ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر: «ئانارخان» فىلىمى خىتاي ھاياتىنىڭ ئۇيغۇر ئارتىسلار تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلۈشى

يېڭىدىن ئىشلەنگەن كونا فىلىم «ئانارخان»
يېڭىدىن ئىشلەنگەن كونا فىلىم «ئانارخان» (Tangritagh Tori)

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ قايتىدىن ئىشلىگەن قىزىل فىلىمى«ئانارخان» تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۈچلۈك غۇلا-غۇلا قوزغىغان ئىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى توربەتلەرگە يوللانغان بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار ئىزچىل ھالدا ئۆچۈرۈلمەكتە. ئەمما، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تور ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا بۇ فىلىمگە قارىتا نارازىلىق ۋە تەنقىدلەر داۋاملاشماقتا.


مۇخبىرىمىز بۈگۈن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ فىلىمگە قارىتا پىكىر ۋە تەسىراتلىرىنى ئىگىلىدى. بۇلارمۇ ئوخشاشلا فىلىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى بۇرمىلانغانلىقى ۋە ئوبرازى خۇنۈكلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ تېمىدا پىكىر ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن ۋەتەن ئىچىدىكىلەر بىلەن ئوخشاشلىقىنى بايان قىلىشتى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىرقانچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر توربەتلىرىدىكى «ئانارخان» تېمىسىدىكى ئىنكاسلار پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ فىلىمگە قارىتا پىكىرلەر باشقا تېمىلاردا يەنى «ياش 40تىن ئاشقاندا» دېگەندەك دارىتما تېمىلاردا داۋاملاشتى. ئەمما، تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئانارخان فىلىمىگە ئالاقىدار ئىنكاسلار توربەتلەردىن پۈتۈنلەي كۆرۈنمەسلىككە باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت توربەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۈگۈن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونلۇق ياشلار كومىتېتى، «تورغا مەدەنىي چىقىش» ۋە «قانۇنلۇق پايدىلىنىش» ھەققىدە بىر چاقىرىقنامە ئېلان قىلغان. بۇ چاقىرىقنامىدە، يېقىندىن بۇيان تورلاردا «پىتنە -پاسات كۆپىيىپ كەتكەن» لىكى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ساقچىلارنىڭ ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا «ئانارخان» فىلىمىنى تەنقىدلەشنىڭ چەكلەنگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئەمما، ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار بولسا بۇ فىلىمگە قارىتا نارازىلىقلىرىنى تور ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا يەنىلا داۋاملاشماقتا.
بىز بۈگۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ياپونىيەدىكى پەلسەپە دوكتور ئاسپىرانتى مۇختەر ئابدۇراخمان ۋە ئامېرىكىدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەرنىڭ فىلىم ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى سورىدۇق.

سوئال: فىلىمدىن ئېسىڭىزدە قالغان ۋە دىققىتىڭىزنى تارتقان كۆرۈنۈشلەر قايسىلار؟؟

مۇختەر ئابدۇراخمان: ئانارخاننىڭ ئېسىپ قويۇپ ئۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ يىگىتىنىڭ تىزلىنىپ يالۋۇرۇشى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا پەقەت كۆرۈلمەيدىغان، مەدەنىيەت پسىخىكىسىغا يات ۋەقەلەر.
فىلىمنىڭ ۋەقەلىكىدىن پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بارلىق سۆز ھەرىكەتلەر پۈتۈنلەي خىتايچە، يەنى پەقەتلا خىتايلارنىڭ مىللىي پسىخىكىسى تۇرمۇش ئادىتىگە خاس سۆز ھەرىكەتلەر. مەنچە، بۇ فىلىمدە پەقەتلا ئارتىسلارنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچە، يەر ناملىرى ئۇيغۇرچە، ئۇنىڭدىن باشقىسى خىتاي ھاياتىنىڭ ئۇيغۇر ئارتىسلار تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلۈشى.

سوئال: يەنى فىلىمدە تەنقىدلىنىۋاتقان ئىللەتمۇ خىتايچە؟

مۇختەر ئابدۇراخمان: شۇنداق. فىلىمنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئىكەنلىكى ئېنىق.

سوئال: فىلىم ھەققىدىكى ئىنكاسلارغا قارىساق، ئانارخاننىڭ يىگىتىنىڭ تىزلىنىپ يالۋۇرۇش كۆرۈنۈشى تاماشىبىنلارنىڭ ئەڭ كۆپ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئەڭ قاتتىق نەپرىتىنى قوزغىغان. بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندە سىزدە قانداق بىر تەسىرات پەيدا بولدى؟

ئېلشات ھەسەن: ئۇيغۇرلار بىر مۇسۇلمان خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاللاھتىن باشقا، ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان جانلىق-جانسىز ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ ئالدىدا ئىگىلىمەيدۇ، تېز پۈكمەيدۇ، ئىنسانغا تەزىم قىلىشنى ئىنسانلىقتىن چىقىش كېتىش دەپ چۈشىنىدۇ. بۇ بىر نۇقتىدىن قارىساق سېنارىست ۋە رېژىسسورنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى قىلچىمۇ چۈشەنمىگەنلىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە ئازراقمۇ ئىزدىنىپ باقمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنى قەستەن ھاقارەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ قوياي: ئىنساننىڭ ئالدىدا تىزلىنىش ئەنئەنىۋى خىتايچە قىلىق. بۈگۈنمۇ بېيجىڭدا نۇرغۇنلىغان خىتاي ئەرزدارلار بار، ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم سالغان ھۆكۈمرانلارنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ ئادالەت تەلەپ قىلىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە تىپىك بىر خىتايچە ئىللەت ئۇيغۇر مىللىتىگە يۈكلەپ قويۇلغان.

سوئال: فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن باي-كەمبەغەل مۇناسىۋىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنكى رېئاللىقىغا ئۇيغۇنمۇ؟

مۇختەر ئابدۇراخمان: ئۇيغۇر «جەمئىيىتىدە باي-كەمبەغەل توقۇنۇشى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىجتىمائىي مەسىلە يوق، بولۇپ باققانمۇ ئەمەس. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەخلاق ئۆلچەملىرى شۇ مىللەتنىڭ دىنىي تەلىماتى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئىسلام دىنىدا پۈتۈن مۇسۇلمانلار قېرىنداش دەپ قارىلىدۇ. بىر-بىرىنى سۆيۈش ۋە بىر-بىرىگە مەسئۇل بولۇش ئىسلامدىكى ئاساسلىق ئەخلاقىي تەشەببۇس. ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن بېرى مانا مۇشۇنداق بىر تەلىم-تەربىيىدە يېتىلىپ ۋە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر بايلىرى ئادەتتىكى يىللاردا ئۆشرە-زاكاتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولمىغان قېرىنداشلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇرۇش يىللىرىدا مال-دۇنياسىنى ئىنقىلاب ئۈچۈن ئاتا قىلىپ، مىللەتنىڭ ھالقىلىق پەيتلەردىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قان-قېرىنداشلىقىنىڭ ئۈستىگە دىنىي قېرىنداشلىق قېتىلىپ، مىللىي بىرلىك پارچىلانماس بىر تەبىئەتكە ئېرىشكەن.

سوئال: فىلىمدە ياشانغان بىر كىشىنىڭ ئۇرۇلغان ۋە بوزەك قىلىنغان بىر كۆرۈنۈشى بار بولۇپ، بۇمۇ تاماشىبىنلارنىڭ ئېغىر تەنقىدىگە ئۇچرىغان. سىزچە شۇ كۆرۈنۈشلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ-كىچىك كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادىتىگە ئۇيغۇنمۇ؟

ئېلشات ھەسەن: ئىككى مىسال بىلەنلا جاۋاب بېرەي: بىرى، مەن غۇلجىنىڭ چۇلۇقاي دەيدىغان تاغلىق يېزىسىدا چوڭ بولدۇم. ئېسىمدە ئېنىقكى مەھەللىمىزنىڭ ئەڭ يامان لۈكچەكلىرى، ھەتتا مەست بولۇپ قالغان چاغلىرىدىمۇ، كوچىدا چوڭ بىر بوۋاي ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بولسا، ئۇ شۇ كوچىدىن ئۆتمەيتتى ياكى قاراڭغۇ چۈشكەندە نېرىدىن تام ياقىلاپ ئۆتۈپ كېتەتتى، ئۇلارنى كۆرۈپ قالغان بوۋايلارمۇ دۈمبىسىنى ئارقىسىغا قىلىپ ئولتۇرۇۋېلىپ كۆرمەسكە سېلىۋالاتتى. مانا بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى چوڭ-كىچىكلىك مۇناسىۋەت.
يەنە بىر مىسال: داليەندە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم، مەكتەپتە بىر جېدەل بولۇپ مەكتەپ رەھبەرلىرى ياتىقىمىزغا كىرىپ كەلدى، كېچە مەزگىلى ئىدى، ھەممەيلەن كارىۋاتلىرىمىزدىن چۈشۈپ قارشى ئالدۇق ۋە سالاملاشتۇق. بۇ چاغدا مەكتەپ رەھبىرى ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ دېدى: «سىلەردە بىزدە يوق بىر ئەخلاق بار ئىكەن، چوڭلارنى كۆرسەڭلار مانا مۇشۇنداق ھەممىڭلار ئورنۇڭلاردىن تۇرىدىكەنسىلەر، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىقىغا كىرسەك كىمنى ئىزدىگەن بولساق شۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ، قالغانلىرىنىڭ بىز بىلەن پەرۋايى پەلەك...» مانا بۇمۇ چوڭ-كىچىك مۇناسىۋەت ئەخلاقىمىزدىكى ساغلاملىقنىڭ بىر پروفېسسور تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى.

سوئال: فىلىمدىكى كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، ئەڭ چوڭ مەسىلە-ئەڭ چوڭ خاتالىق نېمە؟

مۇختەر ئابدۇراخمان: ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق مەسىلىسى يوشۇرۇلغان ياكى بۇرمىلانغان. يەنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەسىلىسى باي-كەمبەغەل ۋە ئۇششاق بەگ-پۇقرالار مەسىلىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئەمەلىيەت شۇكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ مۇستەملىكە رايوندىكى ئاساسلىق زىددىيەت مۇستەملىكىچى بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچى، تاجاۋۇزچى بىلەن تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەش قىلغۇچى ئارىسىدىكى زىددىيەت. فىلىمدە مانا بۇ ئاساسلىق زىددىيەت يوشۇرۇلغان. فىلىمنىڭ ئىشلىنىش غايىسى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەيدىغان بىر ئاڭ ۋە ئىدىيىنى شەكىللەندۈرۈش بولغاچقا، بۇ فىلىم ئەسلىدە تۇغۇلۇشىدىنلا بىر بەدىئىي ئەسەر ئەمەس.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ «ئانارخان» فىلىمى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئاڭلىدىڭلار.