خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى «شەرقىي تۈركىستانلىق» دېگەن ئۇيغۇرغا تەھدىت سالغان
2018.02.21
ئامېرىكىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىر قېتىملىق دەرستە ئۆزىنى «شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر» دەپ تونۇشتۇرغىنى ئۈچۈن، شۇ سىنىپتىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. ئەمما ئۇ، بۇ بىر توپ خىتاي ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن «دەرس» بېرىپ قويغان.
بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزىنى «شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر» دەپ تونۇشتۇرغىنىدا شۇ سىنىپتا ئوقۇۋاتقان بىرنەچچە نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنى سىنىپتىكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىلا، «سەن مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتىسەن، بۆلگۈنچى ئۇنسۇر، سېنى ئامېرىكىدىكى جۇڭگو ئەلچىخانىسىغا مەلۇم قىلىمىز» دەپ تەھدىت سالغان.
ئەمما بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن جاۋاب قايتۇرغان.
ئۇ، ئامېرىكىنىڭ بىر ئەركىن دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ھەر كىمنىڭ ئۆز قارىشى ۋە تاللىشى بويىچە ياشايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭمۇ بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھدىت قىلمىشىنى «ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىك قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلدى»، دەپ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
شۇ سائەتلىك دەرستىكى ئوقۇتقۇچى ۋە باشقىلارمۇ بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا تەھدىت سالغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئەيىبلىگەن. نەتىجىدە، بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ئەپەندى بايانىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى ۋە قانۇنىغا تايىنىپ ئۆزىنى قوغداشقا تىرىشقانلىقى، ھەتتا چەتئەللەردە ياشاۋېتىپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان بۇ خىلدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىپ قويغانلىقىنى ئالقىشلىدى.
ئامېرىكىدا ياشاپ تۇرۇقلۇقمۇ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلايدىغان بۇ خىل خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر ئىختىلاپى سەۋەبلىك ئۆز مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلارغا تەھدىت سالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن ۋىرىگىنىيە شتاتىغا جايلاشقان «ئېلىنگۇئا تىل مەكتىپى» غا تېلېفون قىلدۇق.
تېلېفونىمىزنى ئالغان خىزمەتچى خادىم مەزكۇر مەكتەپتە خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بار بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر مەكتەپتىكى خىتاي ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئوقۇلغۇچىلار ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى سەۋەبلىك توقۇنۇشۇپ قېلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدىكى تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەر-ئانالىزلاردا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭلۇق سىياسىي پائالىيەتچىلەر تەكلىپ قىلىنىپ ئۇيۇشتۇرۇلغان لېكسىيەلەرگە ئاشكارا قارشىلىق قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
يۇقىرىقى سەۋەبلەر ۋە خىتايدىن كېلىدىغان ھەر خىل بېسىملار تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچى پروفېسسورلارنىڭمۇ بەزى توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى ئاكادېمىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى بارغانچە كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.
خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئاكادېمىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ھەر خىل يوللار بىلەن توسقۇنلۇق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئىستىخبارات كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى زىيانكەشلىك ھەرىكەتلىرى ھەققىدە بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرغان.
يىغىندا ئامېرىكىدىكى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) قاتارلىق 6 چوڭ ئىستىخبارات ئورگىنى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرىنىمۇ نىشان قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ پروفېسسور، ئىلمىي تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى جاسۇسلۇق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ماركو رۇبىئو يېقىندا ئامېرىكىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پىكىر ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئۇلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.