ئامېرىكا خىتاي سودا ئۇرۇشىدا زادى كىم غەلىبە قىلىدۇ؟

0:00 / 0:00

ئامېرىكا خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ماللىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىش مال باھاسىنى ئۆرلىتىپ ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا بەزى چىقىملارنى يۈكلىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ كۆپلەپ پايدا ئالىدىغان ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى توسۇش ئارقىلىق دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە رازى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ سودا ئۇرۇشىدا ئامېرىكانىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي ماللىرىغا 10 پىرسەنت باج قويۇپ بۇنى ئۆتكەن ھەپتە رەسمىي ئىجرا قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ PVH گۇرۇھى ئىگىدارچىلىقىدىكى كالۋىن كلايىن (Calvin Klein) ۋە تومى خىلفىگېر (Tommy Hilfiger) شىركىتىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى سېتىۋېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى ئۈچۈن «ئىشەنچسىز شىركەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي، ئامېرىكانىڭ ئىللۇمىنا (Illumina) بىئو-تېخنىكا شىركىتىنىمۇ «ئىشەنچسىز شىركەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى 4-فېۋرال كۈنى، ئامېرىكادىن ئىمپورت قىلىدىغان خام نېفىت، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى ۋە تاللانغان باشقا مەھسۇلاتلارغا 10 پىرسەنتتىن 15 پىرسەنتكىچە تاموژنا بېجىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇنى 10-فېۋرال كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە قىلغانىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جاۋابلىرى ھېسابلىنىدۇ.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپمۇ خىتاي ماللىرىغا 10 پىرسەنت باج قويۇپ بۇنى ئۆتكەن ھەپتە رەسمىي ئىجرا قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن، 9-فېۋرال كۈنى يەنە چەت ئەل پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا 25 پىرسەنت باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇمۇ خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن ئېكسپورتىغا ئېغىر زەربە بېرىدۇ دەپ قارالماقتا.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND Corporation) ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى دوكتور رايموند كو (Raymond Kuo) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە كۆز قارشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ئامېرىكىغا ئۆزىنىڭ تاموژنا بېجىنى، يەنى ئۆزىنىڭ جازاسىنى يولغا قويدى. خىتاي بولۇپمۇ كالۋىن كلايىن، تومى ھىلفىگېرغا جازا يولغا قويدى. قارايدىغان بولساق ئامېرىكا خىتاي تاۋارلىرىغا بەلگىلىك بىر تاموژنا بېجى يولغا قويىدىغاندەك تۇرىدۇ. مەنچە، تېمۇ ۋە شېيىننىڭ ئامېرىكادىكى سودا ‹يوچۇقى› دىن پايدىلىنىپ مال ئېكسپورت قىلىشىغا چەكلىمە قويۇلغاچقا، خىتاي كونكرېت شىركەتلەر، بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتىن مۇھىم ساھەلەرگە قارشى نىشانلىق ھالدا چەكلىمىلەرنى يولغا قويىدۇ. بۇ، ئېنېرگىيە، يەنى نېفىت ياكى تەبىئىي گاز، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاينىڭ پۇلات-تۆمۇرلىرىدىن باج ئېلىش ئامېرىكادىكى تۇرالغۇ ۋە ماشىنىلارنىڭ تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. چۈنكى بۇلار ھالقىلىق ماتېرىياللار بولۇپ، ماشىنا ياساش ۋە ئۆي سېلىش ئۈچۈن بەك زۆرۈر. خىتايلار ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بازاردا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. ئىشنىڭ ھەقىقىي يېرى شۇكى، ئۇلار ئەمەلىيەتتە بازارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا تاموژنا بېجى ئېلىش ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ چىقىملارنى يۈكلەيدۇ».

پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى، يەنى ئامېرىكاغا كېلىدىغان بارلىق خىتاي ماللىرىدىن 10 پىرسەنت تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش 2-فېۋرال سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغانىدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا-خىتاي تاموژنا بېجىغا مەنسۇپ مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىپ سېتىلىشىنى چەكلىگەن. شۇنىڭدەك 800 دوللارغىچە بولغان پوسۇلكا (خالتا) لارنىڭ بۇرۇنقىدەك تەكشۈرۈلمەستىن ۋە باج قويۇلماستىن ئامېرىكاغا كىرىشىگە يول قۇيۇلمايدىغان بولدى. خىتايغا قارشى يېڭىدىن يولغا قويۇلغان تاموژنا بېجىنىڭ ئامازونغا يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىپ، تېمۇ ۋە شېيىنغا ئوخشاش خىتاينىڭ تور ئارقىلىق پارچە سېتىش شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى سودا «يوچۇقى» نى «سۇيىئىستېمال قىلىش» ئارقىلىق تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن (Guo Jiakun) 10-فېۋرال كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سودا ئۇرۇشى ياكى تاموژنا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغۇچىلارنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن:

«بۇ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ھازىر ئېھتىياجلىق بولغىنى تاموژنا بېجىنى بىر تەرەپلىمە يولغا قويۇش ئەمەس، بەلكى باراۋەرلىك ۋە ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان سۆھبەت ۋە كېڭىشىش زۆرۈر. بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ خاتا ھەرىكىتىنى توختىتىپ، ئىقتىسادىي ۋە سودا مەسىلىلىرىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوراللاشتۇرۇشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىمىز».

ئۇنداقتا ئامېرىكا خىتاي ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان سودا ئۇرۇشى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن دېگەندەك بۇ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزەمدۇ؟ بۇ سودا ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈچۈن كېتىدىغان بۇ چىقىمنى، يەنى بۇ بەدەلنى تۆلەشكە رازى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى

«ياق، ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىگە ئوخشاش بەزى شىركەتلەر ئامېرىكانىڭ چەت ئەل پولات-تۆمۈر شىركەتلىرىگە قويغان تاموژنا بېجىنىڭ ياردىمى بىلەن كۆپ پايدا ئالىدۇ. بىر قىسىم ھالقىلىق ئىستراتېگىيەلىك تاۋارلىرىنى ئىشلىتىش جەھەتتە ئۆز-ئۆزىگە تايىنىشنى كۈچەيتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمۇ ياخشىلىنىدۇ. خىتاي، كانادا ۋە مېكسىكىنىڭ ئامېرىكاغا قىلىدىغان ئېكسپورتى، ئامېرىكانىڭ بۇلارنىڭ ھەربىرىگە قىلغان ئېكسپورتىدىن كۆپ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئامېرىكاغا قارشى تاموژنا بېجى قويۇش كۈچى ئاز. تىرامپنىڭ بىرىنچى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە خىتايغا قارشى يولغا قويغان تاموژنا بېجى پۇل پاخاللىقىنى پەقەت % 0.25 ئۆستۈردى. مەسىلەن، بۇ 100 دوللارلىق بولكا پىشۇرۇش دوخوپكىسىدا ئاران 25 پىرسەنت ئۆستى. مېنىڭچە، ئامېرىكا تەمىنلەش زەنجىرىمىزنى خىتايدىن يىراقلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ پايدا ئالىدىغان بازىرىمىزغا كىرىشىنى توسۇش ئارقىلىق دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈچۈن كېتىدىغان بۇ چىقىمنى، يەنى بۇ بەدەلنى ئۆتەشنى خالايدۇ».

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇننىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نېمە دېيىشتىن قەتئىينەزەر، سودا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغۇچىلار بار. نورمالدا، سودىدىكى قىزىل رەقەمنى باشقۇرالىغان چۇڭ ئىقتىسادقا ئىگە دۆلەتلا بۇ سودا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلالايدۇ. خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئامېرىكاغا قارىغاندا كىچىك ۋە سودا ئاكتىپ بالانسى، يەنى خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قىلغان ئېكسپورت قىممىتى ئۇنىڭ ئىمپورت قىممىتىدىن 295.4 مىليارد دوللار ئارتۇق. خىتاينىڭ قەتئىي ئىرادىلىك دونالد ترامپ بىلەن سودا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى يوق. دۆلەت ئىچىدە ئۇنىڭ ئابرۇيى ناھايىتى يۇقىرىلاۋاتىدۇ ۋە خەلق ئۇنىڭ تەرىپىدە. ئۇ بۇ يولدىن قەتئىي يانمايدۇ».