خىتاينىڭ بۇ يىل 8-ئىيۇن ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئاقتاشلىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «نەتىجىلەر» خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىردەك تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «خىتاينىڭ 2014-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر خەلقئارا جەمئىيەت ۋە خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا تەنقىدكە ئۇچراپ، «خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىي قىلمىدى، ئەكسىچە بارغانسېرى چېكىنىپ كەتتى» دەپ باھالاندى.
ب ب س قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ 8-ئىيۇندىن بۈگۈنگىچە ئېلان قىلىۋاتقان خىتاينىڭ 2014-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ئاقتاشلىق كىتابى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي بۇ قېتىمقى ئاقتاشلىق كىتابىدا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان نەرسىلەرنى «نەتىجە، تەرەققىيات» دەپ كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولغان. بۇ ئاقتاشلىق كىتابتا تەرەققىيات ھوقۇقى، شەخسىي ھوقۇق، دېموكراتىيە ھوقۇقى، ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى، ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلار ھوقۇقى، مېيىپلار ھوقۇقى، مۇھىت ھوقۇقى، تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ھوقۇقى قاتارلىق 9 ئاساسىي تېما بايان قىلىنغان. 9-ئىيۇن كۈنى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتايدا بۇلتۇر بىر يىلدا كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بولۇپمۇ «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قاتتىق زەربە بېرىش نىقابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ھەقسىزلىقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئاقتاشلىق كىتابىدىكى 4 ئاساسىي تېما ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى «شەخسىي ھوقۇق» قىسمىدا خىتايدا بۇلتۇر دۆلەتنى پارچىلاش ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىدىن 558 نى پاش قىلغانلىقى، 712 كىشىگە جازا بەرگەنلىكى، بۇنىڭ «28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ۋەقەسى»، «1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئاقتاشلىق كىتابنىڭ «دېموكراتىيە ھوقۇقى» قىسمىدا خىتايدىكى سۆز، مەتبۇئات، ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى سۆزلەنگەن. بىراق بۇلتۇر ئىلھام توختىغا ئوخشاش قانچىلىغان دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى ئېغىر قاماق جازالىرىغا ئۇچرىغان بىر يىل بولۇپ، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2014-يىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن قاباھەتلىك بىر يىل بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
خىتاي مەزكۇر كىتابىنىڭ «ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقى» قىسمىدا بۇلتۇر قانۇننىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنغانلىقىنى، ھەممە ئادەمنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مىڭلارچە شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ بۇ يىلى زور ھەقسىزلىقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى دەپسەندە قىلىشتا ئۈلگە ياراتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ 2014-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ئاقتاشلىق كىتابىدىكى «ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى» قىسمىدا رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان نەرسىلەر تىلغا ئېلىنغان. مەسىلەن؛ ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلاردىن كەڭ بەھرىمەن بولغانلىقى، بۇنىڭ يەرلىك قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە قانۇنلارنى ئۆز مىللىي رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي تىل-يېزىق ھوقۇقى، مەدەنىي، مائارىپ ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقى قاتارلىقلارنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى قاتارلىقلارنى مىساللىرى بىلەن سۆزلىگەن. لېكىن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇلارنىڭ رېئاللىققا قىلچە ئۇيغۇن بولمىغان سەپسەتىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.