20 - دېكابىر كۈنى ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەد سىدىق ۋە دىليار ئوبۇل قاتارلىق ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «قانۇنسىز ئىئانە توپلاش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىغا تۆت ئاي تولدى.
تۆت ئايدىن بۇيان ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئانا تىل تەشەببۇسچىلىرىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇيغۇربىز تورىدا بۇ ئۈچەيلەننىڭ كېلەر يىلى 1 - ئايدا سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن، بۇ خەۋەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە بىر قېتىم غۇلغۇلا قوزغىدى.
جۈمە كۈنى ئۇيغۇربىز تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى كېلەر ئايدا «ئۈرۈمچى ئانا تىل شىركىتى» نىڭ قۇرغۇچىلىرى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەد سىدىق، دىليار ئوبۇل قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈستىدىن سوت ئېچىشنى قارار قىلغان. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە بىر قېتىم مۇنازىرە قوزغىدى.
2013 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەد سىدىق ۋە دىليار ئوبۇل قاتارلىق ئۇيغۇر ئانا تىلى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ «قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغان» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ، قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئانا تىل تەشەببۇسچىلىرىنى قويۇپ بېرىش تەشەببۇسى كۈچەيگەن. ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلارنڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى تەشەببۇس قىلىنغان بولسا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۇيغۇر ئانا تىلى تەشەببۇسچىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات يوللانغان ئىدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلغان بىر قىسىم نادىر ئەسەرلىرى ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئۆتكۈر پىكىرلىرى بىلەن ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى. ئۇ 2005 - يىلى 12 - ئايدىن 2006 - يىلى 6 - ئايغىچە تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇپ تۇرغان، 2009 - يىلى 5 - ئايدىن 2011 - يىلى 7 - ئايغىچە ئامېرىكا كانزاز ئۇنىۋېرسىتېتىدا فورد مۇكاپاتى بىلەن ماگېستىر ئاسپىرانلىقىدا ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆز ۋەتىنىگە قايتقان ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى تەشەببۇس قىلىش دولقۇنى قوزغىغان ئىدى. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن،دەسلەپ«قەشقەر نۇرخان تىل تەربىيىلەش مەكتىپى» نى قۇرغان، ئەمما بۇ مەكتەپ قۇرۇلۇپ يېرىم يىلدىن كېيىن دائىرىلەر تەرىپىدىن سەۋەبسىزلا توختىتىۋېتىلگەن، 2013 - يىلى يىلى بېشىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ يەنە مۇھەممەد سىدىق ۋە دىليار ئوبۇل قاتارلىق ئىككى بۇرادىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى سودا سانائەت ئىدارىسىنىڭ رۇخسەتنامىسىنى ئېلىپ «ئۈرۈمچى خەلقئارا ئانا تىل شىركىتى» نى قۇرغان ۋە شىركەت تارمىقىدىكى «ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلىسى» نى قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيەتتىن مەبلەغ توپلاش چاقىرىقى قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بوستۇندىكى دوكتۇر قەيسەر مىجىت ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر بىز تورىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپ،مۇھەممەد سىدىق ۋە دىيار ئوبۇل قاتارلىق تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈستىدىن كېلەر ئايدا سوت ئاچىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
قەيسەر ئەپەندى سۆزىدە، بۇ خەۋەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندىگە ئوخشاش يەنە بىر سەر خىل زىيالىيسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن دېرەك بېرىدىغان چوڭ يوقىتىش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ، ئابدۇۋەلى ئايۇپقا ئوخشاش ئۆز خەلقى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۈچۈن ھەقنى سۆزلەش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.
قەيسەر ئەپەندى سۆزىدە، دائىرىلەرنىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنى قولغا ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا «قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغان» دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوت ئېچىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ، «ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلار تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا قوش تىل مائارىپى نامىدا خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، دائىرىلەرنىڭ ئەگەر بۇ ئابدۇۋەلى ئايۇپقا ئوخشاش خىتاي ئۆزى بەلگىلىگەن ئاپتونومىيىلىك قانۇننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغىمۇ قاتتىق قوللۇق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ئۇلار ئۈستىدىن باستۇرۇشنى كۈچەيتىشىدەك بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.
0:00 / 0:00