ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە تىكلەنگەن 4 ھەيكەل دىققەت قوزغىماقتا
2014.05.14
ئىگىلىشىمىزچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن مەكتەپ قورۇسىغا 4 مەشھۇر شەخسنىڭ ھەيكىلى تىكلەنگەن.
دىققەتنى چېكىدىغىنى شۇكى، تەڭ نىسبەتتە ئورنىتىلغان بۇ 4 ھەيكەلنىڭ ئىككىسى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەردىن مەخمۇت كاشىغەرى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپكە، قالغان ئىككىسى خىتاي يازغۇچىسى لۇشۈن بىلەن خىتاي يادرو قورال ۋە ئالەم پروگراممىسىنىڭ باشلامچىسى چيەن شيۈسېنگە ئاتاپ تىكلەنگەن.
مەلۇمكى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 1944-يىلى قۇرۇلغان. بۇ يىل 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالغان بۇ مەكتەپ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى بولۇپ، نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. بۇ مەكتەپ يەنە ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتىدىغان ئوقۇغۇچى سانى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدىكى نۇقتىلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەكتەپ مەسئۇللىرىدىن بىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«بىز مەكتىپىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرىنچىدىن مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ كېڭىشىشى، ئىككىنچىدىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بىلەن مەخمۇت كاشىغەرى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، لۇشۈن ۋە چيەن شۆسېن قاتارلىق جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن 4 مەشھۇر شەخسنىڭ ھەيكىلىنى تىكلىدۇق.»
ئۇ بىزنىڭ يۇقىرىقى 4 شەخسنىڭ ھەيكىلىنى تاللاشتا قانداق پرىنسىپقا تايانغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ھازىر مەملىكەت بويىچە ئاساسىي مائارىپ ساھەسىدە ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىش، ئەمەلىيەتچان بولۇش، مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش دېگەندەك تەشەببۇسلار قانات يايماقتا. شۇڭا بىز مەكتىپىمىزنىڭ 70 يىللىق تويىغا ئاتاپ 4 مەشھۇر شەخسنىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزۇشنى ئويلاشتۇق. 4 شەخسنى بېكىتىشتە مۇنداق ئويلاشتۇق. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدا قۇربان بولغان ۋەتەنپەرۋەر شائىر. 1956-يىلى ماۋزېدوڭ ئۆز قەلىمى بىلەن ئۇنىڭغا ئاتاپ "ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي قۇربان" دېگەن بېغىشلىما يازغان. شۇڭا ئۇنى شۇ ئاساستا بېكىتتۇق. مەخمۇت كاشىغەرى بولسا تارىختا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان تىلشۇناس ئالىم. ئالدىنقى يىلى مەخمۇت كاشغەرىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەنمۇ ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەرگەن. بىز شۇ ئاساستا ئۇنىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزۇشنى ئويلاشتۇق. ئەمدى لۇشۈنگە كەلسەك، ئۇ جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى مىللەتنى ئويغىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئۇلۇغ يازغۇچى، ئۇ جۇڭگولۇقلارنى جىسمانىي جەھەتتىن داۋالاشتىن ۋاز كېچىپ، روھىي جەھەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يازغۇچىلىق يولىنى تاللىغان. مەكتىپىمىز مىللىي مەكتەپ بولغاچقا بىز ھەم مىللىيلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش ھەم جۇڭگو ھازىرقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دەرسلىكتە تونۇشتۇرۇلغان بولۇش دېگەندەك پرىنسىپلار ئاساسىدا بۇ 4 شەخسنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەشنى قارار قىلدۇق.»
بىز ئۇنىڭدىن بۇ 4 ھەيكەلنى تىكلەشتە ھۆكۈمەت تەرەپتىن مىللىي نىسبەت تەلىپى قويۇلدىمۇ دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
«ھۆكۈمەت تەرەپتىن بەرگەن ئىقتىساد پەقەتلا مۇشۇ 4 ھەيكەلنى تىكلەشكە يەتتى. ئەسلىدە بىز تارىختا ئاقسۇ تەۋەسىدە ياشاپ ئۆتكەن يەرلىك مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەيكەللىرىنىمۇ تىكلەشنى ئويلاشقان، لېكىن ھازىرقى ئىمكانىيىتىمىز مۇشۇ 4 ھەيكەلنى تىكلەشكە يار بەردى. بۇنىڭدا ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئالاھىدە بەلگىلىمە يوق، بىز مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۆز-ئارا كېڭىشىپ قارار چىقارغان.»
ئاخىرىدا بىز ئەينى ۋاقىتتا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«مەخمۇت كاشىغەرى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەيكىلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە تىكلىنىشى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىر ئىش. بۇ مەكتەپ ئاقسۇ رايونىدا مەرىپەت مەشئىلى ياققان بىر بىلىم ماكانى. بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەن ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىمۇ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئىختىساسلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان. ھالبۇكى، ئاقسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن بۇ مەكتەپكە لۇشۈن ۋە چيەن شۆسېندەك خىتاي بىلىم ئادەملىرىنىڭ ھەيكىلىنىڭ تىكلىنىشى ئادەمگە غەلىتە تۇيۇلىدۇ. چۈنكى لۇشۈن بىلەن چيەن شۆسېن ھاياتىدا ئاقسۇغا كېلىپ باقمىغان، بىرەر سائەت دەرس ياكى لېكسىيەمۇ سۆزلەپ باقمىغان. ئۇلارنىڭ ئاقسۇ بىلەن باغلىنىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاقسۇ تەۋەسىدە تارىخچى موللا مۇسا سايرامى، شائىر نىمشېھىتتەك مەشھۇر شەخسلەرمۇ ئۆتكەن. ئاشۇ شەخسلەرنىڭ ھەيكىلى تىكلەنمەي تۇرۇپ، لۇشۈن قاتارلىق خىتاي مەشھۇرلىرىنىڭ ھەيكىلىنىڭ تىكلىنىشى بۇنىڭ كەينىدە قانداقتۇر بىر خىل سىياسىي تەشۋىقات مەقسىتىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»