2019-يىلى دېكابىرنىڭ باشلىرىدىن 2020-يىلى مايغىچە نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇريار فوندى ئىستانبۇلدا زىيانلانغۇچىلار ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ چىقتى. ئارخىپقا تۇتقۇن، غايىپ ۋە كېسىم قىلىنغان 4577 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرى، زىيانكەنشلىككە ئۇچرىغان ئورنى، ۋاقتى، سەۋەبى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى، شۇنداقلا گۇۋاھلىق بەرگۈچىنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرى كىرگۈزۈلدى. مەزكۇر تەتقىقاتقا تۈركىيە ۋە نورۋېگىيەدىن بولۇپ 8 كىشى قاتناشقان بولۇپ، ھەممەيلەن ئالىي مەكتەپ مەلۇماتلىق، ئىككەيلەن قىز. مەزكۇر تەتقىقاتقا مەبلەغنى باش شىتابى نيۇ-يۇركتىكى كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى تەمىنلىگەن.
تەتقىقات كۆرۈشمە قىلىش، تېلىفون، ئۇچۇر ۋە ئېلخەت ئارقىلىق زىيارەت قىلىش ئارقىلىق يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئىستانبۇلدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار نىشانلانغان. تەتقىقاتنىڭ ئىزاھاتى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان، شۇنداقلا فېيىسبۇكتا ئۇيغۇريار گورۇپپىسى سەھىپىسى ئېچىلىپ تەشۋىقات قىلىنغان. تەتقىقاتتا 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 93 پېرسەنتى تۈركىيەدە ياشايدۇ. مەزكۇر تەتقىقات ئېكسېللىك جەدىۋەل، قەغەزلىك ئارخىپ ۋە ئېلكترونلۇق ئارخىپ شەكلىدە تەييارلانغان بولۇپ، قەغەزلىك ئارخىپقا زىيانلانغۇچىنىڭ سۈرىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك قىسقىچە كەچمىشى كىرگۈزۈلگەن.
ئېكسېللىك جەدىۋەلنى تەھلىل قىلغاندا، زىيانلانغۇچىلارنىڭ 80 پېرسەنتىنىڭ يېشى 20 ياش بىلەن 60 ئارىلىقىدا. بۇ ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەرنىڭ نىشانغا ئېلىنىشى ھازىر مۇنازىرە بولۇۋاتقان نوپۇس قىرغىنچىلىقى، يەنى ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا تاقىشىدۇ، چۈنكى بۇ ياشتىكى كىشىلەر نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل. جەدۋەلدىن قارىغاندا، 600 دىن ئارتۇق بالا ئىگە-چاقىسىز قالغان، يۈزگە يېقىن 70 ياشتىن ئاشقان كىشى قاراقسىز قالغان.
جەدۋەلدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى تۇتقۇندا ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچىرىغان يۇرت قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ بولغان بولۇپ، 4577 زىيانلانغۇچىنىڭ 37 پېرسەنتى قەشقەردىن، 24 پېرسەنتى خوتەندىن، 21 پېرسەنتى ئاقسۇدىن بولغان. قالغان ۋىلايەت، شەھەر ۋە يۇرتلارنىڭ ھېچ بىرىدىن تۇتۇلغانلار 10 پېرسەنتكە توشمايدۇ.
جەدۋەلدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر زىيالىلار، بايلار ۋە دىندىن مەلۇماتلىق كىشىلەر نۇقتىلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان. زىيانلانغۇچىلار ئىچىدە دوكتۇر، ماگېستىر، تولۇق كۇرۇس ۋە تېخىنىكوم مەلۇماتلىق كىشى306، ئىمام 251، تىجارەتچى 841.
مۇھاجىرەتتە تۇتۇلغان زىيالىي، ئۆلىما ۋە تىجارەتچىلەر ھەققىدە قىلىنغان مەخسۇس تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان تىجارەتچىلەر 941، زىيالىي 646، ئۆلىملار 897. بۇ قېتىمقى لاگېرلارنى «كەسىپ ئۆگىتىش»، «ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دەپ پەدازلاۋاتقان خىتاينىڭ تىجارەتچىلەرنى ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلغانلىقى مەقسەتنىڭ باشقا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
دىندا ئوقۇغانلاردىن تۈركىيە، مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇغان ۋە ساياھەتكە كەلگەنلەر كۆپرەك پالاكەتكە ئۇچرىغان. مىسىردا ئوقۇغانلاردىن تۇتقۇن قىلىغانلارنىڭ سانى 152 كىشى، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بىلەن مۇزىي قۇرۇش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقان، مەرھۇم ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ جىيەن نەۋرىسى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ بار.
تەتقىقات جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۆلىملار ئىچىدە ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھېيىتگاھ جامەسىنىڭ خاتىپى ئابدۇقادىر ساۋۇت، ئۈرۈمچى ئىسلام جەمئېيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇۋاھاپ داموللام، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىسلام جەمئېيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت مەتنىياز ۋە ئۇندىن باشقا خوتەننىڭ كىرىيە، قاراقاش ۋە قەشقەرنىڭ ياركەنت ناھىيەلىرىنىڭ ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە رەئىسلىككە تەيىنلەنگەن كىشىلەرمۇ تۇتقۇن قىلىنغان.
تەتقىقات جەريانىدا بايقالغان يەنە بىر نوقتا خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلغان تۇتقۇنلار ئىچىدە ئىلى تەۋەسىدىن تۇتۇلغانلار خېلوڭجىياڭدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئابدۇۋەلى مۇقىيىتمۇ بار.
تەتقىقات جەريانىدا بىر قىسىم لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، تۈرمىلەرگە ۋە ئالىقاچان خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەككە يوللانغانلىقى مەلۇم بولدى. بەزى ئائىلىدە كىشىلەرنىڭ پۈتۈنلەي تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكى، تۇتقۇنلار ئارىسىدا ھەتتا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىدا ئىشلەيدىغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى مەلۇم بولدى.
تەتقىقات جەريانىدا دۇچ كەلگەن ئاساسلىق مەسىلە زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا پاسسىپلىق، ئىشەنچسىزلىك ۋە خىتاي ۋەھىمىسى بولدى. مەزكۇر تەتقىقات باشلانغاندىن كېيىن، ھەتتا تەتقىقاتنىڭ چىنلىقىدىن شەكلىنىپ كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتىگە مەخسۇس خەت يېزىپ سۈرۈشتە قىلغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى.
مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ «شاھىت بىز» تورى توپلىغان ئارخىپتىن پەرقى زىيانلانغۇچىنىڭ شاھىتلىرى بىۋاستە زىيارەت قىلىنغان، زىيانلانغۇچىنىڭ كەچمىشى خاتىرلەنگەن، تورغا كىرىپ ئارخىپ تولدۇرۇشنى بىلمەيدىغان ياكى ئاشكارا گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئەنسىرەيدىغان كىشىلەر ئوبېيكىت قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق فوندى قاتارلىق تەشكىلاتلارغا مەلۇمات يەتكۈزۈلدى.
بۇ تەتقىقاتتا يەنە شاھىتلارنىڭ ئالاقە ئۇچۇرلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن، ئۇلاردىن زىيارەتنى ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن قوبۇل قىلىش ئېھتىماللىقى سورالغان. زىيارەت جەريانىدا ئىماملىققا، خاتىپلىققا زورلانغان، ۋەزىپە ئالغاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىخلاسمەن كىشىلەر، چەتئەلگە چىقىش-چىقماسلىق ھەققىدە ئانكىتنى توشقۇزغۇزۇپ ئاندىن تۇتۇپ كېتىلگەن زىيانلانغۇچىلار قاتارلىق ئېچىنارلىق كەچمىشلەرمۇ خاتىرلەنگەن بولۇپ، ئېنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە تەييار قىلىنغان. بۇنى مۇخبىرلار، تەتقىقاتچىلار ۋە پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن كېرەكلىك پاكىتلارنىڭ بۇلىقى دېيىشكە بولىدۇ.
مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.