خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسى قاتلامغا چۈشكەن كادىرلىرى راستىنىلا ئەل رايىنى بىلگىلى كەلدىمۇ؟

0:00 / 0:00

14-فېۋرال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان ئىدى.

بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار ۋە مەركەزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىن تۇنجى تۈركۈمدە 70 مىڭغا يېقىن كادىر ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلگەن. تەڭرىتاغ تورى خەۋىرىدە، 24-فېۋرال، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار، ئورۇنلار ۋە مەركەزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى «ئەل رايىنى ئىگىلەش، خەلق تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىش، ئاۋام كۆڭلىنى مۇجەسسەملەش» پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى باشلىقلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

نۆۋەتتە مۇخبىرىمىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق ئاساسىي قاتلاملارغا خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسىتى، خىزمەتكە چۈشىدىغان كادىرلارغا قانداق ئاساسلىق ۋەزىپىلەر تاپشۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى يەتكۈزىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كادىرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى تەربىيىلەش تۆت كۈن بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى مەركەز روھىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيىۋى تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سىياسەت ۋە ئاممىۋى خىزمەتنىڭ تەلىپىنى ئىگىلەپ، پائالىيەتنىڭ ياخشى باشلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارغا «شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان كادىرلاردا چوقۇم نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى بولۇشى، بولۇپمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئەمەلىي ھەل قىلالايدىغان ئىقتىدار بولۇشى كېرەك» دېگەندەك تەلەپلەرنى قويغان.

خىتاي ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار تىزىمغا ئالدۇرغان، ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسلىق رەھبىرى كادىرلاردىن تارتىپ نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىغىچە، ئورگانلاردىكى ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرىدىن ئادەتتىكى كادىرلارغىچە تۇنجى تۈركۈمدە ئاساسىي قاتلامغا بېرىشنى بەس-بەستە تەلەپ قىلغان. نىشانلىق ياردەمگە كەلگەن نۇرغۇن خىتاي كادىرنىڭ بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئالمىشىدىغان ۋاقتى توشىدىغان بولسىمۇ، مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، كەنتلەردە تۇرۇپ خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار 24-فېۋرالدىن 27-فېۋرالغىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى تۆت كۈن مەركەزلىك تەربىيەلەيدىكەن، تارماقلار تۆۋەنگە ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارنى ئاز بولغاندا ئۈچ كۈنلۈك مەخسۇس تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، كادىرلارنىڭ زۆرۈر سىياسەت، ئۇسۇل-چارە بىلىملەرنى ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشىگە، ئورگان كادىرلىرىنىڭ تېزدىن ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشىغا ياردەم قىلىدىكەن. 1-مارت ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىن تۇنجى تۈركۈمدە تۆۋەنگە ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارنى ئۇزىتىش يىغىنى ئاچىدىكەن، ئۇلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نۇقتىلىق مۇرەككەپ كەنتلەرگە ئورۇنلىشىدىكەن. 5-مارتتىن بۇرۇن ھەر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى خىزمەت نۇقتىلىرىغا بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدىكەن.

خوتەن ۋىلايىتىدىكى گۇما ناھىيەسىنىڭ بىر كەنت ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنىغا قاتناشقان بىر كەنت كادىرى، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئاساسەن تولۇق يېتىپ كەلگەنلىكى، ئالدىمىزدىكى دۈشەنبىدىن باشلاپ خىزمەت باشلايدىغانلىقى، كەنتلەردە بىر يىل تۇرىدىغان بۇ خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئالدىنئالا يوتقان-كۆرپە، ئوچاق قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى غەملەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى «ئەل رايىنى ئىگىلەش، خەلق تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىش، ئاۋام كۆڭلىنى مۇجەسسەملەش» پائالىيىتى ئۈچۈن ئاساسىي قاتلاملارغا چۈشۈرىدىغان كادىرلارنىڭ ئاساسلىق خىزمەتلىرىنى-يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، ئاسراش تۈزۈمى كۈچەيتىلىدۇ، ۋەھاكازالار دەپ تەشۋىق قىلغان ئىدى. بۇ كەنت كادىرى بولسا تەربىيىلەش كۇرسىدا، ئاساسىي قاتلامغا كەلگەن خىتاي كادىرلارنىڭ يەنىلا مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلىگەنلىكىنى، كۇرس خىتايچە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن مەقسەتنى ئانچە تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى: «گەرچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈش پائالىيىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك بىر قېتىملىقى ھېسابلانسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ ئۈنۈمىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇيغۇر خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىنى بۇرۇنلا يوقاتقان، مۇبادا بۇ قېتىم خىتاي كادىرلىرى راسلا خەلقنىڭ رايىنى سورايمەن دەپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، خەلقنىڭ ئۇلارغا دەردىنى ئېيتىشقا، راست گېپىنى قىلىشقا رايى بارامدۇ؟» دەپ سوئال قويدى.