ئامېرىكادا ھەر ئون ئادەمنىڭ توققۇزى خىتاينى «رىقابەتچى ياكى دۈشمەن» دەپ قارايدىكەن، ئۇنداقتا سىياسەتچىلەرچۇ؟

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى بىر قانچە نوپۇزلۇق تەتقىقات مەركەزلىرى ئېلىپ بارغان يېقىنقى راي سىناشلاردىن قارىغاندا ئامېرىكا خەلقىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارىشىدا زور ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلگەن.

مەسىلەن، «Pew» تەتقىقات مەركىزى 2021-يىلى 2-ئايدا ئەپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىدىكى قورامىغا يەتكەن ھەر ئون كىشىنىڭ توققۇزى خىتاينى «شېرىك ئەمەس، رىقابەتچى ياكى دۈشمەن» دەپ قارايدىكەن. يەنە% 48 كىشى بولسا «خىتاينىڭ كۈچىنى ۋە تەسىرىنى چەكلەش ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇشى كېرەك» دەپ قارايدىكەن. خىتايغا نىسبەتەن مەنپىي كۆز قاراشتىكىلەر بولسا% 67 كە ئۆرلىگەن بولۇپ، تېخى ئىككى يىل ئاۋاللا بۇ رەقەم 46 پىرسەنت ئىكەن.

ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ئامېرىكا جامائىتى كورونا ۋىرۇسىدىن كېيىن خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«ئامېرىكالىقلار كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋە خىتايدىن كېلىۋاتقان فانتىنېل دورىلىرىنىڭ ئۆلۈمگە سەۋەب بولغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ شېرىكلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا قىلىۋاتقان زومىگەرلىكىنى كۆردى. خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى قىلىۋاتقان تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى كۆردى. مانا بۇلار كىشىلەر ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈشنى رەت قىلىپ كەلگەن رېئاللىقنى كۆرۈش ئۈچۈن مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى.»

ئامېرىكا كور ئانالىتىك ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى، دوكتور ئاندېرس كورمۇ ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى بولغانلىقىنى دېدى. ئۇ ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېدى:

«ھازىرغىچە 720000 دىن ئارتۇق ئامېرىكالىق بۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن ئامېرىكالىقلار خىزمىتىدىن ئايرىلدى. بۇ يۇقۇملۇق كېسەل ئامېرىكالىقلارغا بىۋاسىتە ۋە ئەجەللىك تەسىر كۆرسەتتى، ھەمدە بىزنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا تېخىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىشىمىزغا سەۋەب بولدى. نەتىجىدە ئامېرىكالىقلار ئۇ قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەردىن ۋە دۆلەت باشقۇرۇشتىكى خاتا ئۇسۇللىرىدىن خەۋەردار بولدى.»

مەلۇم بولۇشىچە، گاللۇپ تەتقىقات ئورنى 2021-يىلى 3-ئايدا ئەپ بارغان راي سىناش نەتىجىسىدىمۇ ئوخشاش نەتىجىلەر چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينى ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق دۈشمىنى دەپ قارايدىغان ئامېرىكالىقلارنىڭ سانى بىر يىل ئىچىدە بىر قاتلىنىپ، % 22 تىن% 45 كە ئۆرلىگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو 2021-يىلى 24-سېنتەبىر كۈنى «ۋال ستىرىت ژۇرنىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «خىتاي خەلقئارا سودىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە ئىش قىلمايۋاتىدۇ، ئەقلىي مۈلك ئوغرىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ» دېگەن. ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىل بۇرنسمۇ يېقىندا قىلغان سۆزىدە خىتاينى «بىز 21-ئەسىردە دۇچ كېلىدىغان ئەڭ مۇھىم جۇغراپىيەلىك سىياسىي تەھدىت» دەپ تەسۋىرلەپ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس خىتاي ۋەزىپە مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» ناملىق ژۇرنالنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مانا بۇلار تېخى يېقىنقىغىچە «خىتاي بىزنىڭ شېرىكىمىز، خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلسىلا بىزنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلىدۇ،» دەيدىغان خىتاي فانتازىيەسىگە ئىشىنىۋاتقان ئامېرىكا ئۈچۈن ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بىراق گوردون چاڭ ئەپەندى ھازىرقى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزۈۋاتقان ياكى يۈرگۈزمەكچى بولۇۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ خەلقنىڭ رايى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بايدېن ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. مەن بۇنى خەلق ئارىسىدا ئانچە قارشى ئېلىنمايدىغان ھەرىكەت، دەپ قارايمەن. خەلقنىڭ ئارزۇسى بۇ ئەمەس. بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ دۈشمەنلىكىنى، ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ ئامېرىكانى چەتكە قايرىپ قويۇش ئىكېنلىكىنى بىلىشى كېرەك. بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى ئاساسىي قانۇن خاراكتېرلىك ۋەزىپىسى بولسا ئامېرىكا دۆلىتىنى قوغداشتۇر»

دوكتور ئاندېرس كور ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا مەجبۇرلاۋاتقىنى چوڭ شىركەتلەر ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغان:

«بايدېن، كېررى، بىللىنكېن، سۇللىۋان ۋە كامپبېلغا ئوخشاش سىياسىيونلار ئامېرىكالىق سايلىغۇچىلارغا قارىغاندا خىتايغا بەكرەك دوستانە مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىگە ئۇچرىغان. چۈنكى بۇ شىركەتلەر داۋاملىق خىتايدىكى تىجارىتى ۋە مەبلەغلىرىدىن پايدا ئېلىشنى كۆزلەيدۇ. مەنچە سىياسىيونلار پەقەت ياخشى يېتىشكەن سايلىغۇچىلار تەرىپىدىن مەجبۇرلانغاندىلا قايتا سايلىنىپ چىقىش ئۈچۈن خىتايغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ»

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، «چىكاگو يەرشارى ئىشلىرى كېڭىشى» ناملىق تەتقىقات ئورنى 2020-يىلى 12-ئايدا ئەپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ زورىيىشىغا قارىتا يېتەرلىك تەدبىر قوللاندى» دەپ قارايدىغان ئامېرىكالىقلارنىڭ سانى ئاران % 34 بولۇپ، دەرۋەقە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئامېرىكالىق بۇ تەدبىرلەرنى يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قارايدىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسىتىدە بوشاپ كەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توسۇش مەسىلىسىدىمۇ جىمىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئامېرىكانىڭ يەنىلا سۆھبەت ئارقىلىق خىتاينى ئۆزگەرتىمىز، دەيدىغان خام خىيالنى كۆرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئامېرىكادىكى جامائەت پىكىرى، دېدى.

«ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» ژۇرنىلىمۇ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە ئامېرىكىلىق سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنى ئامېرىكا خەلقىنىڭ تەلەپلىرىگە ماسلىشىشقا چاقىرىپ «بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ دۇنيا ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت. خىتاينىڭ ئۆز قوشنىلىرى ۋە تەنقىدچىلىرىگە قارشى ئىقتىسادىي زوراۋانلىق ۋە باشقا ناچار ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا مايىل ئىكەنلىكى بىر ھەقىقەت. خىتايدىكى ئۆزگىچە ياكى ئەركىن پىكىر قىلغۇچىلارنىڭ بارار جايىنىڭ گۇلاگ ئىكەنلىكى بىر ھەقىقەت. شۇڭا سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر تېزدىن مۇشۇنىڭغا قارىتا ئىش كۆرۈشى كېرەك» دېگەن.