2011-يىلى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئانىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان «مىراس» ئانىلار بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئېسىل مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، شۇنداقلا ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك روللارنى ئويناپ كەلمەكتە. «مىراس» ئانىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى بىردەك، «مەن خەلقىم ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيمەن؟» دېگەن سوئالنى ئۆزلىرىگە ئاساسلىق ۋەزىپە قىلىپ قويغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «مىراس» ئانىلار بىرلەشمىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى راھىلەم يۈسۈپوۋا خانىم مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
قازاقىستان، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ جامائىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئىگىلىنىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار كۆپ مىللەتلىك بۇ ئەلدە ئۆزلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات-سەنئىتى، ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. بۇنىڭدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ تۆھپىسى ئالاھىدە گەۋدىلىكتۇر.

«مىراس» ئانىلار بىرلەشمىسى-قازاقىستاندىكى پىداكار ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ۋە خانىم-قىزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەتنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان ئىختىمائىي مۇنبىرىدۇر. بۇ بىرلەشمە 2011-يىلى پېنسىيەگە چىققان 12 نەپەر ئانا تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، تا ھازىرغىچە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ جەمئىيەتلىك ئىشلىرىدا ۋە مەدەنىيەت-مائارىپ ساھەسىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.
«مىراس» ئانىلار بىرلەشمىسىدىكى مېھرىبان ئانىلار، ئۆزلىرىنىڭ پېنسىيە مائاشىنىڭ بىر قىسمىنى ئاجرىتىپ مەخسۇس فوند تەسىس قىلغان. ئۇلار بۇ فوندنىڭ بىر قىسمىنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتسە؛ يەنە بىر قىسمىنى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت مىراسلىرىنى ئۆگىنىشى، تەنتەربىيە ساھەسىدە ئۇتۇق قازانغان ياش ماھىرلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە باشقا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلاش ھەم ۋارىسلىق قىلىش جەھەتلەردە ئېلىپ بارغان ئەمەلىي ئىش-پائالىيەتلىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىماقتا.

ئاخىرىدا ئالمۇتا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق گۈلبەھرەم ھەسەن قىزى «مىراس» ئانىلار بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ بىرلەشمىنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مەزكۇر سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.