گرېنلاندىيە ئارىلى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك تالىشىش نۇقتىسى بولۇپ قالامدۇ؟

0:00 / 0:00

ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ئىستراتېگىيىلىك كۈچ سىنىشىش، نېفىت، تەبىئىي گاز ھەمدە ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك كان بايلىقلىرىغا بولغان ئېھتىياج قار-مۇزلار بىلەن قاپلانغان گرېنلاندىيە ئارىلىنى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا سۆرەپ ماڭماقتا ئىكەن.

يەر مەيدانى 2 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان گرېنلاندىيە ئارىلى تاكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغۇچە بولغان ئارىلىقتا دۇنيادىكى ئەڭ چەت رايونلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە سىياسىي قىزىق نۇقتىدىن يىراقتا تۇرۇپ كەلگەن. 1940-يىلى دانىيە نورۋېگىيىنىڭ قولىدىن خەلقئارا سوتنىڭ ھۆكۈمى بويىچە گرېنلاندىيە ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا ئېلىۋالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيىسى گېرمانىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيانغا كېڭىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن گرېنلاندىيە ئارىلىغا ئەسكەر كىرگۈزگەن ۋە ھەربىي بازا قۇرغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گرېنلاندىيە ئارىلىنى دانىيىنىڭ قولىدىن 100 مىليون دوللارغا سېتىۋېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن دانىيىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئەمما سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، دانىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە ناتو قىسىملىرىنىڭ گرېنلاندىيە ئارىلىدا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغان. ئامېرىكىنىڭ ئاشۇ مەزگىللەردە گرېنلاندىيە ئارىلىغا قىزىقىشى پۈتۈنلەي ئىستراتېگىيىلىك نۇقتىدىن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي مۇز ئوكيان ئارقىلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيانغا تەھدىت سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى. ھازىر گرېنلاندىيە ئارىلىدا قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىقى كەسپىدىن پراكتىكا قىلىۋاتقان دانىيە ئارخۇس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سەمەرجان ھەسەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1991-يىلى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا گرېنلاندىيە ئارىلىدىكى ھەربىي بازىسىنى تاقاپ، ئۇنى يەرلىكلەرگە ئايرودروم سۈپىتىدە پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. شۇندىن باشلاپ گرېنلاندىيە ئارىلىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسىدىكى ئورنى نىسپىي ھالدا تۆۋەنلىگەن.

ۋەھالەنكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گرېنلاندىيە ئارىلىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇھىملىقى قايتا گەۋدىلىنىشكە باشلىغان. يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئىسسىشى نەتىجىسىدە قار، مۇزلار بىلەن قاپلانغان گرېنلاندىيە ئارىلىدا قۇرۇقلۇق يۈزىنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى ئېچىلىپ، يېڭىدىن زور مىقداردىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ھەمدە قىممەتلىك كان بايلىقلىرى بايقالغان.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكىلىشى خىتاينى خاتىرجەمسىزلەندۈرگەن، خىتاي غەرب بىلەن كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسى بولغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان رايونىدىن يوچۇق ئىزدەشكە كىرىشكەن. قار، مۇزلار ئېرىپ، قۇرۇقلۇق يۈزىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن گرېنلاندىيە ئارىلىدىن بايقالغان يەر ئاستى بايلىقلىرى، بولۇپمۇ ھەربىي قورال-ياراغ ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان قىممەتلىك كان بايلىقلىرى خىتاينىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغان. خىتاي تەرەپ گرېنلاندىيەنىڭ ئالىي ئاپتونوم ھۆكۈمىتى بىلەن مەخپىي سۆزلىشىپ مەزكۇر كان بايلىقلىرىنى سېتىۋالماقچى بولغان. ئەمما بۇ كېلىشىم دانىيىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

سەمەرجان ھەسەن يېقىندا گرېنلاندىيەنىڭ يەرلىك پارلامېنتىدا بۇ ھەقتە كەسكىن تالاش-تارتىش بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ گرېنلاندىيە ئارىلىدا بايقالغان يېڭى تىپتىكى كان بايلىقلىرىغا كۆز تىكىشى دانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن گرېنلاندىيەنىڭ يەرلىك ئاپتونوم ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۈرۈپ قويغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىغا قۇلاق سالغايسىز.