ھازىر ئامېرىكادىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇش ئاشماقتا. ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى، بولۇپمۇ بۇ مەكتەپتىكى «جۇمھۇرىيەتچى ستۇدېنتلار گۇرۇپپىسى» كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈرلۈك يىغىنلارنى، نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىۋېرسىتېت مىقياسىدا ۋە شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېت ئەتراپىدىكى جامائەت ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىپ كەلدى.
29-فېۋرال كۈنى ئۇلار يەنە لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەرنى دەۋەت قىلىش ئارقىلىق دوكلات يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. «كىشەنلەنگەن ئۇيغۇرلار-لاگېر شاھىتىنىڭ ھېكايىسى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ يىغىنغا قىزىقىش كۈچلۈك بولغان.
مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن بولغان «جۇمھۇرىيەتچى ستۇدېنتلار گۇرۇپپىسى» باشلىقى ئانتونىي يىغىندىكى ئېچىلىش سۆزىدە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان مۇسۇلمان خەلقىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «جۇمھۇرىيەتچى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى پرىنسىپىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ تۈپكى ھوقۇقى ۋە ئىنسان غۇرۇرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىدە، دەپ قارايمىز. شۇڭا بۇ، بىزگە يەنى جۇمھۇرىيەتچىلەر، دېموكراتلار ۋە باشقا بارلىق ئامېرىكالىقلارغا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشتەك بىر مەسئۇلىيەتنى يۈكلىگەن» دېدى.
ئارقىدىن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئۆمەر قانات ئەپەندى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن مىللىي كەمسىتىش سىياسەتلىرى ۋە 2016-يىلىدىن باشلاپ 2-3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامىلىشىغىچە بېرىپ يەتكەن زۇلۇم سىياسەتلىرىنى، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي بىناكارلىق ئەسەرلىرىنىڭ، مەسچىتلىرى ۋە مازارلىرىغا ئوخشاش مۇقەددەس ئورۇنلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەتلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا سولىنىش بىلەن تىرىك يېتىمغا ئايلاندۇرۇلۇپ، بالىلار لاگېرلىرىغا يىغىۋېلىنىشى، كورونا ۋىرۇسىنىڭ لاگېرلارغا كۆرسىتىۋاتقان تەھدىتى قاتارلىق بارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى.
ئارقىدىن، لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مىسىردىن ۋەتىنىگە قايتقاندا ئايروپورتتا قولغا ئېلىنىپ سوراق قىلىنغاندىن تارتىپ، بىر قانچە قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ سوراققا تارتىلىشى، لاگېرغا قامىلىشى، ئىسكەنجىگە ئېلىنىشى، ئۈچ-كېزەك پەرزەنتلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئۆلۈشىدەك جەريانلارنى بايان قىلغاندا زال ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى. مېھرىگۈل تۇرسۇن ئۆزىنىڭ قايتا تۇتقۇن قىلىنىش جەريانىنى بايان قىلغاندا «ساقچىلار بىر كۈنى مېنى يەنە تۇتقىلى كەلدى. ئۇلار مېنىڭ قولۇمغا كويزا سېلىپ، بېشىمغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ئېلىپ ماڭغاندا ئاتا-ئانام ۋە قېرىندىشىم چېغىدا ساقچىلاردىن بۇنى نەگە ئېلىپ ماڭدىڭ، نېمىشقا تۇتىسەن، دەپ سوئال سورىيالمىدى. چۈنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ يەردە ھېچقانداق ھوقۇقى يوق. بىرى كېلىپ بىر ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتسىمۇ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يىغلاپ قېلىشتىن باشقا چارىسى يوق» دېدى. مېھرىگۈل تۇرسۇن يەنە، لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەرنى، ئۇ يەردىكى شارائىتلارنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىپ ئۆتتى.
بىز بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ««جۇمھۇرىيەتچى ستۇدېنتلار گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئانتونىي پېرىكولونى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ سەرگۈزەشتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «لاگېردا يۈز بېرىۋاتقانلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ سەرگۈزەشتلىرى ئاڭلىغۇچىلارغا ھەقىقەتەن بەك تەسىر قىلدى. زالدىكىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. بەزىلەرنىڭ يىغلىغىنىنى، يېشىنى سۈرتۈۋاتقىنىنى، بەزىلەرنىڭ تىترەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئەلۋەتتە بۇ 21-ئەسىردە يۈز بەرمەسلىكى كېرەك بولغان ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولسىمۇ، ئەمما لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئۆز ئاغزىدىن يۈز بەرگەنلەرنى ئاڭلاش بىز ئاڭلىغۇچىلار ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك پۇرسەت بولغان بولدى ۋە بىزگە بەك تەسىر قىلدى»
روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتى «جۇمھۇرىيەتچى ستۇدېنتلار گۇرۇپپىسى» ئالدىنقى قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە يىغىن ئاچقاندا، نۇرغۇن قارشىلىقلارغا يەنى مەكتەپتىكى «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ مەكتەپ دائىرىلىرىگە ئەرز قىلىشىدىن كەپ چىققان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغانىدى. ئانتونىي پىرىكولونىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنى ئالدىنقى قېتىمقى يىغىندىن پەرقلىق ھالدا ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن. يىغىنغا قاتناشقان ئاز ساندىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارمۇ پەقەت دوكلاتنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان.
دوكلات بېرىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن يەنە مېھرىگۈل ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بۈگۈن رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرى ئاساسلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇنداق سىياسەت يۈرگۈزۈشىدىكى سەۋەبلەر، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە سۈكۈت قىلىشىدىكى سەۋەب ۋە نېمە قىلىش كېرەك دېگەن ئۈچ تېمىغا مەركەزلەشكەن.
«جۇمھۇرىيەتچى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى» باشلىقى ئانتونىي پىرىكولومۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «ئەمدى ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقىت كەلدى» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقانلاردىن تولۇق خەۋەر تاپتۇق. ئەمدى بۇ مەسىلىگە دىققەت قوزغايدىغان ئەمەس، ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقىت كەلدى. شۇڭا بىز ئوقۇغۇچىلارغا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە مەلۇماتلارنى بەردۇق، بىز نيۇ-يوركقا تەۋە ھەرقايسى مەجلىس ئەزالىرى، كېڭەش پالاتا ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئالاقە نومۇرلىرىنى رەتلەپ چىقتۇق. ئۇنى كېيىن ئەزالىرىمىزغا ئەۋەتىمىز. بىز چوقۇم ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقانلارنى توختىتىش ئۈچۈن سىياسىي بېسىم پەيدا قىلىشقا تىرىشىمىز.»
ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بىر كۈن بۇرۇن يەنى 28-فېۋرال كۈنى «روچېستىر ئىسلام مەركىزى» ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلەرگىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇچرىشىشلاردا ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىدىن كەلگەن كىشىلەر قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە قىزغىن مۇنازىرىلەردە بولغان. ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
0:00 / 0:00