئولتۇرسا خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىش ئىقتىدارى شۇنچە ئاجىزلاپ ماڭىدىكەن.

بۇ جەھەتتە ئاپتور مىسال ئالغان ھادىسىلەر ھەقىقەتەنمۇ رېئاللىققا ئۇيغۇن كېلىدۇ. بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسىلا بۇ دۆلەتنىڭ تولىمۇ ناچار بىر يوسۇندا ئىدارە قىلىنىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىدۇ: ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاستىلاپ كەتكەن؛ شى جىنپىڭ تۈزۈپ چىققان تەھلىكىلىك تاشقى سىياسەتلەر دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئاساسلىق كۈچلەرنى ھەمدە خىتاينىڭ قوشنىلىرىنى خىتايدىن بەكمۇ يىراققا سۈرۈپ تاشلىغان؛ شى جىنپىڭ تۈزۈپ چىققان بىر قاتار دەبدەبىلىك قۇرۇلۇش لايىھىلىرى ئىسراپچىلىق ۋە باشقۇرۇشتىكى ناباپلىق تۈپەيلىدىن خاراب بولۇشقا يۈزلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن شى جىنپىڭ ئېغزىدىن چۈشۈرمەي كېلىۋاتقان «خىتاي دۆلىتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ» دېگەن ھۆكۈم دەل مۇشۇ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەمەلىيەتتىن بەكلا ئۇزاپ كەتكەن. بۇ ھال ئامېرىكا ئۈچۈن ھەممىدىنمۇ بەك ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، تېخنولوگىيە، ھەربىي ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىشكە مەجبۇر بولغان. ئاپتور بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا كومپيۇتېر ئۆزەك (chip) لىرى ساھەسىدە ئامېرىكا يېتەكچى كۈچ بولۇشتەك ۋەزىيەتنى داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئۆزەك بويىچە ئىسكەنجىگە ئالغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن خىتايدىكى سانائەت ساھەسىنىڭ بىردىنلا پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «تىنچ ئوكيان كېڭىشى» ئاقىللار مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دېين كامارو (Dane Chamorro) نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا بۇ خىلدىكى دۈشمەنلىشىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئېكىسىگە قايتىشىدىن ئۈمىد يوق، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. .

«مېنىڭچە ھازىر بۇنىڭدا ئۆتكەنكى بىرنەچچە يىللىق ئەھۋالغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىش مۇمكىن. بۇنىڭدا ھەممىلا ئىش نورماللىقتىن ھالقىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن بۇنىڭدىكى چوڭ ۋەزىيەت 2014-يىلىدىن ئاۋۋالقى سەۋىيەگە ياكى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشتىن ئاۋۋالقى دەۋرگە قايتمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتىن كۆرە ھەمكارلىققا بەكرەك تويۇنغان مۇناسىۋەت ئاز دېگەندىمۇ 30 يىلچە داۋام قىلدى. ئەمدى بۇ ئىشلارنى كەلمەسكە كەتتى، دېسەكمۇ بولىدۇ. ھازىر خىتايدىمۇ، ئامېرىكىدىمۇ سايلامنىڭ تەييارلىقى جىددىي كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ھەر ئىككى تەرەپ قارىشى تەرەپكە بەكلا كۈچلۈك بولغان ھەرىكەت بىلەن ئىنكاس قايتۇرماسلىقى مۇمكىن. خىتاينىڭ ھەر جەھەتتىكى ئەھۋالى ناچار بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ئېنىقكى شى جىنپىڭ ئۆز خەلقىگە قارىتا ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى پەش قىلىشى ئېنىق.»

ئاپتور ئالاھىدە دىققەت قىلغان بىر ھادىسە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىشى بولغان. 2012-يىلى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەككىز پىرسەنتكە يېقىن مېڭىۋاتقان بولۇپ، 2022-يىلىدا بۇ سۈرئەت ئۈچ پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۈرئەتنىڭ تېخىمۇ ئاستىلاپ كېتىشى ھازىر مۇقەررەر بولۇپ قالدى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل غايەت زور چېكىنىشنىڭ باش سەۋەبكارى يەنىلا شى جىنپىڭ ھېسابلىندۇ. چۈنكى 1980-يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ئىقتىسادىي ساھەنى كونترول قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا قول تىقىىشنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، چەتئەللەر بىلەن بولغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىغا ئىشىكنى ئاچقان، شۇنىڭدەك خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئىجازەت بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي غايەت زور كۆلەمدە ۋە سۈرئەتتە ئاشقان. شى جىنپىڭ دەۋرىدە بولسا ئۇ دەل بۇنىڭ تەتۈرىسىنى قىلىپ، خۇسۇسىي شىركەتلەرنى باسقان. شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىقتىسادقا بولغان كونتروللۇقىنى يۈكسەك پەللىگە ئېلىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن خۇسۇسىي ئىگىلىك ئېغىر چەكلىمە ۋە بېسىم تۈپەيلىدىن بىر ئىزدا توختاپ قالغان. بۇنىڭ بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە خىتايدىكى ئىشسىزلىق تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىلدىكى «خۇسۇسىي شىركەتلەر ئىقتىساد ۋە تەسىر كۈچتە زورىيىپ كەتسە كومپارتىيە ئۈچۈن تەھدىتكە ئايلىنىدۇ» دەيدىغان بۇ خىل ئىدېئولوگىيە ۋە سىياسىي چۈشەنچە بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن قارىشى تۈپەيلىدىن ھازىر بۇ خىلدىكى «كومپارتىيە ئىقتىسادنى كونترول قىلىش» ئەندىزىسى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە ئىكەن. شۈبھىسىزكى بۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ ئاجىزلىتىدىغان بىر مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان.

ئاپتور بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قاراۋاتقان يەنە بىر ھال خىتاينىڭ زومىگەرلىك تەبىئىتى ئەۋجىگە چىققانسېرى دۇنيادىكى كۈچلەرنىڭ ئامېرىكا ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن بەش-ئالتە يىلدا ئامېرىكا تەۋەسىدە بارلىققا كەلگەن ئىجتىمائىي تەرتىپسىزلىك ھادىسىلىرى ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى كۈچ بولۇش سالاھىيىتىگە قارا سايە تاشلىغان. شى جىنپىڭ بولسا دەل مۇشۇ خىل ئاجىزلىقنى بايقاپ ئامېرىكىنىڭ زىيىنى ھېسابىغا خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغان. ئەمدىلىكتە شى جىنپىڭ باشلاپ ماڭغان خىتاينىڭ بارغانسېرى دۇنياغا دۈشمەن بولۇشىغا ئەگىشىپ دۇنياۋى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكسەپ ئورنىتىش ئارزۇسى كۈچىيىپ ماڭغان. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇشقا باشلىغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ھالنى قارشى ئالمىغان. شۇنىڭدەك بۇنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانلىق، دەپ قارىغان. ئەمما رۇسىيەنى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ھەمدە شى جىنپىڭنىڭ بۇ جەرياندا ۋىلادىمىر پۇتىننى پائال قوللاپ «تاجاۋۇزچىلىق ماشىنىسىغا ماي قۇيۇشى» نى كۆرگەندىن كېيىن ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرىنى مەسلىھەتلىشىشكە باشلىغان. شى جىنپىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى چەتئەل سەپىرى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگەندە پۇتىن بىلەن تېخىمۇ قويۇق دوستلۇق ئورناتقان. ئەنە شۇ خىل سەۋەبلەردىنمۇ ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى شېرىكلىرىدىن بولغان ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە 2022-يىلى ئىيۇندا «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» (NATO) نىڭ رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىپ خىتاي تەھدىتى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن. يېقىندىن بۇيان ھىندىستانمۇ خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتا زور قەدەملەرنى ئېلىشقا باشلىغان.

ھازىر بولسا شى جىنپىڭنىڭ «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» شوئارى بويىچە خىتايدىكى ئاۋام دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملار شىددەت بىلەن ئېشىشقا باشلىغان. ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ ۋە سودا رايونلىرىنىڭ قامالغا ئېلىنىشى، ئىشسىزلىقنىڭ تېزدىن ئېشىشى قاتارلىقلار ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقلارنىڭ بىرى بولغان خەلق ئاممىسىدىكى نارازىلىققا زېمىن ھازىرلىغان. بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەردە «يا ئەركىنلىك يا ئۆلۈم» دېگەندەك شەكىلدىكى شوئارلار كۆرۈلۈشكە باشلىغان. يەنە بەزىلەر بولسا «ۋېيبو» دا ئاشكارا ھالدا «باي غوجاملار ئۆيلىرىدە ئەيشى-ئىشرەت ساز بىلەن، كەمبەغەللەر ئاھ ئۇرۇشار خىيالىدا نان بىلەن» دېگەندەك تېكىستلەرنى ئېلان قىلغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دېين كامارو ئەپەندى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چېكىنىشىنى مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا خىتاينىڭ زاۋاللىققا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىسى، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«بۇنىڭدىن بىر-ئىككى يىل ئاۋۋالقى ۋەزىيەتنى يادىمىزغا ئالىدىغان بولساق شۇ ۋاقىتتا ئەسلىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈرلۈك ھەمكارلىق بارلىققا كەلسە بولاتتى. چۈنكى شۇ ۋاقىتتا ھەر ئىككى تەرەپ تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان بولغاچقا بۇ مەسىلىدە قولمۇ-قول تۇتۇشۇپ ئىش كۆرۈشى مەنتىقىگە توغرا كېلەتتى. ئەمما ئىشلار ئۇنداق بولمىدى. بۇ ۋىرۇس ھەققىدە كۆپ تالاش-تارتىش ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمدى كېلىپ تەيۋەن مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. دېمەك ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىشىپ ئىش كۆرۈشنىڭ ھېچقانداق ئىمكانىيىتى مەۋجۇت ئەمەس. بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيەت ئاساسىي جەھەتتىن توقۇنۇشقا تولغان ھالدا راۋاجلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا تەمىن ئەتكەن شارائىتتا باي بولۇۋېلىپلا ئەمدى ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىمەن، دەۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتساق، خىتاينىڭ ئىقتىسادى قۇۋۋىتى ۋابا مەزگىلىدىن كېيىن غايەت زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. بولۇپمۇ ئېكسپورت سودىسىغا زور دەرىجىدە تايىنىدىغان خىتاي ئۈچۈن بۇ ھال تېخىمۇ شۇنداق بولدى.»

گەرچە خىتايدىكى بۇ خىل ئاممىۋى نارازىلىق، دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى تەلۋىلىك، ئىقتىسادىي ساھەدىكى چېكىنىش دېگەنلەرنىڭ ھېچقايسى شى جىنپىڭنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە بولمىسىمۇ، شى جىنپىڭنىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇشى شۈبھىسىز بۇ خىل يۈزلىنىشنى يۇغۇرى پەللىگە ئېلىپ چىقىدىكەن. بۇ نۇقتىنى شى جىنپىڭمۇ تونۇپ يەتكەن بولۇپ، ئۇ بۇ خىل سەلبىي ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى خىتاي مىللەتچىلىكىگە يۆتكەشكە باشلىغان ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇشىنىڭ قانۇنلۇق ۋە زۆرۈر ئىكەنلىكىنى پەش قىلماقچى بولغان. تەيۋەن ھەققىدىكى «داغدۇغىلىق بايانلار» مۇ دەل مۇشۇ مەقسەتتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، تەيۋەن دۈشمەنلىكى، ئامېرىكا دۈشمەنلىكى قاتارلىق «دۈشمەنلەر نەزەرىيەسى» ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى غەزەپنى باشقا ياققا بۇراشقا شى جىنپىڭ ھازىر ھەممىدىنمۇ بەكرەك موھتاج بولۇشقا باشلىغان. بۇ خىل كۆپ تەرەپلىمە رېئاللىق ماھىيەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن يەنىلا ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىق بولۇپ، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى يۇغۇرى پەللىگە چىقىرىش، ئەمما بىۋاسىتە ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئامېرىكا ئەڭ ئاخىرىدا مەنپەئەت ئالغۇچى، خىتاي بولسا ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىپ زىيان تارتقۇچى بولۇشى مۇقەررەر ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.