خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇگۇن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئوباما شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا - ئىران يادرو بىخەتەرلىك كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىدا ئوينىغان رولى ۋە مەيدانىغا رەھمەت ئېيتقان ۋە سىنتەبىردىكى زىيارىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاقساراي تور بېتىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سېنتەبىردە ئامېرىكىغا قىلىدىغان زىيارىتىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇۋاتقانلار بارغانچە كۆپىيىۋاتقان، ئامېرىكىنىڭ قانۇن چىقىرىپ، خىتايغا ئېمبارگو قويۇشىنى ۋە خىتايغا كىشىلىك ھوقوق جەھەتتە ئىجابىي يۆنىلىشكە قەدەم تاشلاشقا جىددى رەۋىشتە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئوباما بىلەن شى جىنپىڭنىڭ بولۇپ ئۆتكەن بۇ تېلېفون سۆھبىتى، كۆپ قىرلىق رىقابەت ۋە ھەر تەرەپلىك ھەمكارلىقلار ئارقىلىق باغلانغان ئامېركا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى يۆنىلىشى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئىجابىي ئىلگىرىلەشلىرىگە قارىتا يېڭىدىن مۇلاھىزىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.
سىنتەبىردە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋاشىنگتوندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقچى. ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى دەل خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا قۇرۇۋاتقان سۈنئىي ئاراللار مەسىلىسى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تور سىستېمىسىغا قىلىنغان زور كۆلەملىك تور ھۇجۇمى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ ئامېرىكا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەسمىي يۇسۇندىكى تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر جىددىيلەشكەن مەزگىلگە توغرا كەلدى. كۆزەتكۈچىلەر خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ سۆھبەتتە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇھىم تېما بولۇشىنى پەرەز قىلماقتا ۋە ئامېرىكا، خىتاي مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخي باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دىئالوگىنىڭ خىتاينىڭ ئۆزگىرىشىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئارزۇ قىلماقتا.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىدا ئامېرىكا، خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلغان، بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ :
«خىتاي بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، شى جىنپڭنىڭ بۇ قېتىملىق ئامېرىكا زىيارىتى خىتاينىڭ پايچەك كرىزىسىدا ئىقتىسادى چۈشكەن، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيىتى داۋالغۇچتا تۇرغان، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىپ كىشىلىك ھوقۇق ھەر جەھەتتە مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە يۈزلىنىۋاتقان، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن نازۇكلاشقان بىر ئالاھىدە شارائىتقا توغرا كەلدى، بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن خىتايغا ھەر جەھەتتە بېسىم ئىشلىتەلەيدىغان ۋە ئۇنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ياخشى پۇرسەت بولالايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ئەمەلىيەتتە، گەرچە ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەر خىل ئۇچرىشىش - يىغىنلاردا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان كۆپلىگەن مۇلاھىزىلەردە بۇ قېتىم ئوباما بىلەن شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدا كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىنىڭ ئورنى ۋە ئۈنۈمىگە قارىتا گۇمان كۈچەيمەكتە.
ئاقسارايغا شى جىنپىڭ زىيارىتىنى بايقۇت قىلىش تەكلىپىنى كۈچلۈك قوللىغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بولۇپ، بۇ تەشكىلاتمۇ ئىيۇندا ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد ھەمكارلىق يىغىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 9 كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى قاتارىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىرلەشمىنىڭ رەئىسى ئالىم سيىتوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشنىڭ ئىككىلا دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبلىك گەرچە شى جىنپىڭ زىيارىتىنىڭ بايقۇت قىلىنىشىغا ئۈمىدلىك قارىمىسىمۇ، ئەمما ئوبامانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىدىن گۇمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە،گەرچە ئامېرىكا، خىتاي مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا خىتاي ۋەزىيىتى ئىنتايىن داۋالغۇچتا تۇرسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ئەخلاقى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھەر جەھەتتىكى قىممەت ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا، ئامېرىكا خىتايغا پايدىسىز بۇ ۋەزىيەتنى رىقابەتچىسىنى يىقىتىدىغان بىر پۇرسەت دەپ پايدىلانمايدۇ ۋە ئىلگىرىكىدىن مۇتلەق پەرقلىق بىر سىياسەت قوللىنىشىمۇ ناتايىن. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما شى جىنپىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە شىمالىي كورىيە، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، جەنۇبىي دېڭىز ۋە تور بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىنى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا مۇزاكىرە قىلىشى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى جىددىي مەسىلىلەر قاتارىدا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆتۈشى ئېنىق. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى گەرچە مۇھىم مەسىلە بولسىمۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەت ۋە مۇناسىۋەتلىرى چوڭ گەۋدىسىدە ئۇنىڭ ئىگىلەيدىغان سالمىقى ئارزۇيىمىزدىكىدەك زور ئەمەس، بۇ رىئاللىقنى تونۇپ يېتىش كېرەك.
0:00 / 0:00