سىياسىي تەقىبلەشكە قارشى سادا - «ئاڭ» گېزىتى

ستوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2023.08.19
ang-geziti ھىجىرىيە 1366-يىلى (مىنگونىڭ 36-يىلى) يەنى مىلادىيە 1937-يىلى 27-يانۋار، دۈشەنبە نەشر قىلىنغان ئاڭ گېزىتى
FRA/Newbahar

2017‏-‏يىلى 2‏-ئايدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى، ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىغا جۈملىدىن مەتبۇئات ساھەسىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن. كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرچە ژۇرنال ۋە گېزىتلەر نەشردىن توختىغان بولۇپ، بىر قىسىم نەشرىيات ۋە گېزىت-ژۇرناللارنىڭ تەھرىر ۋە مەسئۇللىرى، يازغۇچىلار، ئالىملار تۇتقۇن قىلىنغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەنىدى. ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان نەشرىيات ساھەسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىرىسلىرىنىڭ يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، 21-ئەسىردىكى شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت دەۋرى خىتاينىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مۇستەبىتلىك دەۋرىگە قايتىشىدىن ئىبارەت دەپ تەرىپلىنىدۇ. نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان نەشرىيات ساھەسىدىكى چېكىنىش ۋە يوقىتىشلارنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-ۋە 40-يىللىرىدىلا خىتاي مىلىتارىستلىرى ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاكىممۇتلەقلىق ئورنىنى تىكلەش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ غەلىبە مېۋىسى بولغان 1933-1934-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مەزگىللەردە، ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىنىڭ مۇئەييەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ.

1930-يىللارنىڭ باشلىرىدا، جەدىتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم تەرەققىيپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى گېزىت-ژۇرنال چىقىرىش قاتارلىق مەتبۇئاتچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، پەن-مائارىپنى تەشۋىق قىلىش ۋە تارقىتىشتىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرغان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئىلى، چۆچەك (تارباغاتاي) ، قەشقەر ۋە ئاقسۇدا ئارقا-ئارقىدىن يەرلىك خەلقنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مۇستەقىل گېزىتلەر يورۇق كۆرۈشكە باشلىغان.

ئەنە شۇ خىل مەتبۇئات بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدە قەشقەردە نەشر قىلىنغان «ئاڭ» گېزىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئىلگىرى بىر قىسىم مەنبەلەردە «ئاڭ» گېزىتىنىڭ 1918-يىلى نەشر قىلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتىلمىگەنىدى. قولىمىزدىكى بىرقانچە پارچە «ئاڭ» گېزىتى ۋە ئۇنىڭدا ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلار، شۇنداقلا باشقا تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسەن، «ئاڭ» گېزىتىنىڭ تۇنجى سانى 1947-يىلى 27-يانۋاردىن باشلاپ نەشر قىلىنغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن.

ئېرىشكەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن، 1933-يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى» ۋە «ئەركىن تۈركىستان» نامىدا نەشر قىلىنغان گېزىت پەقەت ئالتە ئايلا ئۆمۈر سۈرگەن. 1934-يىلى، ماھمۇد مۇھىتى قەشقەردە گارنىزون قوماندانى بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە بۇ گېزىتكە قايتىدىن ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ. گېزىتنىڭ ئىسمى «يېڭى ھايات» گېزىتىگە ئۆزگەرتىلىپ تاكى 1937-يىلغىچە شۇ ئىسىم بىلەن نەشر قىلىنىدۇ.

خۇددى ۋاللىدە چاقناپ ئۆچۈپ قالغان يۇلتۇزغا ئوخشاش قىسقىغىنە ئۆمۈر كۆرگەن گېزىتلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگىنىمىزدە، مىلىتارىست شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بىر يۈرۈش سىياسىتىنىڭ قارا كۆلەڭگىسىنى كۆرۈۋالالايمىز.

 «ئاڭ» گېزىتىنىڭ 1947-يىلى، 27-يانۋاردىكى باش ماقالىسىدە، مەزكۇر گېزىتنىڭ «ئاڭ» نامى بىلەن نەشر قىلىنىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن. گېزىتتە بايان قىلىنىشىچە، 1937-يىلى، ئىيۇل ئايلىرىدىن باشلاپ شېڭ شىسەي ئەينى ۋاقىتتا «مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» دېگەن نىقاب ئاستىدا، «يېڭى ھايات» گېزىتىنىڭ راسخوتىنى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەمىن ئېتىپ، گېزىت ئىسمىنى «قەشقەر-شىڭجاڭ گېزىتى» گە ئۆزگەرتكەن ۋە شۇ تەرىقىدە داۋاملاشقان. 1947-يىلى، 19-يانۋار كۈنى، گېزىتخانا ھەيئىتى «ئۈرۈمچى گېزىت ئىدارىسى» يوللىغان گېزىتنى توختىتىش ھەققىدىكى بىر پارچە تېلېگراممىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. تېلېگراممىنىڭ مەزمۇنى بۇ يىلدىن باشلاپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر گېزىت ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مەبلەغنى توختاتقانلىقىغا ئالاقىدار ئىدى. بۇ باش ماقالىدە يەنە مەزكۇر گېزىتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلۇمىنى پاش قىلىدىغان، خەلق كۈچى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ئەڭ دەسلەپكى مەتبۇئات، شۇنداقلا خەلقنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەت بېرىلگەن بىردىن بىر كۆزگە كۆرۈنگەن ئاخبارات ئورگىنى ئىكەنلىكىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ گېزىتنىڭ توختاپ قېلىشىنى خالىمايتتى. شۇڭا خەلق ئارىسىدا گېزىتنىڭ توختىشىغا قارشى نارازىلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. گەرچە ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىرلىرىگە بوي سۇنۇش مەجبۇرىيىتىدىن «قەشقەر-شىڭجاڭ گېزىتى» توختىتىلغان بولسىمۇ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتقا بولغان كۈچلۈك ئىشتىياقى ۋە تەلىپى ئالدىدا، ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى ۋە تەرەپدارلىرى قاسىمجان قەمبىرى ۋە ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم قاتارلىق بىر قىسىم خەلقپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ ئارقىدا تۇرۇشى بىلەن يەنە گېزىت چىقىرىلىدۇ.

ئۇنداقتا ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنىۋاتقان گېزىتلەرنى توختىتىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

بۇ مەزگىللەردە بارلىققا كەلگەن مىللىي ئويغىنىش روھى ۋە بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان پەن-مائارىپ جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشلەر شېڭ شىسەينى قاتتىق چۆچۈتكەنىدى. شېڭ شىسەي ئۇيغۇر ۋە تاتار قاتارلىق مىللەتلەر ئارىسىدا سەرخىللارنىڭ كۆپىيىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ جەدىتىزم ئىدىيەسى بىلەن قوراللىنىشىنى ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت دەپ ھېس قىلاتتى.

1930-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، شېڭ شىسەينىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى سوۋېت ئەندىزىسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشى بىلەن تەڭ، ئىلگىرى ئۇيغۇرلار مۇستەقىل باشقۇرۇپ كەلگەن گېزىتلەرنىڭ ھەممىسى توسقۇنلۇققا ئۇچراشقا باشلايدۇ. گېزىتلەر تەدرىجىي ھالدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىپ، خىتاي دۆلىتى كونتروللۇقىدىكى مەتبۇئات تورىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلىشتەك ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ.

تارىخچى جوشىۋا فرىمەن (Joshua L. Freeman) خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دەۋردە ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يازغان ئىلمىي ماقالىسىدە، بۇ خۇسۇستا تەھلىل يۈرگۈزۈپ، «شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىدېئولوگىيەسى ۋە ئۆرنىكىنى شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىشقا تەدبىقلىشى ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنى سوتسىيالىستىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت يېڭى بىر نىشانغا يەتكۈزۈشنىڭ مۇقەددىمىسىدىن ئىبارەت» دەپ تەكىتلەيدۇ.

شېڭ شىسەي پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە نۆۋەتتىكى سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەرقانداق بىر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن توسالغۇ بولۇپ قېلىشىنى خالىمايتتى. شېڭ شىسەي شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان، كېيىنچە مەھمۇد مۇھىتىنىڭ قوللىشى بىلەن نەشر قىلىنىۋاتقان «يېڭى ھايات» گېزىتىنىڭ خەلق ئارىسىدا جامائەت پىكىرى ھاسىل قىلىشتا ناھايىتى چوڭ رول ئويناۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى. ھالبۇكى شېڭشىسەي مەركىزىي ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بۇ گېزىتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزمەكچى بولىدۇ. ئۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئەمەس، بەلكى ھىيلە ۋە سۇيىقەستىنى ئىشقا سالىدۇ. ئۇنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى خىتاي مىلىتارىستلىرىدىن بولغان جىڭ شۇرېن ياكى ياڭ زېڭشىنغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، شېڭ شىسەي مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىنى ھىمايە قىلىۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالغانىدى. ئەمما پەردە ئارقىسىدا يەرلىك نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۆزى ئىشەنچلىك دەپ قارىغان كىشىلەرنى نازارەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇۋەتكەنىدى.

شېڭ شىسەي شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە نەشر قىلىنىۋاتقان مەتبۇئاتلارنى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە توپلاش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەردىكى «يېڭى ھايات» گېزىتىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغانىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن مەشۇر روزىيېفنىڭ كېيىن يازغان «ئۇيغۇر زېمىنى» ناملىق ئەسلىمىسىدە بايان قىلىنىشىچە، روزىيېف باشلىق بىرقانچە كىشى «جەنۇبىي شىنجاڭنى تەكشۈرۈش ئەترىتى» نامىدا تەشكىللىنىپ، قەشقەرگە بارغان ھەم گېزىت چىقىرىش ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى مەلۇم. بۇ، شېڭ شىسەينىڭ تەقىب سىياسىتى بىلەن بىلەن پاراللېل قەدەمدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت بولۇپ، 1937-يىللىرى، شېڭ شىسەي يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەرھال ئۆلكە مىقياسىدا «چوڭ تازىلاش» ھەرىكىتىنى باشلاپ، خوجانىياز ھاجى قاتارلىق ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىپ، تەقىب ۋە تۇتقۇن قىلىش تورىنى كەڭ يايىدۇ. «يېڭى ھايات» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى قۇتلۇق شەۋقى ئەنە شۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ ۋە كېيىنچە تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.

شېڭ شىسەي گېزىتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ «ئالتە چوڭ سىياسەت» ۋە جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئىدىيەۋىي تەشۋىقاتلىرىنى خەلق ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن گېزىتنى پايدىلىنىش قورالى قىلماقچى بولىدۇ.

بىراق، 1944-يىلى بىر قاتار ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن شېڭ شىسەي ھەيدىۋېتىلىپ، گومىنداڭ ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» داۋاملىق چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن 1946-يىلى 7-ئايدا غۇلجىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا بېتىم ئىمزالىنىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىش باشلىغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ قەشقەردىكى تەسىر كۈچى ئاشقان ۋە قەشقەردە مىللىي ئازادلىق ئىدىيەلىرى بارغانسېرى كۈچەيگەن. مەزكۇر گېزىت بۇ ھەرىكەتلەردە مۇھىم تەشۋىقاتچىلىق رولىنى ئوينىغانىدى.

ئۈرۈمچىدىكى جاڭ جىجوڭ باشلىق خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئەھۋالغا قارىتا گېزىتنى توختىتىش، قىسقارتىش ئۇسۇلى قوللانغان. بۇنىڭ بىلەن 1947-يىلىنىڭ باشلىرىدا، ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلىدىغان راسخوت توختىتىلغاندىن كېيىن، گېزىتنىڭ بەت سانى كېمەيتىلىدۇ، ھەتتا قەغەز قىسلىقىدىن خوتەن قەغىزىدە بېسىلىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ خىل ۋەزىيەتتە، خەلق يەنە گېزىتنى قۇتقۇزۇپ قېلىش مەقسىتىدە، جامائەتنىڭ ئارزۇسى بويىچە قايتىدىن تەشكىللىنىپ، «ئاڭ» گېزىتىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا «ئاڭ» گېزىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدىن بولغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدىكى زىيالىيلاردىن ئەھمەد زىيائىي ۋە ئالىم ئاخۇن قاتارلىقلار ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، سەھىپىلىرى رەڭدار، ئەركىن پىكىرلەر بىرقەدەر كەڭ تەشۋىق قىلىنىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن جەمئىيەتتە ئىجابىي رول ئوينىغان ئىدى. ۋاھالەنكى، بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي 1947-يىلى كۈز ئايلىرىدا بۇ گېزىتمۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. خىتاي تەرەپنىڭ قەشقەردە ئېلىپ بارغان تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا، بارلىق ئىنقىلابچىلار قولغا ئېلىنىدۇ. شۇ قاتاردا گېزىتنى قوللاپ كەلگەن كىشىلەرمۇ تۇتقۇن قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن گېزىت گومىنداڭنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، يەنە «قەشقەر-شىڭجاڭ گېزىتى» نامىدا نەشر قىلىنىشقا باشلايدۇ. 1950-يىلدىن باشلاپ گېزىت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، ھازىرغىچە «قەشقەر گېزىتى» دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنىپ كەلمەكتە.

يازغۇچى پولات قادىرى «ئۆلكە تارىخى» ناملىق كىتابىدا شېڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىغا قارىتا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەتبۇئاتچىلىق، نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنى كونترول قىلىش ۋە مونوپول قىلىش قەدەملىرىنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

يىغىنچاقلىغاندا «ئاڭ» گېزىتى 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن بىرقانچە قېتىملىق ھاكىمىيەت ئالمىشىش، كۈچ تالىشىش كۈرەشلىرى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن بىر گېزىت. ئەينى ۋاقىتتىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەت مەزكۇر گېزىتنى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات قورالى قىلىپ پايدىلىنىشقا ۋە كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ گېزىت ئاساسەن خەلقنىڭ نىداسى ۋە يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىتىدىغان خەلقچىل ئاخبارات ۋاسىتىسى بولۇپ كەلگەن. مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا خەلقنىڭ مىللىي ئېڭىنى كۈچەيتىش ۋە مىللىي كىملىكىنى تونۇش، ساقلاشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، بىر قىسىم تارىخىي يۈزلىنىش ۋە ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى ئانالىز قىلىشتا بىزنى پاكىت بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشىمىزدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.