«بىرىنچى مۇھەببەت» تىن «جاپى» غىچە: ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشىلىرىنىڭ ئۇنتۇلغان مۇساپىلىرى (1)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.10.17
uyghur-senetchiler-yashliq
Photo: RFA

يىللاردىن بۇيان «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» قا باغلىنىپ باستۇرۇش ئوبيېكتىغا ئايلىنىشى كۆپ قىرلىق رېئاللىقنى ئاشكارىلىغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ جەريان ئۇيغۇر ئاممىباب سەنئىتىنىڭ ئەڭ زور چېكىنگەن دەۋرى بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشىلىرىنىڭ يېڭى باھارى

زامانىمىزغا قەدەر يېتىپ كەلگەن «12 مۇقام» نىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلارغا خاس ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئۇزاق ئۆتمۈشىنى ئىشارە قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر مەدەنىيىتى ئاساسىدىكى ئولتۇراق ھاياتىدا جۇغلانغان مەنىۋىيەت تىندۇرمىسىنى نامايان قىلىدىغان ئەڭ مۇكەممەل «ئەينەك» لەردىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە. دەرۋەقە 1930-يىللاردىلا ئاممىۋى سەنئەتنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتى 1949-يىلىدىن كېيىنكى سىياسىي بوران-چاپقۇنلاردا ئەڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىناقلىق» ۋە «بەختىيارلىق» نى تەشۋىق قىلىشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوراللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەچچە ئون يىللاپ داۋام قىلغان ئايىغى چىقماس سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەڭ قاتتىق ۋەيران قىلىپ، ناخشا-ئۇسسۇل ۋە مۇزىكا ساھەسى كىشىلەر باغلىنىپ قېلىشتىن قاچىدىغان تۈرلەردىن بولۇپ قالدى. جۈملىدىن ناخشا-ئۇسسۇل ۋە مۇزىكىلارنى ئۇنتۇلۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدىغان ئەنئەنىۋى مەشرەپ پائالىيەتلىرىمۇ تەدرىجىي كۆزدىن يۇتتى. ناخشا-ئۇسسۇللار نامايان بولىدىغان توي-تۆكۈن ۋە باشقا پائالىيەتلەرمۇ بۇ مەزمۇنلاردىن خالى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.

دەرۋەقە، ماۋ زېدوڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن خىتايدىكى سىياسىي مالىمانچىلىق توختاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان بىر مەھەللىك «قويۇۋېتىش» سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشنىڭ قىسقىغىنە دەۋرىنى ياراتتى. بۇنىڭ ناھايىتى قىيىندا نېسىپ بولغان بىر قېتىملىق تارىخىي پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئۇيغۇر جەمئىيىتى تېزدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇنتۇلغان مىراسلىرىنى رەتلەشكە ۋە جامائەتكە تەقدىم قىلىشقا باشلىدى. ئەنە شۇ خىل مىراسلارنىڭ بىرى ناخشا-ئۇسسۇل ۋە مۇزىكا بولدى. خىتاينىڭ نەچچە ئون يىللاپ تاقالغان دەرۋازىلىرىنىڭ سىرتلارغا ئېچىلىشى يەنە بىر ياقتىن تاشقى مەدەنىيەتنى تېز ئۆزلەشتۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەردىن خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيىتىنى ياراتتى. بۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەت جەھەتتە خىتايغا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە تېخىمۇ يېقىن بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزلىرىدىن خېلىلا ئەركىن بولغانلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىش بىر يېڭى دولقۇنغا ئايلاندى. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن سەنئەتكارلارنىڭ بىرى كۆپ قىرلىق سەنئەت تالانتىغا ئىگە مەرھۇم سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ئەھمىدى (1927-1999) بولدى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئۆزبېكىستاندا ئوركېستىر ئارقىلىق ئورۇنلانغان «يارۇ» قاتارلىق بىر قىسىم ناخشىلىرى قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى شەكلىدە ئۇيغۇر ئېلىگە تارقىلىپ، خەلقنىڭ سەنئەتكە بولغان چاڭقاشلىرىغا زور مەلھەم بولۇش رولىنى ئوينىدى، شۇنىڭدەك رادىيودىن باشقا ئاۋازلىق تاراتقۇسى بولمىغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەڭ ئالقىشلاندى.

ئەنە شۇ خىل تەقلىد قىلىش ۋە ئۆزىگە خاس ئىجادىيەتلەر بىرلىشىپ 1980-يىللاردا ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشىلىرىنىڭ بىر يېڭى دەۋرى يارىتىلدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشىلىرىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ئەھمىدىنىڭ ئوغلى، زامانىمىزدىكى ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۇرات ئەھمىدى ئاكا زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇنىڭ تاسادىپىي ھادىسە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ئورۇنلىغان بىر تۈركۈم زامانىۋى ناخشىلاردىن ھۇزۇرلىنىشقا باشلىدى. مۇرات ئەھمىدى بىر قوللۇق قازاقىستاندا ۋۇجۇدقا چىقارغان «ياشلىق» ئانسامبىلىنىڭ ناخشىلىرى بۇنىڭدىكى مۇھىم مەنبەلەردىن بىرى بولدى. بولۇپمۇ مۇرات ئەھمىدىنىڭ ئەڭ سەمەرىلىك ئەمگەكلىرىدىن بولغان «تويلار مۇبارەك»، «بىرىنچى مۇھەببەت» قاتارلىق ئۆلمەس ناخشىلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا كىشىلەر تېخىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىلاردىن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈن-سىن نەشرىياتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى تېزدىن شۇ زاماندىكى غوللۇق سەنئەتكارلاردىن ئابدۇۋەلى جارۇللايوف، زىكرى ئەلپەتتا، داۋۇتجان ناسىر، ھۈسەنجان جامى، مۇساجان روزى، پاتەم قۇربان، ئايشەم قېيۇم، پاشا ئىشان قاتارلىقلارنىڭ خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاش ماھارىتىنى ھېقىقى يوسۇندا نامايان قىلدى. خەلق ناخشىلىرىنىڭ كەڭ ئالقىشقا ئېرىشىشىگە ئەگىشىپ، زامانىۋى ناخشىلارمۇ تەدرىجى يوسۇندا خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشقا يۈزلەندى. شۇلاردىن ئىمىنجان يۈسۈپ، ئېزىز مامۇت، پەتتار رېھىم، ئابلىز رېھىم، رابىيە مەمەت، رەشىدە داۋۇت قاتارلىق ئونلىغان سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىي ناخشىلىرى سەنئەتكە تەشنا بولۇۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تېلېۋىزورنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كەڭ تارقالدى. خەلق ناخشىلىرى ۋە زامانىۋى ناخشىلارنىڭ كۆپلەپ تارقىلىشى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر دىرامىچىلىقى ئۈچۈن يېڭى مۇھىت يارىتىپ بەردى. شۇ سەۋەبتىنمۇ 1980-يىللاردا ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە تەسىس قىلىنغان دىراما ئۆمەكلىرى «غېرىپ-سەنەم»، «تاھىر-زۆھرە» قاتارلىق دىرامىلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ، جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغىدى. ئەنە شۇ خىل زور تەسىر ئۆز نۆۋىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن يېڭى بىر «خەۋپ» نىڭ بېشارىتى بولۇشقا باشلىدى.

سەنئەتتە ئىپادىلەنگەن مىللىي سۆيگۈ ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك

ئۇيغۇر جەمئىيىتى خەلق ناخشىلىرى ۋە زامانىۋى ناخشىلارغا كەڭ قۇچاق ئېچىۋاتقاندا پېشقەدەم ۋە ئوتتۇرا ياشلىق سەنئەتكارلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىۋاتقان بىر تۈركۈم ياش سەنئەتكارلارنىڭ چىڭقىلىش ھالىتىدىكى روھىي دۇنياسىدا دەسلەپكى پارتلاش كۆرۈلدى. بولۇپمۇ ناخشا ئېيتىشتا ئۇسلۇب ئىسلاھاتىدىن باشقا ئۇلارنىڭ ناخشا تېكىستلىرىدە تەدرىجىي ھالدا يېڭىچە قۇرۇلما ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە باشلىدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە ناخشىچى كۈرەش كۈسەن دەسلەپ بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك قېتىدىكى چۇقانلارنى ناخشا ئارقىلىق نامايان قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ «پۇل»، «يەرنى ساتماڭلار»، «ئەركەك سۇ» قاتارلىق ناخشىلىرى جەمئىيەتتىكى سەلبىي ھادىسىلەرنى كۈچلۈك قامچىلاش مەزمۇنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن دەسلەپ بولۇپ ھۆكۈمەتنىڭ «قارا تىزىملىك» ىگە چۈشتى.

شۇ ۋاقىتلاردا كۈرەش كۈسەنگە ئوخشاش قېنى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر تۈركۈم ياش ناخشىچىلار تېكىستى ئاددىي، ئەمما مۇزىكا رىتىمى جۇشقۇن بولغان ناخشىلار ئارقىلىق جەڭگىۋار بىر روھنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە زېمىن ھازىرلىغانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئۆمەر ئوسمان، پەرىخە يۈسۈپ، ئىززەت ئىلياس، گۈزەلنۇر قۇربان، سەمىي ئوسمان، خۇشتار ئابلىمىت، غالىپ رېھىم، ئەخمەتجان مەمتىمىن، غالىپجان غوپۇر قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىچە تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياۋروپاچە ئۇسلۇبقا ئىگە ئۇيغۇرچە ئاممىباب ناخشىلاردىن كەڭ ھۇزۇر ئالغان بولسا، يەنە بىر ياقتىن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبلىرى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى رەڭدارلىقنى تاكامۇللاشتۇردى.

تېخىمۇ مۇھىمى دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەڭ يېيىلغان زامانىۋى ناخشىلار ۋە ئاممىباب ناخشىلاردا ۋەتەن، ئەركىنلىك، ھۆرلۈك، ئەجدادلارغا بولغان سېغىنىش، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىش مەزمۇنلىرىنىڭ ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە شەكىللەردە ئىپادىلىنىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھوشيارلىقنى ئاشۇرغانلىقى مەلۇم. خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن چاقىرىق رولىنى ئويناپ قېلىشىدىن، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنىڭ قايتا جۇش ئۇرۇشىغا تۇتۇرۇق بولۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ساھەگە دەسلەپ بولۇپ ئۆز «سۈزگۈچ» لىرىنى سېلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قۇربانى بولغان كۈرەش كۈسەن ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا بۇ خىل تەقىبنىڭ بىۋاسىتە تەمىنى تېتىدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپ يىللار مۇزىكا ساھەسى بويىچە ئىزدەنگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى، ماكالېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋوڭ چۈنفۇڭ (Chuen-Fung Wong) بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشىلىرىنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

«خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك بۇ توغرىسىدا رەيچىل خارىس، جوئاننا سىمىس ۋە باشقىلار خېلى كۆپ باقالىلارنى يازغان. بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم مەسىلە ئاشۇ ناخشىلارنىڭ مۇزىكىسى ۋە تېكىستىدىكى ئوخشىتىش ۋاسىتىلىرىدە ئەكس ئېتىدۇ. مەن بىر مۇزىكىشۇناس بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ خىل سىمۋوللۇق بەلگىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان ئىدىم. پەملىشىمچە، 1980-يىللاردا، بولۇپمۇ ئاممىباب ناخشىلار باش كۆتۈرۈشكە باشلىغاندا ئۇيغۇر ناخشىلىرىدىكى بۇ خىل سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئۇنچە ئېنىق ۋە روشەن ئەمەس ئىدى. بۇ ھال كېيىنكى ۋاقىتلاردا نىسبەتەن روشەن ۋە كۈچلۈك ئەكس ئەتكەن. چۈنكى مۇزىكا ئارقىلىق مىللىي ھېس تۇيغۇنى ۋە مىللەتچىلىكنى ئىپادە قىلىش دۇنيادىكى كۆپلىگەن جايلاردا كۆرۈلگەن ھادىسە. ئۇيغۇرچە ناخشىلاردا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ شۇنداق بولغان. مەسىلەن، دولانلىقلارنىڭ ئەجدادىنى ۋە ئۆز يىلتىزىنى ئىزدەش ئىستەكلىرى، ئۇيغۇر زامانىۋى ناخشىلىرىدا سۇفىزىمغا خاس سىمۋوللارنىڭ، جۈملىدىن ‹ئاللاھ-ئاللاھ-يا ئاللاھ› شەكلىدىكى تەكرارلىقنىڭ ئەكس ئېتىشى دېگەنلەر بىر تۈرلۈك مۇقەددەس ھادىسىلەرگە مەنسۇپ. بۇ خىل مۇقەددەس ئامىللار بولسا دەل ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مۇھىم تەركىبلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ناخشىچىلارنىڭ ئاممىباب ناخشىلىرى بولسا مۇشۇ خىلدىكى مىللەتچىلىكنىڭ ئىپادىلىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەردىن بىرى بولۇپ قالغان.»

ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەنە شۇ تەرىقىدە خەلق ناخشىلىرى ۋە زامانىۋى ناخشىلارغا دەسلەپكى قەدەمدە تويۇنۇشقا باشلىغاندا يەنە بىر تۈركۈم ياشلار ئوتتۇرىغا چىقىپ دۇنياۋى ئېقىم بولۇۋاتقان روك (rock) مۇزىكىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دۇنيادىن قېلىشمايدىغان سەۋىيەگە يېتەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ساھەگە خاس بەزى مەسىلىلەرمۇ دىققەت قوزغاشقا باشلىدى. (داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.