مۇتەخەسسىسلەر: ئاپتونومىيىگە باغلانغان ئۈمىد ئۇيغۇرلارغا نېمە ئېلىپ كەلدى؟ (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2015.11.11
xinjiang-az-sanliq-milletlerge-yardem-berish.jpg «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا 1960 – يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى
مەنبە: Eastday.com


ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن...

ئامېرىكا ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر گاردنېر بوۋىڭدۇن ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ۋاشىنگتوندىكى شەرق - غەرب تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «شىنجاڭدىكى ئاپتونومىيە: خىتايلارنىڭ خوجايىنلىقى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىق» ناملىق ئەسىرى، شۇنداقلا 2010 - يىلى نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلار: ئۆز ۋەتىنىدە غېرىپ بولغانلار» ناملىق كىتابى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاپتونومىيىگە بېغىشلانغان زور ھەجىملىك ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. پروفېسسور گاردنېرنىڭ قارىشىچە، دۇنيا مىقياسىدىكى ئاپتونومىيىلىك بىرلىكلەر ھەرقاچان دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، شۇنداقلا ئاشۇ رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نازۇك ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە يولغا قويۇلۇپ كەلگەن. ئەمما، ئۇيغۇرلار رايونىدا بۇنىڭ پەقەت ئالدىنقى يېرىمىلا ئەمەلگە ئاشقان.

پروفېسسور گاردنېر بوۋىڭدۇننىڭ قارىشىچە، ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ تۈپ ۋە نېگىزلىك مەزمۇنى «ئاپتونومىيە بېرىلگەن خەلقنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا باغلىنىشلىق تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىل رەۋىشتە يۈرگۈزۈلۈشى» دە. ئەمما بۇ ئۆلچەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەدبىقلانغاندا بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ بۇنىڭغا يېقىن كەلمەيدىغانلىقى ئايان بولىدۇ. ئۇنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ بىر پارتىيە دىكتاتورلۇقىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدا ئوخشىمىغان سىياسىي مەۋقەدىكىلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىپ كېلىدىغان ھەرقانداق تەلەپلىرى كومپارتىيە تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى داۋاملىق تۈردە يولغا قويۇۋاتقان تەشۋىقات پائالىيىتىنى كۈچەيتىش، ئۆكتىچى پىكىردىكىلەرنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇش، شۇنداقلا «شىلتىڭ» ئاتقانلارنى ئۇجۇقتۇرۇش قاتارلىق چارىلار بولسا، ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي سىستېمىدا ھەسسىلەپ ئىجرا قىلىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق خىتاي دۆلىتىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىنى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئېنىرگىيە بايلىقى ئۈچۈنمۇ ئۆتەر يول بولغان بۇ رايوننى قولدىن چىقارماسلىققا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىردەك دىققىتىنى تارتقىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جاكارلىنىش بىلەن تەڭ دېگۈدەك ئېلان قىلىنغان ئاپتونومىيە نىزامىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرىدۇر. ئۇنىڭدا ئېنىق قىلىپ ناھىيىلىك، ئوبلاستلىق ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي ئاپتونومىيە بىرلىكلىرىنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى ئوخشاش دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر قاتارىدا ھوقۇق يۈرگۈزىدىغانلىقى تەكىتلەنسىمۇ، بارلىق ئاپتونومىيىلىك بىرلىكلەرنىڭ بىردەك دۆلەت ئىشلىرى كابېنتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا شەرتسىز بويسۇنۇشى لازىملىقى بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتونومىيىلىك بىرلىكلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت ۋە قارارلىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى ۋاقتىنچە توختىتىش زۆرۈرىيىتى كۆرۈلسە چوقۇم ئالدى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش بەلگىلەنگەن.

پروفېسسور گاردنېرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ھوقۇقنىڭ تەقسىملىنىشىدە ئەڭ روشەن ئىپادىلىنىدۇ: ئاساسلىق سىياسىي ھوقۇقنىڭ خىتاي كادىرلىرىنىڭ قولىدا بولۇشىدىن سىرت، يەنە بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىردەك پارتىيە تەشكىلىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنىدىغان قىلىپ لايىھىلەنگەن بۇ خىل سىستېمىدا ئۇيغۇر كادىرلىرىغا ئەمەلىي ھوقۇق نېسىپ بولمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ھەر بىر ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىنىدۇ. بۇ ئەھۋال 1960 - يىلىدىن باشلاپ تولىمۇ روشەنلەشكەن.

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلار نامىغا ئاپتونومىيە قۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر بولمىغان مىللەتلەرگە ئاپتونومىيە تەسىس قىلىنغانلىقىنى، بۇ مىللەتلەرنىڭ نوپۇس جەھەتتە شۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ئاز سانلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان پروفېسسور مايكىل كلارك مۇنداق دەيدۇ: «خۇددى پروفېسسور گاردنېر ئۆزىنىڭ 2011 - يىلى نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىتابىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، 1949 - يىلى خىتاي كومپارتىيىسى شىنجاڭدا ھاكىمىيەت تەشكىلىنى ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئوخشاش بولمىغان ئون ئۈچ مىللەتنىڭ بارلىقىنى جاكارلىغان. بۇلار ئۇيغۇر، خىتاي، موڭغۇل، قازاق، تاجىك ۋە باشقىلار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىغا مۇناسىپ دەرىجىدىكى ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ناھىيىلەرنى تەسىس قىلىپ بەرگەن. روشەنكى، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى بۇ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئاپتونومىيە بىرلىكلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئەمەلىيەتتە مەزكۇر رايوندىكى ئەڭ ئاساسلىق يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.»

ئۇيغۇرلارغا ئاپتونوم رايون تەسىس قىلىپ بېرىش بىلەن تەڭلا دېگۈدەك يولغا قويۇلغان مەدەنىيەت جەھەتتىكى بىرلىككە كەلتۈرۈش شامىلى ھەققىدە توختالغان پروفېسسور گاردنېر بۇ ھەركەتنى ماھىيەت جەھەتتە مىللەتلەر ئارا رەسمىي يوسۇندىكى پەرقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا قىلىنغان خىرىس، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھەرىكەت جەريانىدا مىللەت چۈشەنچىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى «تەرەققىياتتىكى توسقۇنلۇق ئامىلى» دەپ قارالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پارتىيە رەھبەرلىكى «قالاقلىققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئىسلام دىنى ۋە باشقا ئۆرپ - ئادەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتكەن. بۇ خىلدىكى ھۇجۇم ئون يىل داۋام قىلغان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. «قىزىل قوغدىغۇچىلار» ئۇيغۇرلار رايونىدا «كونىلىقنى يوقىتىش» شۇئارى ئاستىدا يەرلىك ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق بولغان مەدەنىيەتنى ئاساسلىق نىشان قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ زىيانغا ئۇچرىغىنى ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن بۇيان ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئىسلام دىنى بولغان. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقادنىڭ تەسىر جەھەتتە كومپارتىيىنىڭ نوپۇزىنى بېسىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇ سەۋەبتىن مۇشۇ مەقسەتكە يانداشتۇرۇلغان ھالدا كۆپلىگەن مەسچىتلەر چېقىپ تاشلانغان ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا چوشقا ئېغىللىرىغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ئېغىر دەرىجىدىكى يوقىتىش خاراكتېرلىك زىيانغا مۇپتىلا بولغان.

پروفېسسور گاردنېر «ئۇيغۇرلار: ئۆز ۋەتىنىدە غېرىپ بولغانلار» ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىگە قىلىنغان خىرىسنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا مەيدانغا چىققان زور كۆلەملىك نوپۇس يۆتكەش پىلانى بىلەن زىچ باغلىنشلىق ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلغان. ئۇنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا جاكارلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار رايونىغا ئىككى مىليون نوپۇس يۆتكەش لايىھىسىنى تۈزگەن. ئەمما بۇ لايىھە تاماملانغاندا ئەمەلىي يۆتكەلگەن نوپۇسنىڭ ئۈچ مىليونغا يەتكەنلىكى مەلۇم بولغان. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار رايونىدا 1949 - يىلىدىكى نوپۇس نىسبىتىدە بەش پىرسەنت سالماقنى ئىگىلىگەن خىتايلار 1978 - يىلىغا كەلگەندە 40 پىرسەنتكە يەتكەن. ھازىر بۇلسا بۇ ساننىڭ ئاللىقاچان 50 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يىللىق GDP بويىچە باھالىغاندا ھەقىقەتەنمۇ زور ئېشىشنىڭ بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا مۇمكىن بولسىمۇ، پروفېسسور گاردنېرنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار رايونىدا بايلىقنىڭ ۋە خىزمەت پۇرسىتىنىڭ تەقسىم قىلىنىشىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا ئېغىر تەڭسىزلىك مەۋجۇت ئىكەن. بۇ تەڭسىزلىك بولسا رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن نارازى بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
quju-tam-resim-01
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.