كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2019.11.20
uyghur-ana-til-mektipi-2.jpg ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Azigh

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش مەسىلىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن ھەر ۋاقىت مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە قارالماقتا.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە «ئۇيغۇر ئوقۇ مەكتىپى»، «تاڭنۇرى مائارىپى»، «ئايخان مائارىپى»، «ھېرا ئۇيغۇر مەكتىپى» قاتارلىق مەكتەپلەر ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسەتمەكتە.

ئىگىلىشىمىزچە، «ئۇيغۇر ئوقۇ مەكتىپى» يېتىم ۋە يوقسۇل ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان ياتاقلىق مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپتە 6 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن 50 نەپىرى ئوقۇيدىكەن.

«ئايخان مائارىپى» ۋە «ئايخان فوندى» تېببىي پەنلەر ماگىستىرى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەندان يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر 47 ئوقۇغۇچىسى، مۇقىم مۇئەللىمدىن ئىككىسى ۋە تەربىيەلىنىۋاتقان مۇئەللىملەردىن تۆتى بار ئىكەن.

«ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى» بولسا 500 كۋادرات مېتىر كۆلەمگە ئىگە مەكتەپ بولۇپ، توققۇز نەپەر ئوقۇتقۇچىسى بار ئىكەن. نۆۋەتتە چەتئەل تىللىرى، كومپيۇتېر كۇرسانتلىرى ۋە ئانا تىل باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، 200 نەپەرگە يېقىن ئوقۇغۇچى تەربىيەلەنمەكتىكەن.

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قىلىش بۈگۈنكى سىياسىي رېئاللىقتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەن.

ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىم ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردا شەرقى تۈركىستاندىن نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز سىياسىي ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى چەتئەللەرگە چىقىپ يەرلەشتى. ھازىر چەتئەللەردە ئۇيغۇر جەمئىيىتى شەكىللەندى. ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقنى قوغداش ئۈچۈن ئانا تىل مائارىپىغا، مىللىي كىملىككە موھتاج بولۇۋاتىدۇ. ئۆسمۈرلىرىمىزگە ئانا تىلنى، مىللىي ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزنى، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى ئۆگىتىش مۇھىم ئىشلاردىن بىرى بولۇپ قالدى. بۇ شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە كېلەچىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.»

بىز يەنە ئىستانبۇلدا پەرزەنتىنى ئانا تىل كۇرسىدا ئوقۇتۇۋاتقان ئادىل ساۋۇت ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئادىل ساۋۇت ئەپەندىم ئانا تىل كۇرسلىرىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بىر ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئانا تىل كۇرسلىرىنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور دەپ قارايمەن. بىرىنچىدىن، ئانا تىل كۇرسلىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى قانداق باشلاپ، قانداق ئاخىرلاشتۇرۇش، قانداق ئۆگىتىش قاتارلىق كەسپى جەھەتتىكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئانا تىل كۇرسلىرى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئىزچىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئانا تىل كۇرسلىرىدا بالىلار ئانا تىل ئۆگىنىپلا قالماي، باشقا ئۇيغۇر بالىلار بىلەن دوست بولۇپ، قېرىنداش بولۇپ ئۇيغۇرلۇق روھىنى ئۆزىدە يېتىلدۈرەلەيدۇ.»

مۇھاجىرەتتىكى مىللىي مائارىپتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئانا تىل مائارىپى ۋاسىتىسى بىلەن كۈچەيتىش نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بىلىش ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن «ئايخان مائارىپى» ۋە «ئايخان فوندى» ئارقىلىق مىللىي مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد (خەندان) خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

مۇيەسسەر خانىم ئانا تىل مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا سورىغان سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر ئانا تىل ئوقۇتۇشىدىكى بىز دۇچ كېلىدىغان چوڭ قىيىنچىلىقلاردىن بىرى مۇئەللىم كەمچىللىكى بولۇپ، ئانا تىلىدا پىششىق ۋە دەرس ئۆتەلەيدىغان مۇئەللىملەر ئاز. تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ئەھلىلىرى يوق دېيەرلىك. شۇڭا مۇئەللىم تەربىيەلەشنى ئوقۇغۇچى تەربىيەلەشتىن مۇھىمراق ۋەزىپە دەپ ئويلايمەن. ھازىر ساۋات چىقىرىش ئۈچۈن ماتېرىيال مەنبەسى بەك كەڭرى، بىراق ساۋاتى چىقىپ بولغان بالىلار ئۈچۈن دەسلەپتە ئۆزىمىز ماتېرىيال تۈزدۇق. ۋەتەندە نەشر قىلىنغان ئەدەبىيات كىتابلىرىدىكى بەزى مەزمۇنلارنى چىقىرىۋېتىپ قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز. مۇھاجىرەتتىكى بالىلارغا ماس كېلىدىغان، سىستېمىلىق تۈزۈلگەن ئەدەبىيات ماتېرىياللىرى يوق دېيىشكە بولىدۇ. مائارىپىمىزنىڭ ئاز-تولا ئىئانىدىن باشقا، سىرتتىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي مەنبەسى يوق. ئاتا-ئانىلاردىن ماتېرىيال ھەققى ئۈچۈن پەقەت ئايدا 50 لىرا ئېلىنىدۇ، باشقا چىقىملارنى ئۆز كىرىمىمنىڭ بىر قىسمى بىلەن تەسىس قىلغان ‹ئايخان فوندى› ئارقىلىق قامداپ كېلىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن تېخى مۇقىم ئورنىمىز يوق، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىنىپلىرىدىن ئىجارە ئېلىپ دەرس ئۆتۈۋاتىمىز. قىسقىسى، بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تۈزۈلگەن سىستېمىلىق بىر ئانا تىل مائارىپ ئەندىزىسىگە ئېھتىياجىمىز بار.»

«ئانا تىل مائارىپىنىڭ كېلەچىكى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئۈچۈن پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولى نېمە؟ مىللىي مائارىپتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ؟» دېگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. قاراخان ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىكى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مىللىي كىملىكنى ساقلاش ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا ئانا تىل سىنىپلىرىنى ئىچىۋاتىدۇ. ئېلىپبە ۋە بالىلار كىتابلىرى، ھەر خىل ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆپلەپ نەشر قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى قوغداش، ياش ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق ئۆگىتىش ئۈچۈن 2-ئايدا بىرلىكتە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنى قۇرۇپ چىققانىدۇق. ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇۋاتقان دەرسلىك كىتابلىرىنى ئۆلچەملىك ھالدا تۈزۈپ چىقىش، ئانا تىل سىنىپلىرىنى كۆپلەپ ئىچىش ۋە سىستېمىلىق بىر شەكىلدە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان. ھازىرغىچە بولغان يەتتە ئاي جەريانىدا بۇ خىزمەتلەر پەيدىن-پەي ئىلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مائارىپ خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق، مۇشەققەتلىك خىزمەت. بۇنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە ئىلمىي ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.»

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، ئانا تىل مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشى پۇقراۋى تەشكىلاتلار بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ھەمكارلىقى ۋە تىرىشچانلىقىغا موھتاج. ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى، پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىللىشى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېھتىياجلىق.

ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر تۈركىيەدە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئۆسمۈرلىرىمىزگە ئانا تىل ئۆگىتىش ئۈچۈن كۇرسلار ئىچىلدى ۋە ئىچىلىۋاتىدۇ. بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش كېرەك بولغان ئوقۇشلۇق ۋە دەرسلىكلەر تۈزۈلۈشى كېرەك. بۇ مەقسەت بىلەن بۇ يىل 2-ئايدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنى قۇرغان ئىدى. ھازىر بۇ كومىتېت بىرلىككە كەلگەن ئېلىپبە كىتابى تۈزۈشكە ۋە بىر يۈرۈش سىستېمىلاشقان دەرسلىك كىتاب تۈزۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە، قوللاشقا ۋە ياردەم قىلىشقا چاقىرىمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.