جىددىيلىشىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتەمدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-05-03
Share
جىددىيلىشىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتەمدۇ؟ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى F-35B چاقماق II كۈرەشچى ئايروپىلانى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئۇچۇش سۇپىسىغا قونۇشقا تەييارلىق قىلماقتا. 2020-يىلى 18-ئاپرېل.
REUTERS

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك ئىككى تەرەپنىڭ سودا ئۇرۇشى سۆھبىتىدىن كېيىن كۈچىيىپ ماڭغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىشىدىن كېيىن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان داۋام قىلدۇرۇۋاتقان دېڭىز زومىگەرلىك قىلمىشىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدا يېڭى جىددىيلىك پەيدا قىلىشى، ئامېرىكا-خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئالياسكا سۆھبىتىدىكى قاتماللىق ھەمدە ئامېرىكا بىلەن غەرب دۇنياسىنىڭ، جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىشىدىكى تەرەققىياتلار ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئەمدى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا مەۋجۇت بولغان «دوستانىلىك ۋە باراۋەرلىك» ئاساسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى بارغانسېرى ئاشكارا ئەكس ئەتتۈرۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ خىل يوسۇندىكى چوڭقۇرلاۋاتقان يىرىكلىكنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر مەيدان زور كۆلەملىك ئۇرۇشقا ھامىلىدار بولۇشى ھەققىدىكى تەخمىنلەر ۋە مۇلاھىزىلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

يېقىندا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سابىق تۆت يۇلتۇزلۇق ئادمىرالى، ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدە بىر مەھەل پارلىغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرى جېيمىس ستاۋرىدس (James G. Stavridis) نىڭ «2034-يىلى: كېيىنكى نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇرۇشى» ناملىق رومانى 2021-يىلى مارتتا نەشردىن چىققاندىن كېيىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ۋە NATO بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيەسىدە ئوتتۇز يىلچە تۈرلۈك قوماندانلىق ۋەزىپىلىرىدە بولغان، دىپلوماتىيە ۋە قانۇن پەنلىرى بويىچە ئامېرىكادىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بولغان تافتىس ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بۇ كىشىنىڭ مەزكۇر يېڭى رومانىنى كۆپلىگەن ئانالىزچىلار رومان دېگەندىن كۆرە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن بېرىلگەن بېشارەت، دەپ قاراشقا باشلىدى.

«نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ كەسپىي ئوبزورچىسى توماس فرېدماننىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىنى دەل ئەنە شۇ خىل پىكىرلەرنىڭ بىرى، دېيىشكە بولىدۇ.

توماسنىڭ قارىشىچە، گەرچە بۇ بىر رومان شەكلىدە بايان قىلىنغان ۋەقەلىكلەر بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىنكى 13 يىلدا بولىدىغان بەزى ئىشلار مەنتىقلىق «پەرەز» شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بولۇپمۇ ئىران بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقى، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار يەنە بىر ياقتىن دېموكراتىيەنى بىر ياققا قايرىپ قويىدىغان بۇ ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى چۆرىدىگەن رېئاللىقنىڭ ھەقىقىي ئىنكاسى شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ خىلدىكى ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئۆز ئالدىغا ئىتتىپاقداشلار گۇرۇھى ھاسىل قىلىشىنى بولسا يەنە نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ئىككى زور كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ يېڭى ئۇرۇشقا يۈزلىنىشى، دەپ قارىماقتاىكەن. گەرچە بۇ خىل يېڭى ئۇرۇشنىڭ قاچان يۈز بېرىشىگە كېسىپ بىرنەرسە دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھازىر ئېھتىماللىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا خەمشىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مايكىل كلار ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇدرەت تاپقانلىقتەك رېئاللىقنى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئەمەس، ئەكسىچە ئامېرىكا بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشقا ئىشلەتمەكچى بولۇشىنى «بۇ خىل ئۇرۇشقا سورۇن ھازىرلاش» دەپ قارايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىلگىرى ‹سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى› ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى يېتەكچىلىك رولىغا خىرىس پەيدا قىلغۇچى باشقا ئامىللار مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا يېگانە دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنىدى. ئەمما ئۆتكەن يىگىرمە-ئ‍وتتۇز يىلدا خىتاي تەدرىجىي ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان بىر يېڭى رەقىب بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلار يالغۇز ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي-جۇغراپىيە نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، يەنە ھەربىي جەھەتتىنمۇ بىزگە رەقىب بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن ئالغاندا بۇنى بىزنىڭ كارىمىز بولمىسىمۇ بولىدىغان تەھدىتلەر، دېيەلمەيمىز. چۈنكى خىتاي ھازىر بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان دەرىجىدە تەھدىت سېلىشقا باشلىدى. ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي قۇدرىتىنى بىزگە قارشى ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي تەسىرىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە بولسا بۇلارنىڭ ھەممىسى تەھدىت، دەپ قارىلىدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھال ھازىر ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركىزىي نۇقتىسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىلگىرى ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە شۇنداق بولغان بولسا ھازىرقى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدىمۇ شۇنداق بولۇۋاتىدۇ.»

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور لايل گولدستېيننىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقىدە كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر بىر-ئىككى قېتىملىق سۆھبەت بىلەنلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس ئىكەن. بۇ قېتىمقى ئالياسكا سۆھبىتىنىڭ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىمۇ بۇنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەن. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ ھازىر ھەدېسە تەيۋەن ئەتراپىدا ھەربىي كۈچ توپلاپ، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئ‍وكياندىكى مەنپەئەتىگە خىرىس قىلىشى مۇشۇنداق بىر ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنى ھازىرلىماقتىكەن. ئ‍ۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كۆپلىگەن ئۇششاق-چۈششەك مەسىلىلەر بار بولسىمۇ ئەمما ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرگۈدەك ئىشلار يوق ئ‍ىدى. بۇ ھال نەچچە ئون يىل شۇنداق داۋام قىلدى. يەنە كېلىپ ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى قاباھەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە بۇنداق يۈزلىنىش كۆرۈلمىگەن ئىدى. ئەمما ھازىر كۆپلىگەن زىل نۇقتىلار بۇنىڭدىن ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ. بىرىنچىسى، تەيۋەن مەسىلىسى ھازىر بەكلا جىددىي بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇ ئۇچقۇن بەكرەك ئۇلغىيىپ كەتسە ئۇنىڭ يېڭى بىر مەيدان ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئەگەر شۇنداق بىر ئۇرۇش باشلىنىپ قالسا بۇ ئۇرۇش ئافغانىستان ياكى ئىراقتىكى ئۇرۇشلىرىمىزدەك بولمايدۇ. بۇنىڭدا نەچچە ئونمىڭ، ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ ئەسكەر سەپەرۋەر قىلىنىشى مۇمكىن. يادرو قوراللىرىمۇ ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. بۇ ھەقىقەتەنمۇ خەتەرلىك بىر ھال. ئىككىنچىسى، شىمالىي كورېيە مەسىلىسىمۇ مۇھىم. ئاندىن قالسا خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى زېمىن دەۋاسىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇنداق ھادىسە تارىختا بولغان. مەسىلەن، 1950-يىلى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئىككى تەرەپ بولۇپ كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش قىلغان. ھازىر ئىقتىسادىي ئامىل بۇ يىرىكلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدا بولۇۋاتىدۇ، ئەمما تەيۋەن مەسىلىسىمۇ بۇنىڭدىكى زادىلا سەل قارىغىلى بولمايدىغان يەنە بىر ئامىل».

پروفېسسورى مايكىل كلار ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ناۋادا ئامېرىكا بىلەن خىتاي نۆۋەتتىكى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان دىپلوماتىك توقۇنۇش مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ كېتەلمىسە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھازىرقى ھەربىي ئ‍ورۇنلاشتۇرما ئىشلىرىمىز خىتاي دېڭىزىدىكى تەۋەلىكنىڭ سىرتىدىكى جايلاردا داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىمىز، ئاۋىئاماتكا ۋە ئايروپىلانلىرىمىز ئوكىناۋا بازىسى، گۇئام ئارىلى، جەنۇبىي كورېيە ۋە تەيۋەن بوغۇزى قاتارلىق جايلارغا توپلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ جىددىي رەۋىشتە ئۆزلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى بولغان جايلاردا زور كۆلەمدە ھەربىي كۈچ توپلاۋاتىدۇ. ئىلگىرى چەتئەل دېڭىز ئارمىيەسىگە يېڭىلىپ كەلگەن خىتاي ھازىر ئۆزىنى بۇ جەھەتتە كۈچلەندۈرۈشكە ئالاھىدە زېھىن قويۇۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچىدە ‹جاھانگىرلىكنىڭ بوزەك قىلىشىغا قارشى تۇرۇش› دېگەندەك مىللەتچىلىك تەشۋىقاتلىرىنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كۈچىيىۋاتقان بۇ ئىستراتېگىيەلىك توقۇنۇش مۇۋاپىق ھەل قىلىنمىسا بۇ ئېنىقلا بىر مەيدان ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. ھازىرچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش كۆرۈلمىدى. ئەمما بۇ خىل قوراللىق توقۇنۇش بۈگۈن ياكى ئەتە كۆرۈلۈشى، بۇنىڭ بىلەن بۇ توقۇنۇش زور كۆلەملىك ئ‍ۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن.»

خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان جىددىيلىكنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى قاتارىدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى تىلغا ئالغان پروفېسسور لايل گولدستېيننىڭ پىكرىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇندىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتتە بۇ مەسىلىلەرنى بەكرەك تەكىتلىسە بۇ ھال ئەكسىچە بۇ خەلقلەرنى تېخىمۇ ئېغىر پاجىئەگە ئىتتىرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئ‍ۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ چېگراسىدىلا خىتاي بىلەن خوشى يوق دۆلەتلەر خېلى بار. مەسىلەن، ۋېيتنامنى ئالسا ۋېيتناملىقلار خىتاينىڭ گېپى چىقسا بېشى ئاغرىيدۇ. خىتاينىڭ ئىچىگە قارايدىغان بولساق موڭغۇللار، تىبەتلەر، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىلا خىتاينى يامان كۆرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى ‹تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇش› ئارقىلىق كۆپ باستۇرۇۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستانغا بېرىپ تالىبانغا قوشۇلغانلىقى ھەمدە ھازىر سۈرىيەگە بېرىپ دائىشقا قوشۇلغانلىقىنى كۆپ تىلغا ئېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي يەنە ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ قانداق زوراۋان خەلق ئىكەنلىكىگە مىسال ئۈچۈن بېيجىڭدىكى ۋە كۇنمىڭدىكى بىر قىسىم ۋەقەلەرنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ئەمدى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈملەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئۇ جايدىكى ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقى ئېنىق. ئەمما مېنىڭچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى مۇھىم نۇقتىلاردىن قىلىۋالسا بۇ ھال ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ياكى موڭغۇللارنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي ئۇ چاغدا بۇ خەلقلەرنى تېخىمۇ قاتتىق ئىسكەنجىگە ئالىدۇ.»

پروفېسسور مايكىل كلار ئەپەندى نۆۋەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ئىتتىپاقداشلىق بەرپا قىلىش قەدىمىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» بەرپا قىلىشى خىتاينىڭ نۆۋەتتە بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ھەربىي تەھدىتلىرىنى چەكلەشتە زور رول ئوينايدىكەن. ئ‍ۇ مۇنادى دېدى: «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى ئەمەلىيەتتە ‹شىمالىي ئاتلانتىك ئ‍وكيان ئەھدى تەشكىلاتى›غا ئوخشاش بىر گەۋدىنى ئاسىيا تەۋەسىدە بەرپا قىلىشنى كۆزلىگەن بىر ھادىسە. بۇنى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايكىل پومپېيو چۈشىنىشلىك قىلىپ ‹بىز خىتاينى ئىسكەنجىگە ئالىمىز دەيدىكەنمىز، جەزمەن دوستلىرىمىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ خىتايغا قارشى بىر ھەربىي ئىتتىپاقنى ئاسىيادا بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز لازىم› دەپ شەرھلىگەن. شۇڭا ياپونىيە، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ھەمكارلىق ۋۇجۇدقا كەلدى. بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھازىر ھەربىي ئىشلار ۋە ئىستىخبارات ئىشلىرىدا ھەمكارلىق كۈچىيىۋاتىدۇ. ئەمدى بىر يېرىم مىلياردلىق نوپۇسى بولغان خىتاي بولسا بۇنى ‹ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب جاھانگىرلىرى بىزنىڭ زور دۆلەتكە ئايلىنىشىمىزنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ› دەپ چۈشىنىۋاتىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ نۆۋەتتە ئۆزى بىلەن بىر مۇقامدا توۋلايدىغانلاردىن «دوست» ئىزدەۋاتقان بولۇپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ھەمكارلىقىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتىكەن. يېقىندا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ گېنېراللىرىدىن جىن يىنەن بىر قېتىملىق سۆھبەتتە «ئاۋسترالىيەنىڭ ھەربىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىمىز، دېيىشى بىزنىڭ پەرۋايىمىزغىمۇ كەلمەيدۇ. بىز بۇنداق ئاجىز، ئىرىقچى ۋە ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدىغانلارنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايمىز» دېگەن. ئەمما ئاۋسترالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كارېن ئاندرېۋ بۇنى كەسكىن ئەيىبلەپ ئاۋسترالىيەنىڭ كەلگۈسى ئون يىلدا ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن 270 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك «تېگىشلىك ھەرىكەت» قوللىنىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن مۇلاھىزىلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت