ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلاردا خىتايچە خەتلەرنىڭ كۆرۈلۈشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي بەيدۇ تورىنىڭ 2025-يىل 5-يانۋار يوللانمىسىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇرپان رايونىغا جايلاشقان يارغول قەدىمكى شەھىرىدىن يېڭى خارابىلىك ئىزى بايقالغانلىقى ۋە بۇ جايدىن ئۈستىدە «گۈرۈچ» (米)، «بۇغداي» (麦) دېگەن خىتايچە خەت يېزىلغان كومزەك قاتارلىق مەدەنىيەت بۇيۇملىرى تېپىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە يەنە مەدەنىيەت بۇيۇملىرىدا خىتايچە خەتلەرنىڭ كۆرۈلۈشى ۋېي، جىن سۇلالىلىرى ۋە 16 بەگلىك دەۋرىدە غەربىي دىياردا خىتاي تىلىنىڭ «ئورتاق تىل» بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىنغان.

بۇ ناھايىتى ئاساسسىز ۋە نادانلارچە ھۆكۈم چىقىرىلغان بىر تەشۋىقات خالاس! شۇنداق ئوخشىتىشقا بولىدۇكى، ئەگەر خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئەرەبچە ياكى ئۇيغۇرچە خەت بېسىلغان بۇيۇملار بايقىلىپ قالسا، بۇ جايدا بۇرۇن ئەرەب تىلى ياكى ئۇيغۇر تىلى ئورتاق تىل بولغان ئىدى دەپ قارىغۇلارچە ھۆكۈم چىقارساق مۇۋاپىق بولامدۇ-يوق؟

يېقىنقى يىللاردا خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا تارىم ئويمانلىقى ۋە تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدە بايقالغان قەدىمىي يۇرت خارابىلىكلىرىدىن تېپىلغان بىر قىسىم ماددىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە يازما يادىكارلىقلارنى خىتاي تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە باغلاپ ئىزاھلاش يۇقىرى پەللىسىگە چىقماقتا. بۇ ئەلۋەتتە، 2018-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئىدىيەسىگە خىزمەت قىلدۇرۇش چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەرىكەتتۇر.

مەزكۇر چاقىرىق ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، ئەسلىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە بولغان يادىكارلىقلارغا خىتاي مەدەنىيىتى تامغىسىنى بېسىپ تەشۋىق قىلماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ۋە تەشۋىقاتچىلار بىر تەرەپتىن ماددىي بۇيۇملاردا خىتاي مىللىي مەدەنىيىتى سىمۋولى ئىپادىلەنگەن دەپ جار سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي تىل-يېزىقى ئورتاق تىل بولغان دېگەن سەپسەتىلەرنى كۈچەپ تارقاتماقتا.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمەت ئورگان مەتبۇئاتلىرى ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئەڭ كۆپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان خىتايچە خەتلىك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلما بۇيۇملاردىن نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان «شەرقتىن چىقسا بەش ئەختەر، ئوتتۇرا ئىقلىمغا نەپ يېتەر» (五星出东方利中国) دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن كىمخاب يەڭلىك، چاقىلىق ناھىيەسىدىن تېپىلغان خىتاي كىلاسسىك ئەسىرى «شېئىرنامە» (诗经) دىكى مىسرالار ئويۇلغان ئەجدىھا گۈللۈك مىس ئەينەك، يەنە نىيە قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان «ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولغاي، پەرزەنتلىرىڭىز ياشنىغاي» (延年益寿葆子孙) دېگەن خەتلەر توقۇلغان كىمخاب ئىشتان قاتارلىقلار بار.

ئەسلىدە قىتئەلەر ئارا ياكى دۆلەتلەر ئارا سودا ئالاقىسى سەۋەبىدىن، مەلۇم دۆلەت تەۋەلىكىدە باشقا مىللەت ۋە باشقا مەدەنىيەتكە تەۋە بولغان ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇملارنىڭ كۆرۈلۈشى نورمال ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كىروران، نىيە، سامپۇل ۋە يارغول قاتارلىق قەدىمكى ئىزلىرىدىن بايقالغان خىتايچە خەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم تارىخىي يادىكارلىقلارنى پەش قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە مۇزېي، كۆرگەزمە ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، خىتايلارنىڭ ئەزەلدىنلا ئۇيغۇر ئېلىنى مەمۇرىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن باشقۇرۇپ كەلگەنلىكىدەك ساختا تارىخنى تەشۋىق قىلىپ، مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلەتتى.

ئىلىم دۇنياسىدا بىر قىسىم غەربلىك ئارخېئولوگلار ۋە تەتقىقاتچىلار خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا ئوخشىمىغان ھالدا، تارىم ۋادىسى ۋە تەڭرىتېغى ئېتىكىدىن بايقالغان تارىخىي بۇيۇملاردا خىتايچە خەتلەرنىڭ كۆرۈلۈشى، بۇ زېمىنلاردا ياشىغان خەلقنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن سۇغىرىلغانلىقى، خىتاي تىلىنى قوللانغانلىقى ياكى خىتاي سۇلالىلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىدا ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئىلمىي پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىسپاتلىغان ئىدى.

ئارخېئولوگلار ۋە تارىخچىلار قەدىمىي قەبرىلەردىن تېپىلغان ئاخىرەتلىك بۇيۇملار شۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىشىمىزدە مەلۇم رول ئوينىسىمۇ، لېكىن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىغا پۈتۈنلەي ۋەكىللىك قىلالمايدۇ دەپ قارايدۇ. بىر قىسىم ئارخېئولوگلار تەبىقە قاتلاملىرى ئېنىق بولغان جەمئىيەتتە، قىممەت ۋە ئەتىۋارلىق دەپنە بۇيۇملىرى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەبىقىسىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى مۇھىم ئامىل دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ.

بۇ نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، ئوخشىمىغان جايلاردىكى دەپنە بۇيۇملىرى ئوخشىمىغان قىممەت ئۆلچەملىرىنى ئاساس قىلىدۇ. مەسىلەن، ياۋروپا ۋە غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئالتۇن بۇيۇملار قىممەتلىك بۇيۇم ھېسابلانغان بولسا، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە قاش تېشى بۇيۇملىرى ۋاپات بولغان كىشىنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. يىپەك يولىغا جايلاشقان تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى قەدىمىي دۆلەت ۋە شەھەرلەردە بولسا مىلادىيە 2-ئەسىردىن 5-ئەسىرگىچە بولغان دەۋرلەردە يىپەك بۇيۇملىرى ئەتىۋارلىق بۇيۇم سانىلىپ، ئېسىل نەسەبتىكى كىشىلەرنىڭ قەبرىلىرىدە ھەمدەپنە بۇيۇمى قىلىناتتى.

گېرمانىيەلىك ئارخېئولوگ ۋە تەتقىقاتچى ئارمىن زەلبىچكا (Armin Selbitschka) يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي لىنىيەسىنى بويلىغان قەدىمكى خارابىلىكلەردىن لوپنۇر، نىيە، زاغۇنلۇق خارابىلىكلىرىدىكى 79 دانە قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان تارىخىي بۇيۇملار ھەققىدە بىرقانچە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلغان، بولۇپمۇ خىتايچە خەتلىك يىپەك بۇيۇملار ئۈستىدە ئالاھىدە مۇلاھىزە ۋە تەھلىل يۈرگۈزگەن. تەتقىقاتچى ئارمىن بىرمۇبىر رەتلەپ چىققان تىزىملىكىگە ئاساسەن، ھەمدەپنە بۇيۇملىرىنىڭ ئارىسىدا يەرلىك تاۋارلاردىن بولغان يۇڭ ۋە تېرە كىيىم-كېچەكلەر، ئوقيا، ياغاچ ئېگەر، پىچاق قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كەلتۈرۈلگەن يىپەك توقۇلما بۇيۇملىرىمۇ بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تەتقىقاتچى ئارمىن يەنە قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان يىپەكتىن ئىشلەنگەن كىيىم-كېچەك، يېپىنچا، ياستۇق ۋە ئەينەك قېپى قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ قەبرە ئىگىلىرىنىڭ كىملىكى، ئىجتىمائىي ئورنى ۋە سالاھىيىتى قاتارلىقلار بىلەن كۆپ ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئارمىننىڭ ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان قەدىمكى شەھەر دۆلەتلىرىدە يىپەك بۇيۇملار يۇقىرى تەبىقە ۋە بايلىققا ۋەكىللىك قىلاتتىكەن. شۇڭا يەرلىك كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزىنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ئابرۇيلۇق كىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەرىپىدىن يىپەك بۇيۇملارنى قوشۇپ دەپنە قىلىش ئادىتى مەۋجۇت ئىكەن. شۇڭا خىتايچە خەت چۈشۈرۈلگەن كىيىم-كېچەك ياكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ۋاپات بولغان كىشى تەرىپىدىن قوللىنىلغانلىقىنى كېسىپ ئېيتالمايمىز.

بىزگە يېتىپ كەلگەن ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ۋە ئىلمىي يەكۈنلەرگە ئاساسەن، تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمكى شەھەر ئىزلىرىدىن خېلى بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا ئۈجمە دەرىخى يېتىشتۈرۈلگەنلىكى، قەغەز ۋە يىپەك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلغانلىقى مەلۇم. ئەمما پىروفېسسور ئارمىن نىيە خارابىلىكىدىن بايقالغان زور مىقداردىكى قارۇشتى يېزىقىدىكى قوليازمىلارغا ئاساسەن، 2-ئەسىردىن 5-ئەسىرگىچە بولغان دەۋردە تارىم ۋادىسىدا يۇقىرى تەننەرخ ۋە تېخنىكا سەۋەبتىن، يىپەك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كۆپ راۋاجلانمىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بۇ جايلاردا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك يىپەكلىرىنىڭ پۇل ئوبوروت ۋاسىتىسى قاتارىدا قوللىنىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك يىپەكلىرىنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا تارقىلىشىدىكى يەنە بىر يول، خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن سودا ئالاقىسى ئۈچۈن باج تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش بەدىلىگە، ئۇلارغا يىپەك سوۋغا قىلىش يولى بىلەن تارقالغانىدى. خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ تارىختا دۈشمەنلىرىگە ھەربىي تۆلەم ياكى ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن يىپەكنى بىر تۈرلۈك يۇمشاق ۋاسىتە قىلغانلىقىمۇ بىزگە ناتونۇش ئەمەس. بۇ مىسال شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئەينى ۋاقىتتا تارىم ئويمانلىقىدىكى شەھەر دۆلەتلىرى خىتاي دۆلىتىگە بېقىنمايدىغان بولغاچقا، خىتاي سۇلالىسى بىلەن بولغان سىياسىي ۋە سودا ئالاقىسى مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئوخشايتتى. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى داۋراڭ سېلىۋاتقان «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» سەپسەتىسى ھەرگىزمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان ئوغايبالىق (نىيە)، بىم بالىغ (چىرا)، ئەسكى توخرى بالىغ (ئەندىرە)، سارامادان بالىغ (چەرچەن) قاتارلىق قەدىمكى شەھەر ئىزلىرىدىن تېپىلغان قەبرىلەردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك يىپەك بۇيۇملىرىنىڭ بايقىلىشىنىڭ يەنە بىر سىرى، يەرلىك كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن يات مەدەنىيەت ھېسابلانغان خىتايچە بېزەك نۇسخىلىرى ۋە خەت نۇسخىلىرىغا نىسبەتەن ھەۋەس بىلەن قارىغان. شۇڭا پىروفېسسور ئارمىن يەرلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە خىتايچە خەت چۈشۈرۈلگەن يىپەك بۇيۇملار، كېيىنكىلەرگە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن سېلىنغان بىر تۈرلۈك مەدەنىيەت كاپىتالى بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇندىن باشقا گېرمانىيەلىك ئارخېئولوگ ئاۋرېل سىتەيىنمۇ 1907-يىلى نەشر قىلىنغان «قەدىمكى خوتەن» ناملىق كىتابىدا، نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان ئاز بىر قىسىم خىتايچە تارىشا پۈتۈك يادىكارلىقلىرى ئۈستىدە توختالغانىدى. ئاۋرېل سىتەيىن ئەپەندىنىڭ كۆز قارىشىمۇ خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ پۈتۈنلەي ئىلمىيلىكى بولمىغان ئاساسسىز تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ جەزملەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئاۋرېل سىتەيىن خوتەن تەۋەسىدىكى نىيە قەدىمكى دۆلىتى خارابىلىكىدە خىتايچە قوليازمىلارنى ئوقۇپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، يازمىلارنىڭ يىل تەۋەلىكىنىڭ پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمرانىنىڭ 3-ئەسىردە قىسقا مەزگىل بۇ جاينى بېسىۋالغان دەۋرگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، ئۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ گارنىزون رايونىدا ھۆكۈمەت تىلى ئۈچۈن يالغۇزلا خىتاي تىلىنى قوللانمىغانلىقى، ئەكسىچە قارۇشتى يېزىقىنىڭ كەڭ دائىرىدە قوللىنىلغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ بۇ رايوننى ھەربىي جەھەتتە تولۇق ئىدارە قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ دېگەن كۆز قارىشىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك خىتايچە يازما ھۆججەتلەر تارىم ئويمانلىقىدىكى شەھەر-دۆلەتلەرنىڭ ھەرگىزمۇ تارىختىن بېرى خىتاينىڭ بويسۇندۇرۇشى ياكى باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.

دېمەك خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى خىتاي مەنبەلىك تارىخقا باغلاش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىش ھىيلىسى، ئالىملارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە يەكۈنلىرى ئارقىلىق بىر-بىرلەپ رەت قىلىنماقتا.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]