خىتاي پائالىيەتچىلەر: ئاتالمىش خىتاي «تەتقىقاتچى» لىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جارچىلىرىدۇر

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.09.13
xitay-soda-mal-port-export.jpg خىتاينىڭ ياڭشەن پورتىدىكى ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللىرى. 2018-يىلى 29-مارت، شاڭخەي.
AP

يېقىندا چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن «دوۋېي تورى» دا خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جىن سەنروڭنىڭ خىتاي-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان سودا ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە سۆزلىگەن لېكسىيەسىنىڭ تېكىستى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر يازمىغا «بېيجىڭلىق مۇتەخەسسىس ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى خىتاينى 7 گە بۆلۈش دېدى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. مەزكۇر ماقالە بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا ھەر خىل مۇنازىرىلەرنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە.

مەزكۇر ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جىن سەنروڭ «ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەقسىتى خىتاينى پارچىلاش» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئۇ خىتايدىكى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىيەسىنى ياقلىغۇچىلارنى «تەسلىمچىلەر گۇرۇھى» دەپ ئەيىبلىگەن.

جىن سەنرۇڭ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە بىزنى رەقىب ئورنىغا قويۇپ، بىز بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سودا ئۇرۇشىغا قارىتا دۆلەت ئىچىدە ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار مەۋجۇت. تەسلىمچىلەر گۇرۇھى «ئامېرىكىنى يېڭەلمەيمىز، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ تەلەپلىرىگە ماقۇل بولۇشىمىز كېرەك. باشقا جەھەتلەردىمۇ ئامېرىكا كۆرسەتكەن يولدا مېڭىشىمىز كېرەك،» دەۋاتىدۇ. ئەمما 1 مىليارد 400 مىليون خىتاي خەلقى بۇنىڭغا ماقۇل دېمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنى 15 دۆلەتكە پارچىلىغان بولسا، بۈگۈن بىزنى تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتكە قويۇشى مۇمكىن. بۇ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا تەسلىم بولۇشى بىلەنلا ئاياغلاشمايدۇ. بەلكى ئۇلار جۇڭگونى 7 پارچىغا بۆلۈۋەتمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ.»

خىتاي تەتقىقاتچىسى جىن سەنرۇڭنىڭ قاراشلىرى ئىپادىلەنگەن بۇ خەۋەر ئانالىزى گەرچە ئىككى بەتكە يەتمىگەن قىسقا بىر ماقالە بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خىتايدا دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئورنىتىلىشىنىڭ ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرگە قارىتا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدەك بىر رېئاللىقنىڭ پۈتكۈل خىتايغا كېڭىيىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ مۇقەررەر ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي تەتقىقاتچىسى جىن سەنرۇڭنىڭ قارىشىنى قوللىغۇچىلار بولسا «ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان سىياسەتلىرىنى قارىلاش ئارقىلىق خىتاي دۆلىتىنى بۆلۈش ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ئۈچۈن قوللىنىلغان تەدبىر دەپ ئاقلىغان. شۇنداقلا خىتاي خەلقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي تارىخىدا تەكرارلانغان غەربتىكى جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قېلىش ياكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك پارچىلىنىپ كېتىش خەۋپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن نۆۋەتتىكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان.

بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا بىلەن نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جىڭ سەنرۇڭ قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قاراشلىرىغا قاتتىق رەددىيە بەردى.

خۇ جيا ئەپەندى ئۆزىنىڭ مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە خىتايدا بۇ خىل ماقالىلەرنى يازىدىغان ئاتالمىش «تەتقىقاتچىلار» نىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغۇچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇ جيا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ۋە دېموكراتىيەنىڭ چېكىنىۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىلىشقا ھازىرلىنىۋاتقان ئىكەن. مۇنداق بىر شارائىتتا خىتايدىكى ئاتالمىش «تەتقىقاتچى» لارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلىشى شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ جارچىلىرى ۋە يانتايىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

خۇ جيا ئەپەندى يەنە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە مۇقەررەر يوسۇندا ئۆزگىرىش بولۇشتەك بىر تارىخىي بۇرۇلۇش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە شى جىڭنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان ئىنكاسلىرىدىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئىنكاسلىرىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قارىتا تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەندىن باشقا يەنە ئاتالمىش «تەتقىقاتچى» لارنى ياللاپ، ئۇلارنىڭ قەلىمى ئارقىلىق ئۆز سىياسىتىنى ئاقلاشتەك ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان ئۇنىڭ ھاكىممۇتلەق سىياسىتى سەۋەبلىك خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان ھەرقانداق بىر ئاۋاز قاتتىق چەكلەندى ياكى باستۇرۇلۇش نىشانىغا ئايلاندى. ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۆز خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى ئۇيغۇر سەرخىللىرى ‹بۆلگۈنچىلىك› بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان بولسا، ليۇ شياۋبوغا ئوخشاش خىتايدا دېموكراتىك ھاكىمىيەت بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار ‹دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان› دېگەن جىنايەت بىلەن جازالاندى، ھەتتا ئۆلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى› نامىدىكى لاگېرلاردا مىليونلارچە ئىنساننىڭ قامىلىشى ۋە ئازاب چېكىشى ھەممىمىزنى قاتتىق ئويلاندۇرىدۇ. ھالبۇكى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بىر قىسىم ئاتالمىش «تەتقىقاتچى» لار كومپارتىيەگە يانتاياق بولۇپ، ئۇنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ، كوممۇنىستىك ھاكىممۇتلەق رېجىمنىڭ جارچىسى بولماقتا.»

ئامېرىكىدىكى نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىدىغان جىن سەنرۇڭغا ئوخشاش ئاتالمىش خىتاي «تەتقىقاتچى» لىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۈچۈن كەتمەن چاپىدىغان چوماقچىلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شيا مىڭ ئەپەندى ئەپەندى سۆزىدە ئاتالمىش خىتاي تەتقىقاتچىسى جىن سەنرۇڭنىڭ ماقالىسىدىكى ئاساسىي نۇقتىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلگەن ماجىرالارغا قارىتىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تىغ ئۇچىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىگە قارىتىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى

شيا مىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ نامدا ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق بېرىلدى دېيىلگەن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مىللەت سۈپىتىدە جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، فاشىستىك باستۇرۇلۇشقا ئۇچرىشى بەس-مۇنازىرە قىلىنماقتا. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى خىتايدىكى بارغانچە يامانلاشقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قارىتا تەنقىدلەش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئىجراچىلىرى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازالاش تەدبىرلىرى قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى جىددىي ھېس قىلماقتا.»

شيا مىڭ ئەپەندى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «خىتايدا ناۋادا كومپارتىيە يىقىلىپ دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىلسا، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە قانداق يول تاللىشى ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزى بېرىدىغان بىر قاراردۇر.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.